تېز كۆرۈش
نەزەر
بەس مۇنازىرە
پايدىلىق خەۋەرلەر
جاھاندىكى ئىشلار
تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
ئۆزىمىزگە نەزەر
مەدەنىيەت - سەنئەت
ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
چولپانلىرىمىز
تارىخى ئىشلار
تېل-يىزىق
ئۇيغۇر تائاملىرى
تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۆڭۈلدىكى سۆزلەر
نىكاھ ۋە ئائىلە
تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پەرزەنىت تەربىيىسى
ساغلاملىق
مۇھاببەت كەچۈرمىشلىرى
قانۇندىن ساۋات
تىببىي ساۋاتلار
كۆڭۈل ئىچىش كۇلۇبى
مۇنبەر ناخشا-مۇزىكا ئارامگاھى
سۈرەتلىك فىلىملار
لەتىپە - يۇمۇرلار
ئويۇنلار
رەسىملەر دۇنياسى
تور ۋە كومپىيۇتېر
تور بىلىملىرى
كومپىيۇتېر ئۇچۇرلىرى
QQ بىلىملىرى
ھەقسىز تور بەت كودلىرى
تور بىكەت ئۇچۇرلىرى
ئەدەبىيات گۈلزارى
ھىكايە ، شىئېرلار ، نەسىرلەر
پەن ۋە مائارىپ
ئاقيول قەلەمكەشلەر سەھىپىسى
خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى
بالىلار ئەدەبىياتى
تەرمىلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر سالۇنى
مۇنبەر ئىشخانىسى
ئاقيول چايخانىسى
پىكىر - تەكلىپلەر
مۇنبەر ئېلان رايۇنى
ئاقيول لوڭقىسى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر
كىرىش
تىزىملىتىش
游客
يازما:
بۈگۈنكى:
تېمام
ئىنكاسلىرىم
ساقلىغۇچۇم
دوستلىرىم
باش بەت
ئىزدەش
مۇنبەر مۇلازىمىتى
ئېلان باشقۇرۇش
مەھەللە
مىدال مەركىزى
ئاساسىي ئۇچۇر
IPسىتاتىستىكىسى
باشقۇرغۇچىلار
باشقۇرۇش ئەھۋال
توردىكىلەر
ئەزا دەرىجىسى
سەھىپە دەرىجىسى
يازما دەرىجىسى
تەۋسىيە دەرىجىسى
wind
ئاقيول لوڭقىسى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر
ھىكايە ، شىئېرلار ، نەسىرلەر
چولپانلىرىمىز
جاھاندىكى ئىشلار
كومپىيۇتېر ئۇچۇرلىرى
ئۆزىمىزگە نەزەر
ئاقيول مۇنبىرى
»
چولپانلىرىمىز
»
ناسۇھا ئىمىننىڭ ھايات پائالىيتى
كىيىنكى تېما
ئالدىنقى تېما
يېڭى تېما
تىما : ناسۇھا ئىمىننىڭ ھايات پائالىيتى
ئادرېسىنى كۆچۈرۈش
|
ساقلىۋېلىش
|
پىرىنتىرلاش
ziba
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
ئاپتورنىڭ ماتېرىيالى
قىسقا ئۇچۇر يوللاش
UID نومۇرى:
50
جەۋھەر يازمىسى:
1
يوللىغان يازمىسى:
104
ئۇنۋان:
3
دەرىجە
جۇغلانما:
111
پۇلى:
104
تۆھپىسى:
0
ياخشى باھا:
0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش:
2010-06-16
ئاخىرقى:
2010-07-28
0تال
يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 13:18
باش يازمىنى كۆرۈش
| چوڭ كىچىكلىكى:
كىچىك
نورمال
چوڭ
ناسۇھا ئىمىننىڭ ھايات پائالىيتى
ناسۇھا ئىمىننىڭ ھايات پائالىيتى
شائىر ناسۇھا ئىمىن 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن دېمكۇراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى .
مەرىپەتپەرۋەر شائىر ناسۇھا ئىمىن 1888- يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ دادىسى ھۈنەرۋەن بولۇپ ، موزدوزلۇق قىلاتتى. تۇرمۇشى غورىگول ئۆتەتتى. ناسۇھا يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ يېتىم قالدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئاكىلىرىدىن ئىبدىمىن ، مەسۇماخۇنلارنىڭ تەربىيسىدە بولدى . ناسۇھا كىچكىدىنلا زېرەك ، ھوشيار ، ئۆتكۈر بالا ئىدى . ئاكلىرى ناسۇھانىڭ بۇ ئۆزگىچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۇ توققۇز ياشقا كىرگەندە مەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بەردى . ساۋاتسىزلىق بىلەن بىلىمسىزلىك دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئاكلىرى ناسۇھانىڭ ياخشىراق ئوقۇشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تولۇق شارائىت يارىتىپ بەردى . ناسۇھا 17 ياشقىچە ئەزىز ئاخۇنۇمدا ئوقۇپ دىنىي بىلىم ئېلىپ ، ساۋاتىنى چىقاردى . ئۇ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە شئېرىيەتكە ئىشتىياق باغلاپ ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنى تېپىپ ئوقۇپ ، ئەدەبىي بىلىمىنى ئاشۇردى . نەۋائىي ، ھۇۋەيدا ، مەشرەپ ۋە موللا بىلال قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شئېرىلىرىنى ئوقۇپ يادقا ئالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ ، شئر يېزىشنى باشلىدى .
مەرىپەتكە ئىشتياق باغلىغان ناسۇھا تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ئىبلەن ، ئاكىلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ھىممىتى بىلەن 1905- يىلى مىسىرغا بېرىپ ، قاھىرەدىكى ئەزھەر دارىلفونۇنىغا ئوقۇشقا كىردى . بۇ مەكتەپتە 10 يىل ئوقۇپ ، دىنىي ھەم پەننى بىلىملىرىنى ئۆگەندى . ئەرەپ ، پارس تىلىنى ، ئەرەپ ، پارس ، تۈرك ئەدەبىياتىنى قېتىر - قېنىپ ئۆگەندى . يېزىقچىلىق جەھەتتىمۇ روشەن نەتىجىگە ئېرشىتى . شۇ مەزگىلدە ئەتراپتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كۆپلىگەن ئالىملار ، شائىر ، يازغۇچى ، مۇددەرسىلەر ئەزھەر دارىلفۇنۇنىغا كېلىپ - كېتىپ تۇراتتى. ناسۇھا ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە ھەم مۇھاكىمىلەردە بولۇپ ، ئۇلاردىن دۇنيا ئەھۋالى ، شۇ دۆلەت، شۇ رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ، پەن - تېخنىكا ، مائارىپ ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ ، ئىدىيۋى ئېڭى ئۆستى . ئىلىم - پەننىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان زۆرۈرۈىيتى ھەققىدىكى تونۇشى چوڭقۇرلاشتى . ئۇ شۇ چاغلاردا ئۆز يۇرتىنىڭ نادانلىق ئىلكىدە ئىڭراپ ، خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ ، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى كۆڭلىگە پۈكتى . تىرىشىپ ئوقۇپ ، كۆپلەپ بىلىم ئېلىپ ، غۇلجىغا قايتىپ ، غۇلجىدا مەرىپەت چىرىغىنى ياندۇرۇپ قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇش قارارىغا كەلدى . ئۇ 1915- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتماقچى بولدى . بۇ چاغدا ناسۇھانىڭ ئۇستازلىرى ناسۇھانى مەكتەپتە قېلىشقا ياكى بۇخاراغا بېرىپ مۇدەررىس بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. لېكىن ، ۋەتەنپەرۋەر ناسۇھا يۇرتىنى ، مىللىتىنى ئويلاپ ، ئۇلارنىڭ دىلىنى يورۇتۇشنى ، ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھېسابلاپ ، غۇلجىغا قايتىپ كەلدى . ئۇ شۇ چاغدىكى مەھكىمە شەرئىدىكى قازى ، مۇپتىلار ئالدىدا ئىمتھان بەرگەندە ، ئۆزىنىڭ مول بىلىمى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان ۋە غۇلجا شەھرىدىكى ئەلا باي مەسچىتىكە خاتىپلىققا تەيىنلەنگەن . خاتىپلىق قىلىش جەريانىدا خەلىققە ئىلىم - پەن ، مەرىپەت ئۆگىتىش ، خەلقنى نادانلىق ، غەپلەتتىن ئويغىتىش ، باشقا ئەللەرنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن شوغۇللانغان . شۇ چاغدىكى يېڭىلىققا ئىنتلگۈچى مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ، مەسچىت يېنىدا مەكتەپ ئېچىپ 100 دىن ئارتۇق بالىنى ئوقۇتقان . مەكتەپتە دىنىي دەرستىن باشقا، يەنە تىل - ئەدەبىيات ، ھېساب ، جۇغراپىيە ، ئىلمي نۇجۇم ، پەلسەپە تارىخ دەرسلىرىنى تەسىس قىلغان . ناخشا ئۆگەتكەن ، گىمناستىكا ئويناتقان . ئېزىلىش ، قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىق ، خۇراپاتلىق بىلەن تەرەققىيپەرۋەرلىك گىرەلىشىپ كەتكەن غۇلجا مۇھتىدا مەرىپەت ئوتى تۇتاشتۇرۇپ ، مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچقان . ئۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنمى بىلىم ئېلىپ ئۆز ئىستىقبالىغا ئېرىشىشكە دەۋەت قىلغان . ئۇلارنى زوراۋانلىققا ، مۇتەئەسسىپلىككە ، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان . ناسۇھانىڭ مەرىپەت يولىدىكى بۇ خىل تىرشىچانلىقىلىرى خەلىق ئاممىسىنىڭ ، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ، تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ئۇنى پائال قوللىدى . بىراق فىئودال ، مۇتەئەسسىپ ، خۇراپىي كۈچلەر قاتتىق قارشىلىق قىلدى . ناسۇھا داموللام ئۇلارنىڭ قارشلىقىغا قارىماي ، ئۆزى ئاچقان ھەققانىي يولدا مېڭىپ ، ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۋەردى . ناسۇھانىڭ تەشۋىق - تەرغىباتى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ، ئاقارتىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شۇ چاغدىكى خۇراپىي كۈچلەر - ئالانىيەت ئۆلىما ، قازى ، مۇپتىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمىدى . شۇڭا ئۇلار :<< دىنىمىزنى بۇزدى >>، خەلقنى غەيرىي يولغا باشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ >> ، << جەدىتىچە مەكتەپ ئاچتى >> ، << كالتە قۇيرۇق >> دەپ بەدنام چاپلاپ ، ناسۇھا داموللىنىڭ ئۈستىدىن مەھكىمە شەرئىتگە ئەرز قىلدى . ناسۇھا داموللا مەھكىمە شەرئىدە ئۆز ئىشىنىڭ توغرىلىقىنى نۇرغۇن ئەمەلىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇتۇشنى ، تەرغىباتنى توختىتىپ قويمىدى . خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن قولىغا قەلەم ئېلىپ شئېر يازدى . تۆھمەت ، ئادالەتسىزلىك ، چېقىمچىلىق ، قانچىلىك كۈچەيسىمۇ ، ئۇ ئوقۇتۇش ، ئىجاد قىلىشنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇردى ، ئەقىدىسىدىن يانمىدى . ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان دەردۇ كۈلپەتلەر ، ئازاب- ئوقۇبەت ، يەكلەش ، چەكلەشلەر روھىي ئازاب پەيدا قىلىپ شائىرنىڭ سالامەتلىكىنى ناچارلاشتۇرۋەتتى. ئۇ بىر مەزگىل غۇلجا شەھىرىدىن چىقىپ كېتىپ ، خالىيراق جاي - جاغىستاي ، خۇنخاي قاتارلىق يېزىلاردا يۈرۈپ ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇردى . لېكىن ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن پايلاقچىلار كۆپەيدى ، بەتنام ئۈستىگە بەتنام توقۇلدىق . دۇبەننىڭ تۇڭچىسى ئادىل بەگ قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تىنتىپلا يۈردى . 1924- يىلى مەرىپەتپەرۋەر ۋە شائىر ئابدۇقادىر داموللا قەشقەردە سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى . شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر خىل تەتۈر قويۇن پەيدا بولۇپ ، ئەكسىيەتچىلەر، كونىلىق تەرەپدارلىرى ، فېئودال كۈچلەر تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كەتتى. غۇلجىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى . غۇلجىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زات ئابدۇراخمان ئەپەندى دوتەي تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ ، ئۈرۈمچىگە پالاندى . شۇنىڭ بىلەن يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بىلەن كونىلىق تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. يېڭىلىق تەرەپدارلىرى ، مەرىپەتپەرۋەرلەر ۋە ئىلغار پىكىر پىكىر ئېقىمىدىكى دىني زاتلار قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالدى . ناسۇھا داموللا قاتارلىق خەلقچىل كىشلەرنىڭ ئىلغار پائالىيتى پۈتۈنلەي چەكلەندى . ناسۇھانىڭ ئاچقان مەكتىپى تاقىلىپ ، ئۆزىنىڭ جامائەت ئىچىدىكى پائالىيەتلرىگە چەك قويۇلدى . ئۇنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ ئىچىدە قالدى . ۋەزىيەتتىكى بۇنداق جىددىيلىك ناسۇھانى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، يۇرتنى تاشلاپ ، چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى . ئۇ ۋەزىيەتكە قاراپ ئېچىنغان ۋە خورسىنغان ھالدا مۇنداق يازدى :
جاپا - جەبىرىنى كۆردۈم، ۋاپاسىنى كۆرمىدىم ئەسلا ،
ۋاپا ئىزلەپ بۇرادەرلەر كوپتارى جاپا بولدۇم .
ناسۇھا ھەسرەت ئېيتىپ ، يىغلىساڭ مىڭ يىل ئەگەر ،
ئاقىۋەت ئۆلمەك ئېرۇر ئىلاجىنى قىلالمىدىم .
ناسۇھا داموللا 1928- يىلى ئىلىنىڭ خۇنخاي يېزىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتتى.
ناسوھا داموللا قازاقستان ، قىرغىزىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا بولغان . يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كولخوز قۇرغۇچىلىرى بىلەن قايناق ئەمگەك مەيدانلىرىدا بىللە ئىشلىگەن ، ھەر خىل سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ شەيئىلەر ۋە مەسلىلەرگە بولغان ئىلمي قاراشلىرى ، مول بىلىمى، دانا، ئادىل پىكىرلىرى بىلەن خەلىق ئىچىدە شۆھرەت قازانغان ، يۈكسەك ئابروي - ئىناۋەتكە ئېرشىكەن . بولۇپمۇ ، ئۆزىنىڭ دنىي جەھەتتىكى يۇقىرى سەۋىيسى ، ناتىقلىقى بىلەن قىرغىز ئاممىسى ئىچىدە قىزغىن قارشى ئېلىنغان . ئۇنىڭ ئاخىرىقى ئۆمىرى قىرغىزىستاننىڭ قارا قول شەھىرىدە ئۆتكەن . ئۇنىڭ ھازىر ئىككى قىزى بار . بىرىنىڭ ئىسمى سەلىخە، بىرىنىڭ ئىسمى سۈرەييە ، بۇ قىزلارنىڭ بىرى ھازىر قىرغىزىستاننىڭ قارا قولدا، يەنە بىرى بولسا ئۆزبېكىستاندا ياشايدۇ . ناسوھا داموللا 1955- يىلى قىزغىزستاندا ۋاپات بولغان . ئۇ چەت ئەلدە ياشىغان مەزگىللىرىدىمۇ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان . لېكىن بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىدىن ، ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئەسەرلىرى يىغىپ توپلانمىغان . شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتىگە دائىر مەلۇماتلار ئەڭ دەسلەپ << ئىلى گېزىتى>>نىڭ 1982- يىلى 14- يانۋار سانىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئىجادىيتى ئۈستىدە ئىلمي تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىپ ، ئەسەرلىرى خەلىق ئاغزىدىن ۋە قوليازمىلاردىن خاتىرىلۋېلىندى ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى .
-سىز كۆرۋاتقان تىما
ناسۇھا ئىمىننىڭ ھايات پائالىيتى
,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
تەۋسىيەلەش
kitap
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
ئاپتورنىڭ ماتېرىيالى
قىسقا ئۇچۇر يوللاش
UID نومۇرى:
119
جەۋھەر يازمىسى:
0
يوللىغان يازمىسى:
21
ئۇنۋان:
2
دەرىجە
جۇغلانما:
1
پۇلى:
21
تۆھپىسى:
0
ياخشى باھا:
0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاش:
2010-07-22
ئاخىرقى:
2010-07-25
1تال
يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 13:24
ئاپتورنىڭكىنى كۆرۈش
| چوڭ كىچىكلىكى:
كىچىك
نورمال
چوڭ
BIZ KAMDAK KIXLARNING AWLADI????????????????? BIZ KANDAK ADAM BOLIXMIZ KERAK??????????????????????? MANA BU BIZ HAR WAKIT , HAR ZAMAN OYLIXIP TURUDIGAN ADIMIYLIK TAPAKKUR NIXANIMIZ BOLIXI KERAK.
چوققا
ئىنكاس
نەقىل
تەۋسىيەلەش
ئالدىنقى تېما
كىيىنكى تېما
ئاقيول مۇنبىرى
»
چولپانلىرىمىز
/bbs
زىيارەت مەزمۇنى بېكىتىمىز دائىرىسىدىن ھالقىدى،بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ
داۋاملاشتۇرىمەن
زىيارەتنى توختىتىش