تىما : ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ھايات پائالىيتى
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 104
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
جۇغلانما: 111
پۇلى: 104
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 13:09

ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ھايات پائالىيتى


 
 

ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ھايات پائالىيتى

   ئابدۇرېھىم ھاجى 1896- يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھيسىنىڭ قورغان يېزىسىغا قاراشلىق ھەزىرەت كەنتى ئاياغچىلار مەھەللىسىدە، چوڭ ئاخۇن ھاجىم ئىسىملىك دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى باياشادچلىق ئىچىدە ئۆتكەن . ئۇ ئاپاق خوجا مازىرى يېنىدىكى مەدرسىدە ئوقۇپ باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ، چاھارسۇدىكى ئاقىيە مەدرسسىدە ئوقۇدى . بەش يىلدىن ئارتۇق ئوقۇش جەريانىدا دىنىي مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى ، ئەرەب، پارس تىللىرىنىمۇ ئۆگىنىپ ، بۇ تىللاردىكى كىتابلارنى بىمالال تەرجىمە قىلالايدىغان ، قۇرئان - ھەدىسنى ئوقۇپ مەنە ئېيتالايدىغان ئىقتدارىنى يېتلدۈردى .
   چوڭ ئاخۇن 1914- يىلى ھەج سەپىرىگە ئاتلانغاندا ، ياشىنىپ قالغانلىقتىن ، ئوغلى ئابدۇرېھىمنى ھەمراھ قىلىپ ئېلىپ ماڭدى . ئۇلار ئەرەبسىتانغا بېرىپ ھەج پائالىيتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، مىسىر، ئىراق، ئىرانلاردا بىر مەزگىل سەيلە- ساياھەتتە بولۇپ ، مۇددەرسلەر - ئالىملار بىلەن تونۇشتى، ئىلمي سۆھبەتلەردە بولدى . تۈركىيدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتتىن كېينكى تۈركىيدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىش، تەرەققىياتلار ياش ئابدۇرېھىم ھاجىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلار ئەنجانغا كەلگەندە ، روسىيدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلاپ ، يول توسۇلۇپ قالغانىدى. ئىنساننى خارلىق ۋە زبۇنلۇقتىن ساقلاپ قېلىشتا بىلىمنىڭ خاسىيتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئابدۇرېھىم ھاجى شۇ پۇرسەتنىمۇ قولدىن بەرمەي ، ئىلىم - مەرىپەتكە بولغان قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن بۇخاراغا بېرىپ ، ئۇ يەردىكى مەدرسلەرنىڭ بىرىدە ئىككى يىل ئوقۇدى . ئىلمى نۇجۇم ) ئاسترونومىيە ( ، ھەدىس، ئىلمي مەنتىق )لوگىكا ( ، ئىلمىي پاساھەتتىن بىلىم ئىگىلىدى. جوڭگۇ - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ۋە سودا ئالاقىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ئارقىسىدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش پۇرستىگە ئىگە بولغان ئابدۇرېھىم ھاجى ئۆز ۋەتنىگە كېلىپلا خەلىق ئاممىسىنى ئويغىتىش پائالىيتىنى باشلىۋەتتى. ئۇ چەت ئەلدە ئالغان تەسىراتلىرىنى كىشلەرگە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېڭىلىققا ئىنتلىش تۇيغۇسىنى قوزغىتىپلا قالماستىن ، يەنە قولىغا قەلەم ئېلىپ << جەننەتۇل ئەلا ۋەتىنىم >> ، << ئوغلۇمغا نەسىھەت >> دېگەن ماۋۇزۇلاردا شئېرلار يېزىپ ، خەلىق ئاممىسىنى جاھالەتتىن قۇتۇلۇپ خارلىق كىشەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ، مۇستەبىتچىلىككە قارشى تۇرۇپ ، ئازادلىق ، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ، خۇراپاتلىققا ئوت ئېچىپ ، پەن - مەدەنىيەت ئىگىلەپ ، يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئۈندىدى ، ئائىلىسىدە شەخسي مەكتەپ ئېچىپ ئاقارتىشنى يولغا قويدى. بىراق ، ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ خەلىق ئاممىسىنى ئويغىتىش ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىش يولىدىكى بۇ خىل ھەرىكەتلىرى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ئۇنىڭ شەنىگە بوھتانلارنى توقۇدى . ئۆز ھاياتىغا تەرەپ - تەرەپتىن كېلىۋاتقان خەۋپنى سەزگۈرلۈك بىلەن سېزىپ تۇرغان شائىر ئابدۇرېھىم ھاجى ۋاقىتنچە دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللىنىش يولىنى تاللىۋالدى .
    1931- يىلدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا چوڭ ئىنقىلاب دولقۇنى كۆتۈرۈلدى . قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە زۇلۇم ئىسكەنجىسىدە چىرمىلىپ ياتقان شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەزەپ چاقمىقىنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىپ ، ئۇلارنى جاھانگىرلىككە ، مىلتارستلىققا، فئېودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش بايرىقى ئاستىغا بىرلەشتۈردى. خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قوراللىق كۆرىشى ۋە ھەققانىي غەزەپ - نەپرىتى مىلتارسىت جىن شۇرېننى ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تاشلاپ قېچىشقا ، شۇ پۇرسەتتە ئىنقىلابنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان شېىڭ شىسەينى ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر قىلدى. بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن دېمكۇراتىيە ، ئەركىنلىك ، تىنىچلىق ۋەزىيتى خەلىق ئاممىسنىڭ جاھالەت ، نادانلىقتىن قۇتۇلۇشىغا چوڭ ياردەم بەردى. ئىلگىرى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشلىقىغا ئۇچرىغان بىر قىسىم پەنني مەكتەپلەرمۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ، جانلىنىشقا باشلىدى . بۇ ياخشى ۋەزىيەتتىن ئىنتايىن خۇشاللانغان ئابدۇرېھىم ھاجى نۆۋەتتە جۇش ئۇرۇپ قايناپ ، كۈندىن - كۈنگە يامراپ كېلىۋاتقان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ 1934- يىلى گۈلباغدىكى پەننى مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى، 1935- يىلى ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ، ھەتتا توقسۇن ، تۇرپانلاردىنمۇ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوردا ئشىكىدىكى دارىلمۇئەللىمىنگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئىشلىدى . بۇ مەكتەپ ئۇنىڭغا تولىمۇ مۇھتاج ئىدى .
بىر مەزگىل ساختا تون بىلەن نىقابلىنىۋالغان شېڭ شىسەي 1940- يىلدىن كېيىن يىرگىنىشلىك قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى. ئوچۇق - ئاشكارا تېررورلۇق يۈرگۈزۈپ ، جاي - جايلاردىكى مەرىپەتچى بىلىملىك زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىدى . ئابدۇرېھىم ھاجى ئەينى يىللاردىكى مەدەنىيەت ، مائارىپ سېپىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىي ھېسابلىناتتى، ۋەزىيەت ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئاقسۇغا يۆتكەشكە مەجبۇر قىلدى . ئۇ ئاقسۇ ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا ئۈچ يىلدەك كاتىپلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەندىن كېيىن ، 1941- يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ھەزرەتتىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى . 1943- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىنىڭ قوغان شۆبە ئۇيۇشمىسىغا ئالمىشىپ ، بۇ جايدا ئۆمىرىنىڭ ئاخرىغىچە ئىشلىدى . ئابدۇرېھىم ھاجى 1944- يىلى 6- ئايدا 48 يېشىدا ھاياتى بىلەن خوشلاشتى . پېشقەدەم مائارىپچى ، تالانتلىق شائىر ئابدۇرېھىم ھاجى ئاشۇ چەكلىك ئۆمىرىدە ۋەتەن ، مىللەتنى جاھالەت ئىلكىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا ھارماي - تالماي كۆرەش قىلىشتىن تاشقىرى ، يەنە رېئال ۋە تارىخي قىممەتكە ئىگە ئىجادىي ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئابدۇرېھىم ھاجىنىڭ ھايات پائالىيتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 119
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 21
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-25
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 13:17

BIZ MILLI MAARIP  UQUN KAN-TAR AKKUZGAN , HAYATINI TAKDIM KILGAN XU PEXWA ADIPLIRMIZNI MANGGU ASLAYMIZ HAM ULARNING YATKAN YERNING JANNATTA BOLIXGA  TILAKDAXLIK BILDURMIZ
!!!!!!!!!!!!!!!!1