تىما : ئابدۇسسالام(1926-1993)-1979-يىللىق نوبېل ساھىبى
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 104
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
جۇغلانما: 111
پۇلى: 104
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 13:02

ئابدۇسسالام(1926-1993)-1979-يىللىق نوبېل ساھىبى

دانىشمەن ئۇستاز دوكتۇر ئابدۇسسالام
نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،فىزىكا ئالىمى مۇھەممەد ئابدۇسسالام(Abdus salam)1926-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسى لاھۇر شەھىرى يېنىدىكى جاڭگى بازىرىدا تۇغۇلغان.ئابدۇسسالام ئائىلىسى مۇستەھكەم ئىسلام ئېتىقادى ۋە دىنىي كەيپىيات ئىچىدە تۇرمۇش ئۆتكۈزەتتى.ئابدۇسسالام تىرىشچان،ئەقىللىق بالا بۇلۇپ،دائىم كىشلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان تالانتىنى كۆرسەتكەنلىكتىن جاڭگى بازىرىدىكى كىشلەر ئۇنى«ئەۋلىيا بالا»دەپ ئاتايتتى.
ئابدۇسسالام 1940-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن پەنجاپ ئونۋېرستىتىغا قۇبۇل قىلىنىپ 1946-يىلىغچە ماتىماتىكا پەنلىرىنى ئۆگىنىدۇ. 1946-يىلى .ئەنگىلىيە كېمبىرىج ئونۋېرستىتىغا ئۇقۇشقا كىرىدۇ.
ئابدۇسسالام1948-يىلى كېمبىرىج ئونۋېرستىتىنى فىزىكا،ماتىماتىكا پەنلىرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.1952-يىلى كېمبىرىج ئونۋېرستىتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكا جەھەتتىكى پەلسەپە دوكتورلوق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ.ئەنگىلىيەدە تۇرغان ۋاقىتلاردا سنىت-جون ئىنىستىتۇتى ۋە فولستون ئالى تەتقىقات ئاكادىمىيسىدە ئاساسىي زەررىچىلەر ئۈسىتىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.1952-يىلى پاكىستانغا قايتىپ 1954-يىلغىچە لاھور ئونۋېرستتىدا پروفېسسور ۋە ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ.
ئۇچاغلاردا پاكىستاندا يالغۇز بىرلا فىزىكا ئالىمى-ئابدۇسسالام بولغانلىقتىن،ئىلىم-پەن ساھەسىدە يىگانە قېلىپ،بەكمۇ يىتىمسىرەيدۇ،ھەم بۇنى ئۆزى ئۈچۈن كەسىپتە چىكىنىش دەپ قاراپ،1954-يىلى كىمبىرىج ئونۋېرستىتىغا قايتىپ كىلىدۇ.1954-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە كېمبىرىج ئونۋېرستىتدا لېكتور،1957-يىلىدىن باشلاپ لوندون ئېمپىرىيە ئونۋېرستتىدا نەزەرىيە فىزىكا پروفېسسورى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ.1959-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە پاكىستان پەن-تېخنىكا كومىسسارى،ئاتوم ئېنىرگىيە كومىتېتى ھەيئەت ئەزاسى،1964-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە پاكىستان پرېزدنتىنىڭ ئىلىم-پەن باش مەسلىھەتچىسى،1964-يىلىدىن باشلاپ ترىيېست خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكا مەركىزىنىڭ رەئىسى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم-پەن مەسلىھەت مۇلازىمەت ھەيئىتى،ۋە 1971-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم-پەن مەسلىھەت ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. 1968-يىلى «ئاتوم ئىنىرگىيسىنى تىنىچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش»مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1968-1978-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە،ئون نەچچە خەلقئارا ئىلمى ئورگانلارنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1970-يىلى سىتوكھېلىم خەلقئارا تىنىچلىق تەتقىقات ئورنى ھەيئىتى،شىۋېتسىيە خانلىق ئاكادېمىيسىنىڭ ئاكادېمىكى،سوۋېت،ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ چەتتىكى ئاكادېمىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.ئۇ بۇ جەريانلاردا200پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالەيازىدۇ.دۇنيا بۇيىچە داڭلىق يەتتە ئونۋېرستىت ئابدۇسسالامغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىدۇ.
پاكىستان فىزىكا ئالىمى ئابدۇسسالام ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى گراسوۋ ۋە ۋېيندبېرىگلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئالدا ئېلېكتىر ماگنىت كۈچى بىلەن ئاجىز يادرو كۈچىنىڭ مەنبەسى ئورتاق بىرخىل ئەڭ ئاساسى كۈچ –ئاجىز ئېلېكتىر كۈچىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى.شىۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيسى ئابدۇسسالام،خارۋارد ئونۋېرستتىنىڭ پروفىسسورى گراسوۋ،ۋېنبىرگلارغا 1979-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئاجىز تەسىر كۈچ بىلەن،ئېلېكتىر ماگنىت تەسىر كۈچىنىڭ بىرلىكى توغرىسىدىكى نەزەرىيىنى ياراتقان ئاجايىپ تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى.ئۇ پۈتۈن ئىسلام ئەللىرى فىزىكا ئالىملىرى ئىچىدە بىردىن- بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم بولدى.
ئابدۇسسالام قارىماققا قالايمىقان،پارچە- پۇراتتەك كۆرۈنگەن ھادىسىلەر بىلەن كۆمۈلۈپ ياتقان تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماسلىقنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش ماڭا ئوخشاش بىر ئەمىلىيەتچى مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارايدۇ.شۇڭلاشقا،ئۇ 1951-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت كۈچىگە باي ئىلمى ھاياتىنى باشلايدۇ.نۇرغۇنلىغان«كىشىنىڭ روھى دۇنياسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىدىغان»جەريانلار كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان مېڭىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.شۇڭا،بىر نەزەرىيە فىزىكا ئالىمىنىڭ قانداق خىزمەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس.
ئابدۇسسالامنىڭ ئىلمى ھاياتىدا،باشتىن-ئاخىر«ئىجادىيەت كۈچى»نىڭ ئالاھىدىلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«بەزى نەزىرىيچىلەر ئىنكارچىلاردۇر،ئۇلار پەقەت كۆز قاراشنىڭ خاتاسى نەدىلىكىنى كۆرسىتىشكىلا ماھىر،لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ.مەن يىڭى ئىددىيلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى خالايمەن.»ئاجىز يادرو كۈچى بىلەن ئېلېكىر ماگنىت كۈچىنىڭ بىرلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش،ئابدۇسسالامنىڭ باي ئىجادىيەت كۈچىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىلىنىشى بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىجادىيەت كۈچى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بىلەن توختاپ قالمىدى.ئۇ يەنە ئالەمنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ سىرىنى توختاۋسىز ئىزدىمەكتە.
بىز بۇ ئالىمنىڭ خەلقئارا ئىلمى پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېلگىرىلەپ چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىتالىيەدە تېرىست خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكا مەركىزى(ICTP)نى قۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتسەك ئارتۇق بولماس!
دەرھەقىقەت ICTPنىڭ قۇرۇلۇشى،گۈللىنىشى،ئابدۇسسالامنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ،جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بۇ قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن،ھارماي- تالماي تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ باشقا بىر جەھەتتىكى روشەن ئىپادىلىنىشى.ئۇنىڭ پاكىستاندا ئۇقۇتقۇچى بولغان مەزگىلىدە دۇچ كەلگەن يىتىمسىرەش،قايغۇلۇق ھالغا چۈشۈپ قېلىشى،ئۇنىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى،ئونۋېرستىتلاردا نۇتۇق سۆزلەپ،كىشلەرنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئىلىم- پەندە ئارقىدا قالغان ھالىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بۇلىدۇ.ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛«مىنىڭ شۇ يىللاردىكى ھالىتىم،ھازىرقى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئالىملارنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشىدۇر.ئىلىم-پەننى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە گۈللەندۈرىمز دېسەك،ئىشنى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەردىكى ئالىملارنىڭ يىگانە،يىتىملىك،قايغۇلۇق ھالىتىنى ھەل قىلىشتىن باشلاش كېرەك.لېكىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى تۇسۇق بار؛بىرسى،تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكىلەر پەنگە سەل قاراپ،«پەنسىز تېىنىكا»بۇلىدۇ، دەپ قاراش.ئىككىنچىسى،تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر تەرققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم- پەنگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەستىن،ئىلىم پەننى«دومىلاپ تۇرىدىغان خۇشاللىق»دېيىش،«ھالبۇكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېھتىياجلىقى تۆت چاقلىق ئات ھارۋا»ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇسسالام ئەرەب ئىسلام ئەللىرى ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان بارلىق ئەللەر خەلقلىرىگە،بىز تارىختىكى مەغلۇبىيەت يۇلىغا قايتا قەدەم قويماسلىقىمىز لازىم،دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چاقىرىق قىلىدۇ.
پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيسى كومېتىتىنىڭ رەئىسى ئىشرېت ئوسمان(Ishret Osman)ئابدۇسسالامنىڭ ئۆز ۋەتىنى پاكىستاننىڭ ئىلىم- پەن ئىشلىرىغا قوشقان ئاجايىپ تۆھپىسىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«پاكىستاننىڭ ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تىرىشچانلىقلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئابدۇسسالامنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىجادىيەت كۈچى ئالىيجاناب پەزىلىتىنىڭ قۇدرىتىدىن كەلگەن.ئابدۇسسالام ئېلىمىزنىڭ ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئىپتىخارىمىز ۋە غورۇرىمىزنىڭ سىمۋولى».
ئابدۇسسالام بىر ھەقىقى تالانتى بار ئىجتىھاتلىق تىرىشچان،كەڭ قورساق،كەمتەر ئادەم. ئۇ ئاساسىي تەبئىي كۈچلەرنى تەتقىق قىلىشتا سان-ساناقسىز قىيىن ئۆتكەللەردىن باتۇرانە بۆسۈپ ئۆتتى.ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتېيىن جاپا چېكىپ 20 يىل تىرىشىپمۇ يىتەلمىگەن ئارزۇغا يەتتى.
ئابدۇسسالامنىڭ 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى ئالاھىدە ھۆرمەتلىشىمىزگە ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
   دوكتۇر ئابدۇسالام ھاياتىدا ئۆزى بىلەن ھىچقاندان پايدا مەنپەت مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇ دىيارىمىزغا ئىككى قېتىم كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشتىن سىرت ئۆزى ئىتالىيەنىڭ سىلوۋېنىيە چېگرىسىغا جايلاشقان تىرىستې شەھرىدە قۇرغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىغا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى قوبۇل قىلىپ ھەقسىز تەربىيىلىگەن، دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ نوبېل مۇكاپاتىدىن ئالغان پۇلىنى ئوقۇش مۇكاپات پوندى قىلىپ قويۇشى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى مەلىكە مۇھەممەت ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى دوكتۇرى ساھىپجامال دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17ئادەم ھەقسىز ئوقۇش شاراپىتىگە مۇيەسسەر بولدى. ئۆتكەن يىلى بۇ مەكتەپ يەنە ئۇيغۇردىن يەتتە ئادەمنى ھەقسىز ماگېستىرلىقتا ئوقۇتۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلدى. دوكتۇر ئابدۇسالام گەرچە 1993-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنگىلىيە ئوكىسفوردتىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ پاكىستان ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئىككى دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن يادنامە بولۇپ كەلمەكتە
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئابدۇسسالام(1926-1993)-1979-يىللىق نوبېل ساھىبى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 119
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 21
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-25
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 13:29

  KAZINIMIZ DAYDIKANMIZ QOKUM OZIMIZDIN  BURUNKI MUWAPIKIYAT KAZANGAN KIXLARNING  OMURWAYAT TIRIXIX, JAPADIN KOKMASLIK, OZINI BEGIXLAX ROHINI OZMIIMIZGA TADBIKLIXMIX KERAK
BIZ  MUWAPIKIYAT