خوشلىشىڭ نەغمە ناۋادىن دوسلىرىم ،
خوشلىشىڭ ئۇسۇل سامادىن دوسلىرىم.
سايرىغاچ بۇلبۇل قەپەزلەرگە بەنىت ،
جاي ئالار بۇركۇت سامادىن دوسلىرىم.
سەنئەت ئۇ بايلىقىمىز ھەم شاتلىقىمىز ،
بولالماس لىكىن مەڭڭۇ بارلىقىمىز.
دۇم چۇشسەك سەنئەتكىلا نامراتلىشىپ،
پۇشايمان ئورتەپ دىلنى زارلىنىمىز 。
كۇپايە بىز ئەسلىسەكلا سىگانلارنى.
سەنئەت دەپ خاراپلاشقان سەرسانلارنى
قايسى بىر مىللەت بۇگۇن چوڭ بىلىدۇ ،
بىلىمسىز ئاشۇ نامرات نادانلارنى.
باشقىلار ئۇچۇپ يۇرسە مارىسلاردا.
بىز يۇرۇيمىز رېستۇران ۋە دىبالاردا
بالىلارمۇ ئاتا ئانىغا تەڭكەش بۇلۇپ،
يۇرەر شۇنداق رېستۇراندا ناۋالاردا.
بىر مىللەت دۇم چۇشسە گەر سەنئەتكىلا.
رام بۇلۇپ قۇرۇق چاۋاك شوھرەتكىلا
چاشقىنىغا ئۇۋا بۇلۇپ تۇتقان ئويى،
يۇزلىنەر پەرزەنىت قارا قىسمەتكىلا.
ئېتىزدىمۇ خاماندىمۇ ناخشا ئۇسۇل ،
مىھمانخانا سارايدىمۇ ناخشا ئۇسۇل
ئازلىماستىن ئاۋۇماقتا بۇنداق سورۇن ،
غەپلەتلەرگە ئىشىك ئاچقان ناخشا ئۇسۇل.
بىر مىللەت سەنئىتىدىن پەخىرلىنىپ.
ياشىسا سەنئەت ئېڭى<<جەمىيەتلىشىپ>>
بۇ جاھان نەدە ھازىر ، ئوزى نەدە،
كىتىپتۇ دىيىش كىرەك ، بىخۇتلىشىپ.
سەنئەتسىز مىللەتلەرمۇ كوكتە سۇدا .
شان قۇچۇپ ياشىماقتا بۇ جاھاندا
ئولتۇرۇپ باقسىڭىز گەر تىك ئۇچاردا
نەچچە كىچە ئۇيقۇسىز سىز < ھاياجاندا>
ناخشا ئۇسۇل نەغمە ناۋا بىز مىللەتكە،
ئېيتىڭچۇ نىمە بەردى ، قۇرۇق شوھرەت،
يەنە بىز نىمىمىزدىن ماختىنىمىز .
نىمىمىز بار ماختىغۇدەك باشقا مىللەت.
تۇنۇدى دۇنيا بىزنى ناخشا بىلەن .
ئالقىشلاپ قۇرۇق چاۋاك شوھرەت بىلەن
خۇشال بۇلۇپ ئوزىمىزدىن پەخىرلىنىپ
يۇرۇۋاتىمىز ئاشۇ قۇرۇق ئابروي بىلەن.
ئون ئىككى مۇقام بىزدە راسا راۋاجىلانغان.
داپ ،دۇتتار تەمبۇر ساتار چاڭلار قاناتلانغان
قېنى ئاشۇ سەئىدىيە خاندانلىغى،
ناخشا ئۇسۇل نەغمە ناۋا ئىززەت تاپقان.
بىز ئاشۇنداق نەغمە دەپلا يۇرگەشكىلا .
دۇنيا بىزنى پەقەت نامدا ئالقىشلاپلا
يانچۇق قۇرۇق ئىلم پەندىن يىراقلىشىپ
روھىمىزمۇ كىشەنلەنگەن سەنەتكىلا.
ياراشماس نامراتلىققا نەغمە ناۋا.
ئاڭلىنار نالە زاردەك شوق پەدىمۇ
پۇل تېپىپ نۇرلانسا شۇ نامرات ئەگەر ،
ئالقىشلىنار نەغمە ناۋا يوق يەردىمۇ.
<<<<<<< خاتىمە>>>>>>>>>>
دەيمەن ساڭا سەنئەتخۇمار ئەزىز خەلقىم،
بىلىم بىلەن قۇراللانغىن دەيدۇ قەلبىم
كوكتە ئۇچ بىلىم بىلەن قوراللىنىپ
گۇل دەستىلەر تۇتار ساڭا ئەۋلاتلىرىڭ،
 |