تىما : مەن زېرىكتىم ئېلاندىن
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 122
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
جۇغلانما: 31
پۇلى: 12
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-23
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 00:34

مەن زېرىكتىم ئېلاندىن

تېلۋۇزۇرغا ئامراقمەن ئۇندا راسلا جاھان  بار ،
تۈرلۈك خەۋەر ھېكايە
قىزىقارلىق  بايان  بار.
كۆپ قىسىملىق  تېياتىر كونا يېڭى زامان   بار ،
ئەپسۇس مېنىڭ كەيپىمنى بۇزۇۋاتقان  ئېلان بار .

بىرى دەيدۇ دورام ساقايتىمەن كېسەلنى  ،
كۈلدۈرىمەن  مۇڭلىنىپ ئازاپ تارتقان دەرتمەننى   .
بىرى دەيدۇ  تالقان يەڭ يىمەي  ئاش نان لەڭمەننى ،
يەنە بىرى ماختايدۇ   ئۆزى سوققان كەتمەننى .

بىرى ماختاپ توۋلايدۇ  ئوسما بىلەن قاشلىقنى ،
بىرى ئوغوت ماختايدۇ يەر قىلدى تاشلىقنى .
گاھى ماختار لازىنى گاھى شىكەر تاتلىقنى ،
بەزىلەرنىڭ مەلھىمى ساخلاپتىمىش ياشلىقنى .

بەزىلەرنىڭ سوپونى زېلۋا قىلار سىمىزنى  ،
بەزىلەرنىڭ  سوغ سۈيى مات قىلارمىش قېمىزنى .
ئىشقىلىپ بەك زىرىكتىم مەزىىسى يوق ئېلاندىن .
پىكىر بەرسەڭ ئاڭلىماس ئۇپراتمىغىن ئېغىزنى .

مەن يىقىندا ئېكراندىن كۆردۆم يەنە بىر ئېلان ،
فېرىمانىڭ  سېھرىنى قىلماقچىكەن ئۇ بايان .
كۆزى ئەلەس بىر ئادەم فېرىماغا قارىسا  ،
قارايسەنغۇ دەپ سوغوق توۋلايدىكەن بىر {پەلۋان}

شۇ {پەلۋان}نىڭ تۇرقىدا يوقكەن قىلچە ئەدەپمۇ ،
ئەمدى ئەشۇ كەمسىتىش ئېلان ئۈچۈن سەۋەپمۇ  .
ئېلان دېگەن بىر سەنئەت بۇنى ھەممە بىلىدۇ   ،
لېكىن بۇنى رېجىسور   بىلەلمەپتۇ ئەجەپمۇ  .

تېلۋۇزۇردا ئەشۇنداق ئېلانلارغۇ بەك تولا ،
بۇنداق يەكپاي ئېلانغا ئەمەس ھېچكىم مۇپتىلا .
  نارازى بوپ ئېلاندىن يازسام گېپىم تۈگۈمەس  .
مەن ھازىرچە شۇنچىلىك  سۆزلەپ تۇراي  بوپتۇلا .

يىزىلغان ۋاختى 2009-1ئاي [ئىجادىيىىم]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مەن زېرىكتىم ئېلاندىن,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: مۇنبەر مەسئۇلى

UID نومۇرى: 2
جەۋھەر يازمىسى: 9
يوللىغان يازمىسى: 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
جۇغلانما: 105
پۇلى: 142
تۆھپىسى: 3
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 05:00

بەزىلەر قىلدى يامانىنى ياخشى.
خىجىل بولماي ساقتىنى راست قىلىپ.
زاۋۇت نەدە ئۆزى نەدە بىلمەيدۇ.
كۆركەم قىلىپ ئىشلىدى ئېلاننى.

 ھەقىقى تاۋار سىتىۋالاي دىسىڭىز زاۋۇت ئادىرىسى ئىشلەنگەن ۋاقتىغا قاراڭ.
ساقتا مالدىن ھەزەر ئەيلەڭ.

زاۋۇتىمىز ئىشلىگەن پارشۇك ئىچىدە كىسەك ئالتۇن بار.
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 116
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
جۇغلانما: 12
پۇلى: 14
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 18:01

ئاقيول  ماركلىق  پاراشۇك  بامۇ،  مەن  ئاڭلىمغان  ئىكەنمەن.