تىما : مېكىلانجىلو ھەققىدە ھىكايە
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 104
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
جۇغلانما: 111
پۇلى: 104
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 00:27

مېكىلانجىلو ھەققىدە ھىكايە

 دۇنيادىكى ئەڭ ماھارەتلىك رەسسام مىكىلانجىلو- Michelangelo

    1503-يىلى، فىلورىنسىيىدە بىر كىنەز قەدىمقى فلورىنسىيىلىكلەرنىڭ بابىللىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرغانلىغىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پارچە ماي بۇياق سىزدۇرماقچى بۇلۇپ، ئادەم ئىزلىدى. زادى كىمنى تەكلىپ قىلىش كېرەك؟ئۇ بىر ھازا ئويلانغاندىن كىيىن، ئەڭ ئاخىردا داۋىنچى بىلەن مېكىلانجېلولارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىزدۇرۇش قارارىغا كەلدى. مېكىلانجىلو بۇ رەسىمنى سىزىش ئۈستىدە زادى بىر قارارغا كىلەلمىدى.
    ئۇ: «داۋىنچى 51ياشقا كىرىپ قالدى» ئۇ، «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق»قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلدى. بۇ يىل يەنە «مونالىزا» ناملىق رەسىمنى تاماملىدى، يىراق-يېقىندا نامى چىققان پېشقەدەم رەسسام، بۇنداق رەسىمنى سىزىپ چىقالايدۇ، مەنچۇ؟مەن ئەمدىلا 28ياشقا كىردىم، سەنئەت جەھەتتە دەسلەپ قىلىپ ئۆزەمنى ئاشكارلىدىم، «داۋىد سۈرىتى»دەك مۇنەۋۋەر ئويمىنى ئىجات قىلغان بولساممۇ، ئەمما داۋىنىچدەك كۆپلەپ سەنئەت ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولمىغان يېڭىياچى ئادەممەن! بۇ ۋەزىپىنى قۇبۇل قىلايمۇ قىلمايمۇ؟دەپ ئويلىدى.
   مېكىلانجىلو تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى قۇبۇل قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە «مەن داۋىنىچدەك سىزىپ چىقالمىساممۇ، بىر خىل چىنىقىشنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭغا يىتىشەلمەيدىغان جايلىرىمنى بىلىۋالالايمەن. بۇ ئىنتايىن بىر ياخشى ئۈگىنىش پۇرسىتى»دەپ ئويلىدى. بىر قارارغا كەلگەندىن كىيىنلا، كېڭىشىشكە ۋە ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە پىكىر يۇرگۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما، شۇ ھامانلا: قەدىمقى فلورىنسىيىلىكلەرنىڭ روھىي قىياپىتى قانداق؟ ئۇلار ۋەھشىي تااۋۇزچىلار-بابىللىقلارنى قانداق يەڭگەن؟ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى قانداق كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈش كېرەك؟دىگەندەك مەسىللەردە قىيىنچىىلىقلارغا دۇچكەلدى ۋە قانچە ئويلاپمۇ سىزىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمىدى. قارىغاندا، ئىشنى تارىخنى چۈشىنىش باشلىسام بولىدىكەن!مېكىلانجىلو ئۇزاق ئويلىنىپ، ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پاكىتلارنى چۈشىنىش، شۇ چاغنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇش قارارىغا كەلدى. ئۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، شۇ باسقۇچتىكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتاپ، ماتىرياللارنى ئىزلەپ تاپتى ۋە ئۇلارنى ئۇقۇش جەرياندا كۆپلەپ خاتىرە يازدى. ھېسسى بىلىشنى ئاشۇرش ئۈچۈن، يەنە ئەينى يىللاردا جەڭ ئەڭ شىددەتلىك بولغان جايلارغا بېرىپ، قەدىمقى جەڭ مەيدانلىرىنىڭ يەر شەكلىنى تېز سىزما قىلىۋالدى. دىمەك، ئۇ مول خام ماتىريال توپلاش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش ھەققىدە كۆڭۈلىدە سان تۇرغۇزدى. نەتىجىدە رەسىمنى سىزىش جەريانى كۆڭلىدىكىدەك بولدى. تارىخىي تېما بىلەن ئىشلەنگەن بۇ نادىر ئەسەر-ماي بوياقنى ئىنتايىن تېزلىكتە تاماملىدى. داۋىنچىمۇ ئالاھەزەل ئۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۆز ئەسىرىنى پۈتتۈردى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماي بوياقلىرىنى كىنەزگە تاپشۇردى. ئىككى مەشھۇر رەسسامنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش مەزموندىكى ئەسەرنى ئىجات قىلىش ۋەقەسى فلورىنسىيىگىمۇ ناھايىتى يېڭىلىق بولدى. بىر مۇنچە رەسساملار داۋىنچى جەزمەن مېكىلانجىلودىن يۇقۇرى دەرىجىدە ھالقىپ كىتىدۇ دەپ قارىدى.    ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا نىمە دىگەن تەشنا-ھە! كىنەز رەسساملارنىڭ تەلىۋىنى قاندۇردى، ئىككى پارچە ماي بوياقنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەزمە قىلىپ، جامائەتنىڭ باھالاپ چىقىشىغا تاپشۇردى. كىنەزنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالغان مەشھۇر رەسساملارنىڭ ھەممىسى بىرلا كۈندە كىنەزنىڭ ھەرەمخانىسىغا كەلدى. ئۇلار ماي بوياقلارنى زوق-شوخ بىلەن كۆرۈپ چىقتى.
    -پاھ، نىمە دىگەن كېلىشكەن -ھە!-بىر رەسسام مېكىلانجىلونىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران-ھەس بولدى.
   - ناھايىتى توغرا، چوڭقۇر بوپتۇ، راستتىنلا ئويلىمىغان يەردىن چىقىپتۇ!-يەنە بىر رەسسام يەنە شۇنداق ماختىدى. دەرۋەقە، بۇ رەسىمدە مېكىلانجىلونىڭ ناھايىتى يۇقۇرى سەنئەت تالانتى ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئۇ شىددەتلىك جەڭ مەيدانىنى بىۋاستە سۈرەتلىمەستىن، بەلكى ئۆز ۋەتىندىكى بىر دەريادا سۇغا چۈشۈۋاتقان فلورىنسىيىلىك جەڭچىلەرنى سىزغان ئىدى. رەسىمدە جەڭچىلەرنىڭ توساتتىن ياڭرىغان جەڭ سىگنالىدىن بابىللىقلارنىڭ كەلگەنلىگىنى بىلىپ، دەرھال قىرغاققا سەكرەپ چىقىپ، ھەربىى كىيىملىرىنى كىيىپ، قوراللىرىنى ئېلىپ جەڭگە كىرىشكە ھازىرلىنىۋاتقانلىغى تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ، شۇ ئارقىلىق ئەينى يىللاردىكى فلورىنسىيىە جەڭچىلىرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ۋەتەننى قوغدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بەدئىي ھالدا قايتا كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى. رەسساملار داۋىنىچنىڭ سىزغىنىنىمۇ كۆردى.
    -داۋىنچى ئەپەندىم رەڭنى مۇكەممەل تەڭشەپتۇ، ئەپسۇسكى، -بىر رەسسام شۇ يەرگىچە باھا بەردى يۇ، سۆزىنىڭ ئاخرىنى ئېيتمىدى.
    -يىتەرسىزلىگى شۇكى، -دىدى يەنە بىر رەسسام ئارقىدىنلا، -ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىي تەبىئىتىنى سۈرەتلەشكە سەل قارىغان! ئەنە قاراڭلار، جەڭ مەيدانى ناھايىتى ھەيۋەتلىك سۈرەتلەنگەن، ئەمما بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز ۋەھىمە ۋە ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە خۇددى سەۋدايى بۇلۇپ قالغاندەك سۈرەتلەنگەن! دەرۋەقە، داۋىنچى ئىجات قىلغان بى رەسىم مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقمىغان ئىدى، ئۇ بىر مۇنچە رەسساملارنى ئۈمىتسىزلەندۈردى، ھەتتا نارازى قىلدى. بەزىلەر يەنە كەسكىىن ھالدا:بۇ شەرەپلىك فلورىنسىيە جەڭچىلىرىگە ئوقۇلغان مەدھىيە ئەمەس، بەلكى ھاقارەت دەپ تەنقىت قىلدى. جامائەت بۇنى مېكىلانجىلونىڭ رەسىمىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يىگتىنىڭ كارامەت ئادەم ئىكەنلىگىنى، داۋىنچىغا ئوخشاش ئاشۇنداق رەسسام بولغان تەغدىردىمۇ تۇرمۇشنى تەتقىق قىلمايدىغان بولسا، ئىجادىيەتتە ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشتى.
   داۋىنچىنى مەغلۇپ قىلغان مېكىلانجىلو مەشھۇر رەسسام بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئويمىچى ئىدى. ئۇ 1475-يىلى فلورىنسىيىدە تۇغۇلدى، 13يېشىدا رەسىم سىزىشقا كىرىشتى، كېيىنچە يەنە ئويمىچىلىقنى ئۈگەندى. ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئاساسلىغى ئۆزلىگىدىن ئۈگىنىش ئارقىلىق بولدى. مېكلئاند جېلو ئادەم رەسىمىنى ئۇيۇشقا ھاممىدىن بەك قىزىقتى ھەمدە ناھايىتى بۇرۇندىن باشلاپلا ئادەمنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ بىردىن بىر ئوبىكتى قىلدى.
    بۇنىڭ سەۋىۋى نىمە؟ئۇ ياشلىق دەۋرىدە، ئىتالىيەدە توپا قېزىش جەرياندا تېپىلغان قەدىمقى رىمنىڭ بىر مۇنچە خارابىلىرى ۋە بۇ خارابىلاردا ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى يۇناننىڭ نۇرغىنلىغان بەدئى ئويما ئادەملىرىنى كۆرگەن ھەمدە ئۇ چاغدا بۇ ئويما رەسىملەرنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ئادەملەرنىڭ ۋاي-ۋۇي!قەدىمقى يۇناندا مۇشىنچىۋالا گۈزەل بەدئى ئەسەرلەر بار ئىكەن-ھە!دىيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ قەدىمقى يۇنان ئەدەبىيات-سەنئىتىنى يىڭىۋاشتىن گۈللەندۈرۈشكە، رىيال تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئادەم تىنىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەسىردىكى جىسمانى تەننى ئىنكار قىلىدىغان ئىلاھى ھاكىمىيەت ئىدىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا بەل باغلىغان. يۇقۇرقى ھىكايىمىزدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن«داۋىد سۈرىتى»-مەرمەرگە ئۇيۇلغان ئەسەر بۇلۇپ، ئىگىزلىگى 5‪. ‬3مېتىر كىلىدۇ. داۋىد«ئىنجىل»دىكى بىر بالا بولسىمۇ، ئەمما مېكىلانجىلو دىنغا قارشى تۇرۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئۇنى يىگىت قىلىو بويىغان. بۇ يىگىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى چۈيۈندەك بۇلجۇڭ گۆشلەر باتۇرلۇق ۋە قۇدرەتكە سىموۋۇل بۇلۇپ كۆرۈنىدۇ:نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىش ئىرادىسىگە سىموۋۇل بۇلۇپ كۆرىنىدۇ. بۇ دەل ئىتالىيدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ ئوبرازى ئىدى. بۇ ئويمىنى ئۇيۇپ چىقىش ئۈچۈن، مېكىلانجىلو ئۈچ يىلدەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، كىنەز، ماي بوياق سىزدۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان يىلى قولدىن چىقاردى. «داۋىد سۈرىتى»ئاجايىپ مۇكەممەل ئۇيۇلغاچقا، كىشىلەرنىڭ بىردەك يخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ياندۇرقى يىلى فلورىنسىيە بۈيۈك سەنئەتكارلار كومىتېتى ئۇنى شەھەرنى قوغدىغۇچى قەھرىمانلارغا سىموۇل قىلىپ ئوردىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى. «داۋىد سۈرىتى»نىڭ ئىجات قىلىنىشى مېكىلانجىلوغا ئىنتايىن چوڭ ئابروي ئىلىپ كەلدى.
   ‬1508-يىلدىن باشلاپ، ئۇ كەسكىن شىجائەت ۋە باتۇر جاسارەت بىلەن ئۈزمەي تۆت يىل ئىشلەپ، رىمدىكى بوككاسيۇ ئىبادەتخانىسىنىڭ 800كۇۋادرات مېتىر تۇرۇسىغا كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان«دەۋىر ئىچىش»ناملىق كاتتا رەسىمىنى ئۆزى يالغۇز سىزىپ پۈتتۈردى. ‬1516-يىلى يەنە«مۇسا سۈرىتى»نى ئىجاد قىلدى. ئۇ بۇ ئەسەرگە تۆمۈرىدىكى ۋەتەنگە، دېموكراتىيىگە مۇھەببەت بىلەن ئۇرغۇۋاتقان ئىسسىق قىنىنى سەرىپ قىلىپ، «ئىنجىل»دىكى بۇ مىللىي قەھرىماننى مەدھىيلەش ئارقىلىق، ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىتالىيەگە ئىشغالىيەت يۇرگۈزىشىگە قارشى تۇردى‪. ‬1529-يىلى، ئىسپانىيە بىلەن رىم پاپىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، فلورىنسىيە جۇمھۇرىيىتىگە ھۇجۇم قوزغىدى. مېكىلانجىلو بىر مەھەل شەھەرنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئول بۇلۇپ، شەھارنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكام ئىشلىرىنى باشقۇردى. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن خىلمۇ خىل خورلۇقلارغا ئۇچراپ، ھۆكۇمرانلارغا قەۋزە زىننەتلەيدىغان تاش رەسىملەرنى ئۇيۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئەڭ ئاخرىدا سەرگەردان بۇلۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى. 1535-يىلى، رىم پاپىسى، مېكىلانجىلونى بوككاسيۇ ئىبادەتخانىسىغا چوڭ تىپتىكى تام رەسىمىنى سىزىشقا مەجبۇرلىدى‪. ‬1542-يىلى، مېكىلانجىلو«ئەڭ ئاخرىقى سوت»ناملىق بۇ رەسىمنى تاماملىدى. پۈتۈن رەسىمنىڭ ئىگىزلىگى ئون مىتىر، كەڭلىگى توققۇز مېتىر بۇلۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. بۇ مېكىلانجىلونىڭ ھاياتىدىكى نادىر ئەسەرلەردىن بىرى ھىساپلىندۇ. ئەپسۇسكى، پاپا بۇ تام رەسىمنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كەلدى ۋە مېكىلانجىلوغا ئادەم ئەۋەتتى:
    -جانابىي پاپانىڭ ئەمرى بىلەن سىزگە ئالاھىدە ئۇقتۇرمەنكى، دىدى ئەلچى، -مېكىلانجىلو ئەپەندىم. بۇ تام رەسىمنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىشىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈشىڭىز شەرت!
    -نىمىشكە بۇنداق دەيسىز؟
    -سىز ئىلاھقا ئاسىلىق قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن. پاپا نىمىشكە مېكىلانجىلونى ئىلاقا ئاسىلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ؟
   ئەسلىدە، «ئەڭ ئاخرقى سوت»خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر ئەقىدىسى بۇلۇپ، ئەقىدىدە ئەيسانىڭ«زامان ئاخىر»بولغاندا قەدىمدىن شۇ كۈنگىچە ئۆتكەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوت قىلىدىغانلىغى، ئىمانى بارلار بىلەن ئىمانى يوقلارنى ئايرىپ، ئىمانى برلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، ئىمانى يوقلارنى دوزاققا تاشلايدىغانلىغى رىۋايەت قىلىنغان. مېكىلانجىلونىڭ رەسىمى مۇشۇ مەزمون بويىچە تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇ رەسىمدىكى پېرسۇناژلارنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەيسانى ئىنتايىن زوراۋان، ئۇنىڭ ئانىسى مارىيەنى ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن زەھەرلىك سۇلغۇن چىراي قىلىپ تەسۋىرلىگەن: رەسىمدىلى بارلىق پېرسۇناژلارنى يالىڭاچ كۆرسەتكەن. ناھايىتى روشەنكى، بۇ يەردە مېكىلانجىلو ئاشۇ رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن دىنىي جەمىيەت ئىلاھ قىلىپ كۆرسىتىۋاتقن ئەيسا ۋە مارىيەلەرنى كىيىمسىز يۈرىدىغان يىرتقۇچلاردىن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، پاپا ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قىلمىغان ئەسكىلىگى قالمىغان دىن تارقاتقۇچىلارغا دارتمىلىغان. مېكىلانجىلو بۇ رەسىمنى ئىجات قىلىشقا كىرىشىشىتىن بۇرۇنلا سولاققا كىرىش ياكى يەن بىر قىتىم چېگرىدىن ھەيدىلىشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. شۇڭا ئىلاھقا ئاسىيلىق قىلدىڭ دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندا قىلچە رەڭگىنى ئۆزگەرتمەستىن تۇرۇپ:
    -بۇ رەسىم ئۈچۈن توپ-توغرا يەتتە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلدىم! ئۇنى ئۆچۈرۋەتمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇنى زادىلا ئۆزگەرتمەيمەن!- دەپ جاۋاپ بەردى. پاپا، مېكىلانجىلونى قورقۇتالمىغاندىن كېيىن، باشقا بىر رەسسامنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزگەرتشىكە مەجبۇرلىدى. ئۇ رەسسام بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ رەسىمدىكى بېرسۇناژلارغا كىيىم كىيدۈرۈپ چىقتى. مېكىلانجلو، ئىتالىيدە ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان دەۋرىدىكى سەنئەتكارلار پىرى بۇلۇپ، 89ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەل ياساشقا ئۇستا بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەشھۇر بىناكارلىق ئالىمى ئىدى. رىمدىكى سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ گۈمبىزىنى ۋە گابدول مەيداندىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ لاھىيىلىگەن ئىدى
.

-سىز كۆرۋاتقان تىما مېكىلانجىلو ھەققىدە ھىكايە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 119
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 21
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-25
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 13:35

koruxka arziydigan asarkan , yaraysiz!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!