ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىمايدۇ بۇ جاھان ،
گاھى چاغدا سەرخىلنى تاللىمايدۇ بۇ جاھان .
ئازاپ تارتساڭ شاتلانساڭ ماڭار يەنە مەيلىگە،
بەزەن سېنىڭ رايىڭنى ئويلىمايدۇ بۇ جاھان .
سەن زار بولساڭ تەلمۆرسەڭ باقماس پەقەت يار ساڭا ،
بەزى ياردىن بىزارسەن لېكىن ئۇمۇ زار ساڭا .
تېرماشساڭمۇ زېيادە ئالەم گاھى تار ساڭا ،
دەرتلىرىڭگە ئالدىراپ ئۇھ تارتمايدۇ بۇ جاھان .
كۈندە ھەر خىل ئويۇن بار ھەر ماڭدامدا دوقمۇشتا،
ئىمتىھان كۆپ سېناق كۆپ مۇششەقەتلىك تۇرمۇشتا .
گاھى سۇغا چۆكۆسەن گاھى كۆيۆپ مىڭ ئوتتا ،
تارازىسى بەزىدە ھەق تارتمايدۇ بۇ جاھان .
مەنبە: ئىجادىيىتىم
 |