تىما : گۈلەمخاننى قاتتىم قوشاققا
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 122
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
جۇغلانما: 31
پۇلى: 12
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-23
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 00:24

گۈلەمخاننى قاتتىم قوشاققا

 
 
گۈلەمخاننىڭ تارىخنى ئوقوپ
 
خىياللىرىم     كىتەر        گاھىدا   ،
ئىللىق مەھەللە ئويمان    بۇلاققا .
شۇ مەھەللىدە ئۆتكەن بىر قىزنىڭ ،
موڭى  مېنى      سالار       پىراققا .
ماڭا  جۆر  بوپ  ئىلى    دەرياسى  ،
ھەسرەت   بىلەن  ئاقار    يېراققا  ،
گۈلەمخاننىڭ سۆيگۆ  قىسسىسى  ،
نۈندەر   مېنى    يېڭى     قوشاققا  .
 
شۇنداق ئەركىن چوڭ بولغان ئىدىڭ ،
ئۆز مەھەللەڭدە بولوپ بىر غۇنچە.
دېھقان قىزى   بولساڭمۇ    لېكىن ،
سەن غورودىن تۆرەلگەن   تامچە   .
بەكمۇ گۈزەل بەكمۇ پاك   ئېدىڭ ،
ئاتا ئاناڭ   سۆيۆنگەن    شۇنچە  .
 
بىر جۈپ چېچېڭ بولوپ جۈپ سۇمبۇل ،
ئوت    سالاتتى   ئاشىق    يۈرەككە  .
ئەختەم ئاتلىق  سۆيگەن    يېگىتىڭ  ،
يەتسەم دەيتتى  ئوتلوق     تېلەككە  .
لېكىن ئالدىن بىر گەپ قىلماق تەس،
بۇ     قارارسىز    دەغدىر    پەلەككە  .
 
سەن گۈل بولوپ چاچقاندا  پۇراق   ،
كۆزى چۈشتى  ساڭا     يېلاننىڭ  .
ئۇ چاغلاردا  گېپى گەپ   ئىدى ،
مال پولى بار ئەسكى ياماننىڭ  .
ساڭا تەشتەر  سانجىماق  بولغان  ،
قەھرى تۇتۇپ ئەنگە چاياننىڭ  ،
ئامالسىزتى     ئاتا        ئاناڭمۇ  ،
پەيلى شۇنداق ئىدى زاماننىڭ  .
 
لېكىن سەندە    يالقۇنى      بارتى  ،
چىن سۆيگۆدىن يانغان ۋېجداننىڭ .
ئەختەم   بىلەن  قاچتىڭ   يېراققا  ،
ياشاپ كەتسۇن سۆيگۆ  ئىمانىڭ   .
چىن قەلبىڭدىن سۆيگەن ئەختەمنى،
قۇلى بولمىدىڭ  مالۇ دۇنيانىڭ  .
 
شۇ زاماندا  مۇدھىش  جاھاندا  ،
مال دۇنياغا بولمىدىڭ  تۇتقۇن ،
رەزىللىكنى       كۆيدۆرۋەتكەن   ،
يۈرۈگىڭدىكى  ئوخچىغان  يالقۇن،
پاك سۆيگۆنىڭ  ئەرك ناخشىسى  ،
كۆتۆرگەنتى مەڭگۈللۈك شاۋقۇن،
سەن بەختىڭنى تاپقانتىڭ مەڭگۈ ،
گەر  ئاتالغان بولساڭمۇ قاچقۇن.
 
سەن باشلىغان  سۆيگۈ ناخشىسى  ،
بۈگۈن يەنە قۇد بەخت  تاسۇن .
بۈگۈن سېنىڭ پاك  نەۋرىلىرىڭ   ،
قەبرەڭ ئۈچۈن گۈل چېچەك ياپسۇن .
 
مەنبە: ئىجادىيىتىم
 
-سىز كۆرۋاتقان تىما گۈلەمخاننى قاتتىم قوشاققا,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى
UID نومۇرى: 18
جەۋھەر يازمىسى: 8
يوللىغان يازمىسى: 67
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
جۇغلانما: 103
پۇلى: 71
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-13
ئاخىرقى: 2010-07-27
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 03:48






خىياللىرىم كەتتى يىراققا،
ئۇچ كۈۋرۇككە تاللىققا.
قاش دەريانى بۈيلاپ ماڭدىم،
نەزەر سالغاچ ئاۋرال تاققا.



شۈغ شاماللار سۈيۇپ يۇزۇمنى،
ئېرەنلىكنىڭ خۇش بۈي ھېدلىرى.
جانانىمدىن خەۋەر كەلسە،
ئاۋال كىلەر ئۇنىڭ خەتلىرى.


نازاكەتلىك ئەشۇ نىگارنىڭ،
ئۈرۇم -ئۈرۇم سۇمبۇل چاچلىرى.
بىر قاراشتا مەستانە قىلغان،
ئەگمە-ئەگمە قەلەم قاشلىرى.


ئۈن بەش كۇنلۇك تۈلۇن ئايدەك،
نۇر چاقنىتار ئۇنىڭ يۇزلىرى.
يۇرەگىمنى سەك پارە قىلغان،
بال ھەسەلدەك تاتلىق سۈزلىرى.