تىما : ئاتا -ئانىلار قانداق قىلغاندا دەۋىرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدۇ؟
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 119
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 21
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-25
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-23 20:06

ئاتا -ئانىلار قانداق قىلغاندا دەۋىرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدۇ؟

                    تەلىم -تەربىيە ئىنسانيەت تەرەقىياتىدا مەڭگۈلۈك داۋاملىشىپ تۇردىغان ئىجتىمائىي پائاليەت بولۇپ،ئۇ ئائىلە تەربىيىسى،مەكتەپ  تەربىيىسى،جەمئىيەت تەربىيسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.بۇنۇڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ،پەرزەنىتلەرنىڭ ساغلام  ئۈسۈپ يېتىلىشى، ئەقلى قابىليىتنىڭ تۇلۇقلىنىشى،مىجەز خاراكتىرنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا-ئانلارنىڭ مەدەنيەت ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسنىڭ قانداق بولىشى ناھايىتى زۆرۈر بىر ئامىل.بىز ئائىلە تەربىيىسىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنىمىز  دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار  ئۆزىمىزنى زامانغا لايىق بىلىملەر بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشمىز كېرەك. بۇنۇڭ ئۈچۈن مەن ئاتا-ئانىلار  تۈۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن:
1.ئاتا-ئانىلار ئاز-تۇلا تىببى ساۋاتقا ئىگە بۇلىشى كېرەك
ئادەتتە كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار  بالا تەربىيلەش جەھەتتىكى مەسئوليىتىنى پەرزەنىتلەرگە تاماق يىگۈزۈش،كىيىم-كىچەك كىيگۈزۈش،ئادەتتىكى تۇرمۇش ساۋادى،ئېتىقاد چۈشەنچىسى،ئەدەپ-ئەخلاق  تەربىيىسى بېرىش دەپ ئاددى چۈشۈنىدۇ.پەرزەنىتلەرنىڭ  ئۈسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى يولىقىدىغان فىزىئولوگىيىلىك، پىسخولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە قانونيەتلەرگە ئانچە ئېتبار بېرىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە پەرزەنىتلەردىكى بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ،پىسخولوگىيىلىك ۋە  ساغلاملىق مەسىللىرى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىنماي پەرزەنىتلەرنىڭ بېجىرىم، ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشى تۇسقۇنلۇققا ئوچۇرايدۇ.
2.ئاتا-ئانىلار پىسخولوگىيە ئىلمىدىن ئاز-تۇلا خەۋاردار بولىشى كېرەك
پەرزەنتلەر يەسلى يېشىدىن 16 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا مىجەز-خاراكتىر شەكىللەندۈرۈپ، تۇراقلىشىش باسقۇچىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ، بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتىر  جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى جىددى ھەم تېز بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئاتا-ئانىلار ئىلمى بولغان پەرزەنت تەربىيلەش ساۋادىغا ئىگە بولمىسا باللارنىڭ غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ يىتىلىپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ.
3.ئاتا-ئانىلار ئۆزنىڭ مەدەنيەت ۋە پەننى بىلىم سەۋيىسىنى داۋاملىق ئۈستۈرۈپ بېرىشكەئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
بالىلىق مەزگىل پەرزەنتلەردە بىلىم تەشنالىقى ئەڭ كۈچلىك بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، بالىلار كۆپ قىسىم مەسىللەرنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۈگەنسىمۇ، يەنە بىر قىسمىنى ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆزدىن چوڭلاردىن ئۈگۈنىشكە مەجبور بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرنىڭ سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئۈزلىكسىز تۈردە بىلىم قۇرۇلمىسىنى تۇلوقلاپ تۇرىشى، يىڭلاپ تۇرۇشى تولىمۇ  زۆرۈر. ھېچ بولمىغاندا ئۇلار  بالىلارنىڭ شۇ خىلدىكى بىلىم ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىلىم قۇرۇلمىسنى ھازىرلىشى كېرەك.
 4.ئاتا-ئانىلار ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى ۋە كەيپىيات يارتىشى كېرەك.
ئادەمنىڭ خاراكتىرى بالىلىق، ئۈسمىرلىك دەۋرىدىن باشلاپ ئائىلە تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلە مۇھىتىغا ماسلىشىش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ.باللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسى مائارىپ بىلىملىرىنى  تولۇق ئۈگۈنىش ئىمكانيىتىنى دەل ئازادە بولغان ئائىلە مۇھىتى تەمىنلەپ بېرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئازادە ئۈگۈنىش، پائاليەت ئىلىپ بېرىش،دەم ئېلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار بۇ خىل بۇرۇچنى قانداقتۇ ئائىلە بۇرچى ياكى شەخسى بۇرچ دەپ قارىماي ، ئۇنى بىر خىل ئىجتىمائى بۇرچ دەپ قاراپ ،مەسئوليەتچانلىق بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشىشى كېرەك.
5.ئاتا-ئانىلار زامانغا لايىق ئاڭ يىتىلدۈرىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار نۇۋەتتىكى سىياسى ئاڭغا، ئىقتىسادى ئاڭغا، رىقابەت ئېڭىغا ئىگە بولىشى كېرەك. بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى مەقسىتىمىز نۇقۇل ھالدا ئالى مەكتەپلىشىش ئەمەس،بەلكى بالىلارنى ئالى مەلوماتقا ئىگە،كۆپ ئىقتىدارلىق، كۆپ قىرلىق،قۇش تىللىق، ھەر خىل ماھارەتلەرگە ئىگە  كەسىپلەشكەن ئەۋلادلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار زامانغا لايىق تەربىيلىنىشى،زامانغا لايىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىشى، پەرزەنىتلەرگە ئۆز قابىليىتى، ماھارىتى، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تەسىر كۆرسۈتەلەيدىغان ساپاغا ئىگە بولۇش  تولىمۇ زۆرۈر.
ئاپتور:ئابلىز ىەمدۇل
تۇرپان پىچان ناھىيە لۈكچۇن 1- ئۇتتۇرا مەكتەپتىن
پايدىلىنغان ماتىرياللار:
1.يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ  <ئۇيغۇرلاردا  پەرزەنت تەربىيسى> ،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشىرياتى.
2.ئىسماتىل تۆمۈرىنىڭ <ئائىلە تەربىيىسى ئوقۇشلىغى>، ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.
3. پەن تېخنىكا تەرەقىياتى ۋە كەلگۇسىگە نەزەر...............
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاتا -ئانىلار قانداق قىلغاندا دەۋىرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدۇ؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 104
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
جۇغلانما: 111
پۇلى: 104
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-23 21:18

مۇشۇنداق ياخشى تىما بىلەن تەمىللىگەنلىگىڭىز ئۇچۇن  كوپ رەخمەت........
 سالامەت بۇلۇڭ ئۇستاز.........