رەسىم:
اللا ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان تۆت خىل ئادەم
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئاللاھ قىيامەت كۈنى قاتتىق غەزەپ
قىلىدىغان،رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدىغان تۆت تۈرلۈك كىشىلەر
بولۇپ،بۇلار.1.زالىم پادىشاھ،2.بېخىل باي،3.تەكەببۇر كەمبەغەل،4.قېرى
زىناخور ئويلاپ باقساق بىزدە3-خىلدىكى كىشىلار ئاز
ئەمەسكەن.مەسىلەن:ئۇيغۇرلار ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن
كەمبەغەل خەلق دەپ قارىلىدۇ.بىراق بىزدىكى
داغۋازلىق،رەڭۋازلىق،ئابرويپەرەسلىك..دۇنيادىكى خېلى باي مىللەتلەردىمۇ
تېپىلمايدۇ.بىزدە<تېشىدا ھېيت ئويناپ،ئىچىدە روزا تۇتىدىغانلار كۈر
مىڭ.باشقىسىنى قويۇپ تويدا(بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە)بىز ئىشلەتكەن ئېسىل
پىكاپلارنى خېلى پۇلدار خەنزۇ لوبەنلەرمۇ ئىشلىتەلمەيدۇ(ياكى ئورۇنسىز
ئىسراپچىلىق،ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ).ئەمما شۇ شۆھرەتپەرەسلىك
قىلغانلار بېشىدا يېتىپ ئاشقۇچە ئىقتىسادى غېمى بار كىىشىلەردۇر يەنە
بىرسى چوڭلارنىڭ چۈشەنمەستىن،گەرچە قادىر بولالمىسىمۇ
قارىغۇلارچە(ھەتتا خەقتىن قەرز ئېلىپ دىگۈدەك)ھەج قىلىشىمۇ بىر خىل
ئابرويپەرەسلىكتۇر.بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقسا پالانچى
جېنىدا ھەرەمگە بارالاپتۇ،مەن شۇ خەقچىلىك بولالمامتىم دەپ بىچارە
بالىلىرىغا سېلىق سېلىپ،بويىغا يېتىپ قالغان بالىلىرى سالتاڭ يۈرسىمۇ
پەرۋا قىلماي ھەج سارىڭى بولۇشمۇ-تەكەببۇر كەمبەغەلنىڭ ئىشىدۇر دىمەك
بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز پات-پات ئوپىراتسىيە قىلىپ تۇرمىساق ئىككىلا
دۇنيادا ئىشىمىز چاتاق بولىدىغان ئوخشايدۇ
مەنبە:قۇرئان كەرىم
 |