قەشقەرگە مەدىھيە
قەشقەر دېسە ئەزەلدىن بۇرۇن،
ھېيىتگاھ كەبى جامەسى باردۇر.
چوللىرىمۇ چاھار باغ گويا،
يوللىرىدا خۇش ناۋا باردۇر.
مەنلا ئەمەس تۈمەن مىڭ كۆيلەر،
دېللىرىدا ئىنتىزار باردۇر.
يۇرىشدۇ قەشقەرگە كىلىپ،
بىر كۆرگەنگە مىڭ خۇمار باردۇر.
تىرىلغۇ تىرىغان دىھقانلىرىغا.
چىن قەلبىمدىن رەھمىتىم باردۇر.
قانداق ئۇنۇتاي نىمەت پىرىنى،
چۇنكى مەندە ۋىجدانى باردۇر.
ئۇ دىھقانغا روزى سايىتەك،
سىياھ قەلەم غەمگۇزار باردۇر.
مەيلى كەچ كۈز قىشتا كىلىڭلار،
سىماسىدا ياز، باھارى باردۇر.
قەشقەر دىگەن ئەجەپ شەھەركەن،
جەلىپكارلىق ئانارى باردۇر.
كىلىپ تۇرار گۈل ھىدى دائىم،
بەشكىرەمدە باغلىرى باردۇر.
[ بۇ يازمىنىuqkunدە2010-07-23 20:59قايتا تەھرىرلىدى ]
 |