رەسىم:
<< قۇتادغۇ بىلىك >> كىمنىڭ ، ئۇنىڭ تىلى قايسى تىل ؟يازغۇچىسى : ئەھمەت زىيائى
بىزگە مەلۇمكى ، دۇنيادا ھەر بىر مىللەتنىڭ شۇ مىللەتنى تارىخ بېتىدە ئەسلەتمە خاتىرە بەلگىلىرى بولغان . ئۇلار ئەنە شۇ خاتىرە بەلگىلىرى بىلەن زامان ئۆزگىرىشىنىڭ نەمەھۇ – ئىنتىزارلىق تۇمانلىرى ئاستىدا يوقىلىپ كەتمەي ، ئۆتمۈش ھاياتىنىڭ بارلىق بەلگىلىرىنى تارىختا نامايان قىلىپ ، پەخىرلىنىپ كەلگەن . مەسىلەن ، جۇڭگو كۇڭزى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتى ، ساۋ شۆچىن ۋە ئۇنىڭ << قىزىل راۋاقتىكى چۈش >> رومانى بىلەن ، يۇنانلىقلار ئۆز پەيلاسوپلىرى پلاتون ، ئارستوتېل ، بۇقرات ، سوكرات ، فىساغۇرس ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ، ھىندىلار بىدپاي ھېكىم ۋە ئۇنىڭ << كەلىلە ۋە دەمىنە >>سى بىلەن ، ئىرانلىقلار فىردەۋسى ۋە ئۇنىڭ << شاھنامە >>سى بىلەن ، ئېنگلىزلار بايرون ، شېكىسپىر بىلەن ، رۇسلار تولىستوي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن . . . ۋەھاكازالار . بىزمۇ ئەمدىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ تارىختىكى شانلىق كۈنلىرىمىزنىڭ مەرىپەت نىشانلىرىنى خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بۈيۈك تەنتەنە ساداسى ئىچىدە كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئىمكانىيەت تاپتۇق ، ئۇ بولسىمۇ بىز ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان يىگانە ئەسەر << قۇتادغۇ بىلىك >>تۇر . ھازىر بۇ ئەسەر خەلقىمىز قولىغا ئۆتتى ، نەزمىي يەشمىسى نەشىر قىلىنىپ تارالدى . بۇ ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن ئۇنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش ئىلمىي پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى . بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نى تەتقىق قىلىشنى قولغا ئېلىشتا ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا بار ، ئۇ بولسىمۇ << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ مەنسۇبىيەت مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ تىلىنىڭ قايسى مىللەت تىللىقى مەسىلىسىدۇر .
<< قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ يېزىلغىنىغا 1000 يىل بولغان بولسىمۇ ، شۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ، ئۇ بەزىدە كۆرۈنۈش ، بەزىدە كۆمۈلۈش ھاللىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ناھايەت 1925 – يىلى پروفېسسور فىترەتنىڭ تاشكەنتتە چىقىدىغان << مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى >> ناملىق مەجمۇئەدە بۇ ئەسەر توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات بېرىشتە ئۆزى ئۇچراتقان نەمەنگان نۇسخىسىدىن 154 – بەتنىڭ فاكسىمىلىنى بېرىشى بىلەن بۇ ئەسەر دۇنياغا تونۇلدى . شۇندىن بېرى ، << قۇتادغۇ بىلىك >> قولدىن قولغا ئۆتۈپ ، ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە .
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ نۇرغۇن دۆلەتلەر ، جۈملىدىن ۋېنگرىيە ، دانىيە ، گېرمانىيە ، تۈركىيە ، ئىتالىيە ، چار روسىيە ، ياپونىيە ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىغان دۆلەتلەردە بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئىلمىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلدى . تەتقىقاتچى ئالىملاردىن ئوتتۇ ئولبرىت ( گېرمانىيە ) ، ۋامبرى ( ۋېنگرىيە ) ، نەجىپ ئاسىم ، رەشىت رەھمەتى ئارات ، سەدرى مەقسۇدى ، ئا . دىل ئاچار ، كوپرولۇ فۇئادزادە ( تۈركىيە ) ، بومباچى ( ئىتالىيە ) ، مالوۋ ، رادلوۋ ، بارتولد ، سامايلۇۋىچ ( چار روسىيە ) ، فىترەت ، ئەخمەت زەكى ۋەلىدى ، ئېمىر نەجىپ ، قەييۇم كەرىموۋ ( سوۋېت ئىتتىپاقى ) ، تومسۇن ( دانىيە ) ، بروككېلىمان ، ھارتمان ( گېرمانىيە )لەر << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۈستىدە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ ، ئىلىم دۇنياسىغا ئالقىشقا سازاۋەر زور خىزمەتلەر تەقدىم قىلىشتى .
بىز ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە ، بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق ، ئۇ بولسىمۇ << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقى ، ئۇنىڭ تىلى قايسى مىللەتنىڭ تىللىقىدىكى بىر خىل بولمىغان مۈجمەل كۆز قاراشلاردىن ئىبارەت . دېمەك ، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدىكى كۆز قاراشلىرى ، پىكىرلىرى ئوخشاش ئەمەس . بۇ توغرىدا ئەھۋال شۇ دەرىجىدىكى ، << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان دەپ قويۇش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىدا . چۈنكى ، ھەر تەتقىقاتچىنىڭ بۇ توغرىلىق قىلغان تۈرلۈك سۆزلىرى ، كەلتۈرگەن دەلىل – ئىسپاتلىرى ، تۇيغۇ – ھېسسىياتلىرى بار .
شۇنىڭ ئۈچۈن ، بىزگىمۇ پىكىر ۋە مۇھاكىمىمىزنى ، دەلىل – ھۈججەتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ چوقۇم ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپلۇقى ، ئۇنىڭ تىلىنىڭ << مۇقەررەر ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت >>لىكىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش زۆرۈر بولۇپ قالدى . شۇ مەقسەتتە مەن پىكرىمنى تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا ئوتتۇرىغا قويىمەن :
1 ) << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقى ، ئۇنىڭ تىلىنىڭ قايسى تىللىقى توغرىسىدا ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى .
2 ) بۇ ھەقتە مېنىڭ پىكرىم ۋە دەلىل – ئىسپاتلار .
3 ) بۇ خۇسۇستا << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ شاھادىتى .
<< بارىقەئى ھەقىقەت تەساددۇمى ئەفكاردىن چىقار ، يەنى ھەقىقەت چاقماقلىرى پىكىرلەرنىڭ بىر – بىرىگە ئۇرۇلۇشلىرىدىن چاقنايدۇ >> دېيىلىدۇ . شۈبھىسىزكى ، ئەسەرنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بۇ تۇمانلىق ھاۋا بۇ پىكىرلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان نۇر ئۇچقۇنلىرى بىلەن سۈزۈلەر ۋە ئايدىڭلىشار . . .
<< قۇتادغۇبىلىك >> كىمنىڭ ، ئۇنىڭ تىلى
1 . << قۇتادغۇ بىلىك >> قايسى مىللەتكە مەنسۇپ ۋە ئۇنىڭ تىلى قايسى تىللىقى توغرىسىدا ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، بۇ ئەسەر ئىلىم دۇنياسىغا تونۇلغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن تەتقىق ۋە تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ، چىقىرىلغان تەتقىقات خۇلاسىلىرى ئوخشاش بولمىدى ، بەزى مەسىلىلەردە جىددىي ئىختىلاپلار كۆرۈلدى . بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ مەنسۇبىيىتى ۋە ئۇنىڭ تىلى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار ھەر خىل بولدى .
تەتقىقاتچىلاردىن رادلوۋ : << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ تىلى توغرىسىدا سۆزلىگەندە بەزى ئۇنداق ، بەزى مۇنداق دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆزى << قۇتادغۇ بىلىك >> تىلى دېگەن يېڭى بىر << ئىستىلاھ >> ئويلاپ چىقىپ ، ئەسەرنى << ئالتاي تىلى سىستېمىسىدا >> ھېسابلاپ ، ترانسكرىپسىيىلەشتۈرگەن بولسىمۇ ، تومسۇن بۇ ترانسكرىپسىيىنى ناتوغرا تاپتى ( مالوۋ : << تۈرك كونا يازما يادىكارلىقلىرى >> ، 1951 – يىل نەشرى ) . رادلوۋ ئون يىلدىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى سېزىپ ، تومسۇننىڭ پىكرىگە قوشۇلدى ( رادلوۋ : << < قۇتادغۇ بىلىك >نىڭ نەشرىگە بېرىلگەن ئاخىرقى سۆز >> ) . دېمەك ، << قۇتادغۇ بىلىك >> _ << ئالتاي تىلىغا مەنسۇپ >> دېگەن پىكىر يوققا چىقتى .
مالوۋ بۇ ئەسەر تىلىنى تەتقىق قىلىپ ، دەسلەپتە << قۇتادغۇ بىلىك >> تىلىنى چاغاتاي تىلى دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ ، نۇرغۇن تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چۈشەنچىسىدىن يېنىپ ، << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يادىكارلىقى دەپ تونۇدى . بۇ ئىختىلاپلار ھازىرقى كۈنىمىزدىن خېلى بالدۇر كۆرۈلگەن ئىختىلاپلار ئىدى . ئەمدى يېقىن كۈنلەردە ، يەنى ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ ئۆز ھوقۇقى توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىغان ، ئۆز مىراسلىرىغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ، ئۆز ھوقۇقىنى ئۆزى مۇداپىئە قىلىشقا باشلىغان بىر چاغدا ، بەزى مۈجمەل كۆز قاراشلار مەيدانغا قويۇلدى . شۇ جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ ئۆزبېكچە تەۋسىف نۇسخىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ نەسرىي مۇقەددىمىسىدە يېزىلغان : << چىن – ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى قامۇغ ( پۈتۈن ) ئىتتىپاق بولدىلەركىم ، مەشرىق ۋىلايىتىدە ، قامۇغ تۈركىستان ئەللىرىدە ، بۇغراخان تىلىنچە ، تۈرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياقشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسنىف قىلمادى . بۇ كىتاب قايۇ پادىشاھقا يا قايۇ ئىقلىمغا تەگدى ئەرسە غايەت ئۇزلۇقىندىن ، نىھايەتتىن كەچە كۆركلۈكىندىن ئول ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى ، ئالىملىرى قابۇل قىلىپ تەگمە ، ( ھەر ) بىرى بىر تۈرلۈك ئات – لەقەب ئۇردىلەر >> دېگەن جۈملىلەرنى ستاتا كەلتۈرۈپ مۇنداق بىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان :
<< . . . بۇغراخان تىلىنچە دېيىلگەن تىل ، بۇغراخان قول ئاستىدا بىرلەشكەن ھەممە قەبىلىلەرگە چۈشىنىشلىك بولغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەر قايۇ ئىقلىم ۋە قايۇ پادىشاھقا يەتسە قەدىرلىنىپ .ئوقۇلغان ، دېمەك ، ئەسەر تىلى شۇ دەۋر تۈرك قەبىلىلىرى تىللىرى ئاساسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نى 11 – ئەسىرلەردە ياشىغان بىر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ . . . >> دېيىلگەن . دېمەك ، << قۇتادغۇ بىلىك >> تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى كۆز قاراشلىرى ، پىكىرلىرى ، چىقارغان نەتىجىلىرىدە تېخى مانا شۇنداق مۈجمەللىكلەر بار .
2 . بۇ ھەقتە مېنىڭ پىكرىم ۋە دەلىل – ئىسپاتلار
1 ) رادلوۋنىڭ پىكرى تومسۇننىڭ سۆزى بىلەن رەت قىلىندى . ئۇ ، ئۆز پىكرىنى مۇقىملاشتۇرالمىغان .
2 ) مالوۋ << قۇتادغۇ بىلىك >> تىلىنى << ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يادىكارلىقى >> دەپ جاھانغا ئېلان قىلدى ، بۇ بىر دەلىل – ھۈججەت .
3 ) ئەمدى << < قۇتادغۇ بىلىك >كە ئۆزبېكچە تەۋسىف >>نىڭ كىرىش سۆزىدىكى كۆز قاراشلار ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىش زۆرۈر .
بۇ سۆزلەرنىڭ ئاپتورى : << قۇتادغۇ بىلىك >>نى 11 – ئەسىردە ياشىغان بىر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ ، دەيدۇ ۋە ئۆز پىكرىگە مۇنۇ مىساللارنى كەلتۈرىدۇ :
( 1 ) بۇغراخان تىلى ھەممىگە چۈشىنىشلىك بولغان ،
( 2 ) شۇڭا ھەممىسى قەدىرلەپ ئوقۇغان ،
( 3 ) ئۇ ، شۇ دەۋردىكى ھەممە قەبىلىلەر تىللىرى ئاساسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن .
بۇ قاراشلارغا مېنىڭ پىكرىم مۇنداق :
( 1 ) ئەگەر بۇغراخان تىلى ھەممىگە چۈشىنىشلىك ئىكەن ، ماقۇل ، ئەمما بىر مىللەت ئالىمى يازغان بىر ئەسەرنى باشقا مىللەتلەر چۈشەنسە ، ئۇ ئەسەر شۇ ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ مىللەت مەنسۇپلۇقىدىن چىقىپ كېتەلەمدۇ ؟
ياق ، ھەرگىز چىقىپ كېتەلمەيدۇ .
( 2 ) مۇقەددىمىدە : << ئول ئەلنىڭ ئالىملىرى ، ھېكىملىرى تەرەپتىن چۈشىنىلىپ ، تۈرلۈك ئات – لەقەبلەر ئۇرۇلغان >> دېگەن . بۇنىڭدىن << قۇتادغۇ بىلىك >>نى باشقا ئەللەر تامامەن چۈشەندى دېگەن مەنە كېلىپ چىقامدۇ ؟
ياق . چۈنكى ، تەبىئىيكى بىر مىللەتنىڭ ئالىملىرى ، ھېكىملىرى چۈشىنەلىگەن نەرسىنى ھەر قاچان پۈتۈن خەلقنىڭ چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن .
( 3 ) << باشقا ئەللەرنىڭ ئالىملىرى ، ھېكىملىرى چۈشىنىپ شۇنداق ئات – لەقەب ئۇرۇشقان >> دېگەن ئۇقۇم ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىنى تەشكىل قىلىدۇ ، دەپ قارالغان تۈركەش ، ياغما ، قارلۇق قەبىلىلىرى << قۇتادغۇ بىلىك >>نى ھازىرقى ئۇيغۇرلار چۈشەنگەندەك چۈشىنەلەمتى ؟
ياق !
( 4 ) بىر مىللەت ئىجاد قىلغان ئەسەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى چۈشەنگەن تەقدىردە ، بۇ ئەسەرنى چۈشەنگەن ئالىمنىڭ مىللىتىگە مەنسۇپ دېگىلى ۋە بۇ ئەسەرنى ئۇنىڭ ئىجادچىسى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ مەنسۇبىيىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولامدۇ ؟
ياق .
( 5 ) << بۇغراخان تىلىنچە >> دېگەن جۈملىدىكى << بۇغرا >> دېگەن سۆز خاقان بىلەن ئوخشاش خانلىق ئۇنۋانى ، بۇغراخان _ خاقان ، خاقان _ بۇغراخان ، بىزدە تەرجىمە قىلىنىپ ، نەشىر قىلىنغان << تۈركىي تىللار دىۋانى >>نىڭ كىرىش سۆزىدە مەھمۇت قەشقەرى نەزەرىدە << خاقانىيە تۈركىي تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى _ بىر تىل ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق >> دەپ كۆرسەتكەن . ئەمدى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خاقانىيە تىلى بىر تىل بولىدىغان بولسا ، بۇغراخان تىلى بىر ئۇنۋان ئاساسىدىكى بىر تىلنى ئۇقتۇرىدىغان بولسا ، نېمە ئۈچۈن مۇقەددىمىدىكى << بۇغراخان تىلىنچە >> دېگەن جۈملە ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتەلمەيدۇ ؟
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر تىل ھېسابلىنىدىغان بۇغراخان تىلىنچە _ << خاقانىيە تىلىنچە >> يېزىلغان << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ بولالمايدۇ ؟
دېمەك ، پاكىتلار << < قۇتادغۇ بىلىك > 11 – ئەسىرلەردە ياشىغان بىرەر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى >> دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ ، دېگەن پىكىرنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ، يوققا چىقىرىدۇ .
مۇشۇنداق پاكىتلار ئاساسىدا بىز << < قۇتادغۇ بىلىك > ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ ، ئۇنىڭ تىلى _ ئۇيغۇر تىلى >> دېگەن بىر ھەقىقەتنى سۆزلەشتە ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي ھەقلىق تاپىمىز . چۈنكى ، دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە كۆز قاراش ھەر قاچان ئۈستۈنلۈككە ئىگە .
<< قۇتادغۇبىلىك >> كىمنىڭ ، ئۇنىڭ تىلى
3 . بۇ خۇسۇستا << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ شاھادىتى
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى ئۈچ كىچىك ماۋزۇچاق ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن :
1 ) ئەسەردە قوللىنىلغان ، ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلىۋاتقان سۆزلەردىن نەمۇنە .
2 ) ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >> مىسرالىرىدىكى مىقدار نىسبىتىدىن نەمۇنە .
3 ) ھېچقانداق يەشمىسىزمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە چۈشىنەلەيدىغان مىسرالاردىن نەمۇنە .
1 ) ئەسەردە قوللىنىلغان ، ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلىۋاتقان سۆزلەردىن نەمۇنە
ئاچ ، ئىفىتماق ، ئاقساق ، ئالقىش ، ئارىخ ، ئازغاش ، باي ، بەلگىلىك ، بەزەك ، بىغىرساق ( شەپقەت ، باغرى ساقتىن چىققان ) ، بىتىك ، بۆرى ، بۆرك ، بوغرا ، بۇلاق ، بۇدۇن ، بۇرۇن ، چىرىك ، چىۋىن ، چۇمغۇق ، ئەم ، ئەمچى ، ئىلا ( ئىلى ناھىيىسى ، ۋىلايىتى ) ، ئىنجىق ، ئىنچ ( تىنچ ) ، ئىرىك ( ژىرىك ) ، ئىششىخ ، سان ، سارت ، ساقىش ( ھېساب ، ساق ئىشتىن چىققان ) ، سىلىگ ، سوغالساق ، سۆڭەك ، شاتۇ ، تاغار ، تاڭشۇق ، تەلۋە ، تۇغ ( بايراق ) ، تاقۇغ ( خىزمەت تاپقاندىن چىققان ) ، تۈن ، تۇرقۇ ( تاۋار – توقا ) ، توسۇن ، تورا ، تۈش ( تەڭتۈشى ) ، توشاغ ، تۈرۈك ، قاچان ، قارا قۇش ، قاراقچى ، قارماق ، كىزىك ، قىلىق ، قۇلان ، قۇتۇز ، لاچىن ، كىزىن ( كېيىن ) ، كېڭەش ، كەڭ ، قىڭغۇز ، كۆك ( كۆكلىدى ) ، كۆپ ، كورك ، مەڭ ، ماڭىم ( ماڭدىم ) ، مەڭزى ، مەڭگۈ ، موك ، ئوغرى ، ئوڭ ، ئوڭاي ، ئوت ، ئۇزا ، ئۆكۈز ، ئۆكۈنچ ، ئۈرۈك ، ئۆتۈنچ ، ئوزە ، ئۇۋۇت ( ئۇيات ) ، ئۇز ، ئۇرۇغ ، ئولۇش ، ئۆزۈك ، يېغى ، يالىڭ ، يەڭلىغ ، ياراغ ، ياشىن ، ياز ، يىلقى ، يەڭ ( كىيىمنىڭ يېڭى ) ، يارلىغ ، يات ، يازدى ، يىراق ، يارماق ، ياۋاش ، يىلدىز ، يىنىك
بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر << قۇتادغۇ بىلىك >>تە ناھايىتى كۆپ .
2 ) ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ << قۇتادغۇ بىلىك >> مىسرالىرىدىكى مىقدار نىسبىتىدىن نەمۇنە
[ 76 - بېيت ] ئۇنىن ئۆتتى كەكلىك كۈلەر قاتغۇرا ،
قىزىل ئاغزى قان تەگ ( دەك ) قاشى قاپقارا ،
( ئۈن ، كەكلىك ، كۈلەر ، قاتغۇرماق ، قىزىل ، ئېغىز ، قان ، تەگ ، قاش ، قاپقارا ، 11 سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 3480 - بېيت ] كۆڭۈل كىمنى سەۋسە كۆرۈر كۆزدە ئول ،
كۆزۈن قانچە باقسا ئۇچار يۈزدە ئول .
( كۆڭۈل ، كىم ، سەۋمەك ، كۆرمەك ، كۆزدە ، ئول ، كۆز ، قانچە ، باقماق ، ئۇچماق ، يۈزدە ، ئول ، 12 سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 3481 - بېيت ] كۆڭۈلدە نەگۈ ( نېمە ) ئەرسە ئارزۇ – تىلەك ،
ئاغىز ئاچسا بارچە تىلىن سۆزدە ئول .
( كۆڭۈل ، ئەرسە ، ئارزۇ ، تىلەك ، ئېغىز ، ئاچماق ، بارچە ، تىل ، سۆزدە ، ئول ، 12 سۆزدىن 11سى ئۇيغۇرچە ) .
[ 4917 - بېيت ] ئۇلۇغلۇققا ئارتۇق كۆۋەنمە ( قوۋانما ) كۆلە ،
ئۇلۇغ بولدۇڭ ئەرسە ، باش ئاغرىغ بىلە .
( ئۇلۇغ ، ئارتۇق ، كۈلمەك ، ئۇلۇغ ، بولماق ، ئەرسە ، باش ، ئاغرىغ ، بىلە ، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1196 - بېيت ] ئۆلۈمۈگ ئاسىغ ( مەنپەئەت ) قىلماز ئالتۇن – كۈمۈش ،
ئۆلۈمۈگ تىزوماز ( توسماس ) بىلىك يا ئوقۇش .
( ئۆلۈم ، قىلماق ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، تىزوماز ، بىلىك ، ئۇقۇش ، توققۇز سۆزدىن سەككىزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1387 - بېيت ] ئاتا ئارقا سىندىن تۇغۇلسا ئوغۇل ،
ئانا قارنى مەنزىل قاچ ئايلىق ئامۇل .
( ئاتا ، ئانا ، ئارقا ، تۇغۇلماق ، ئوغۇل ، قېرىن ، مەنزىل ، قاچ ، ئاي ، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ، بىرسى ئەرەبى ، چۈشىنىشلىك ) .
[ 3031 - بېيت ] خەزىنە نەرەك ( نە كېرەك ) كۆپ ئەر ئات چوق كەرەك ،
بەگى باي كەرەكسىز بۇزۇن توق كەرەك .
( خەزىنە ، نەرەك ، كۆپ ، ئەر ، ئات ، كېرەك ، بەگ ، باي ، توق ، 12 سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1061 - بېيت ] ئوت ئەم قالمادى كۆر نەچە قىلدىلەر ،
ياراشىق نە ئەرسە ئانى بەردىلەر .
( ئوت ، ئەم ، قالماق ، كۆر ، نەچە ، قىلماق ، ياراشىق ، ئەرسە ، ئانى ، بەرمەك ، ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 1595 - بېيت ] كىشى ئەمگەك ، ئىدسا ( قىلسا ) ساڭا بەلگۈلۈگ ،
ئۇنىتما ئول ئەمگەكنى بولما ئۆلۈگ .
( كىشى ، ئەمگەك ، ساڭا ، بەلگىلىك ، ئۇنۇتما ، ئول ، ئەمگەك ، بولماق ، ئۆلۈك ، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە ) .
[ 237 - بېيت ] تىرىگ ئۆلگۈ ئاخىر توشەنگۈ يېرىگ ،
كىشى ئۆلسە ئەدگۈن كۆر ئاتى تىرىگ .
( ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ) .
[ 464 - بېيت ] يۈزى كۆركلۈگ ئەردى كۆرۈپ كۆز قامار ،
سۆزى يۇمشاق ئەردى تىلى تۇز تامار .
( 12 سۆزنىڭ بارلىقى ئۇيغۇرچە ، چۈشىنىشلىك ) .
[ 204 - بېيت ] سۆزۈم سۆزلەمىشكە ساڭا ئەيمەنۇ ،
ئۆزۈم ئۆزى قولدى ساڭا ئۇش ، مۇنۇ .
( ئون سۆزنىڭ ھەممىسى چۈشىنىشلىك ، گەرچە قولماق _ ئۆتۈنمەك ، ئۇش _ ھازىر ئىستېمالدىن چىققان بولسىمۇ ) .
[ 416 - بېيت ] ئۇقۇشلۇغ كىم ئەرسە ئوقىتتى ئانى ،
بىلىكلىگ كىم ئەرسە بەزۇتتى ئانى .
( ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ، چۈشىنىشلىك ) .
[ 3292 - بېيت ] قاپۇغ ئاچتى چىقتى قاداشىن كۆرۈپ ،
قۇچۇشتى ، ئەسەنلەشتى يۈز – كۆز ئۇپۇپ .
( ئون سۆزنىڭ بارلىقى ئۇيغۇرچە ، چۈشىنىشلىك ) .
3 ) ھېچقانداق يەشمىسىزمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە چۈشىنەلەيدىغان مىسرالاردىن نەمۇنە
[ 211 - بېيت ] كىشى كۆڭلى تۈپسىز تەڭىز تەگ تۇرۇر ،
بىلىگ يىنچۇ سانى تۈپىندە ياتۇر .
[ 350 - بېيت ] كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇ بىلىگ ،
قۇتاسۇ ئوقۇغلىقا تۇتسۇ ئىلىگ .
[ 1953 - بېيت ] بەگ ئاتى بىلىگ بىرلە باغلىغ تۇرۇر ،
بىلىگ لامى كېتسە بەكى ئاتى قالۇر .
[ 167 - بېيت ] سۆزۈڭنى كۈدەزگىل باشىڭ بارماسۇن ،
تىلىڭنى كودەزگىل تىشىڭ سىنماسۇن .
[ 168 - بېيت ] بىلىپ سۆزلەسە سۆز بىلىگكە سانۇر ،
بىلىگسىز سۆزى ئۆز باشىنى يېيۇر .
[ 768 - بېيت ] باقىپ كۆردى ئېلىگ كۆزىن ئىملەدى ،
ئىشارەت بىلگە كەلگىل ، ئولتۇر تېدى .
[ 774 - بېيت ] بىر ئانچە تۇرۇپ باش كۆتۈردى ئېلىگ ،
بۇ ئايتولدىقا ئايدى تەپرەت تېلىگ .
[ 67 - بېيت ] قۇرىمىش يىغاچلار توناندى ياشىل ،
بەزىندى يىپۇن ، ئال ، سارىغ ، كۆك ، قىزىل .
[ 370 - بېيت ] بوزۇم ئەردى ئوقتەگ كۆڭۈل ئەردى يا ،
كۆڭۈل قىلغۇ ئۇقتەگ بوزۇم بولدى يا .
[ 371 - بېيت ] تاتىغ ئەردە بارچە يىگىتلىك ئىشىم ،
ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يېر ئاشىم .
[ 372 - بېيت ] يىگىتلىك نەگو ( نېمە ) يىغدى ئەرسە ماڭا ،
قارىلىق كەلىپ ئالدى ، كەلگەي ساڭا .
[ 383 - بېيت ] قاراڭقۇدا ئەردىم يارۇتتى تۇنۇم ،
تۇنەركتە ئەردىم توغۇردى كۈنۈم .
[ 187 - بېيت ] ساڭا سۆزلەدىم مەن سۈزۈم ئى ئوغۇل ،
ساڭا بېردى بۇ پەند ئۈزۈم ئى ئوغۇل .
[ 188 - بېيت ] كۈمۈش قالسا ئالتۇن مەنىڭدىن ساڭا ،
ئانى تۇتماغىل سەن بۇ سۆزكە تەڭا .
[ 956 - بېيت ] بۇ ئايتولدى ئولدۇردى ئاقرۇسلىگ ،
كۆزىن يېرگە تىكتى بەكۇتتى تىلىگ .
[ 957 - بېيت ] ئېلىگ ئايدى : ئايتولدى سۆزلە سۆزۈڭ ،
نەلۇك شۇك تۇرۇرسەن ، نە بولدى ئۆزۈڭ .
[ 966 - بېيت ] قارا باش ياغىسى قىزىل تىل تۇرۇر ،
نەچە باش يېدى بۇ تاقى ما يېيۇر .
[ 967 - بېيت ] باشىڭنى تىلەسە تىلىڭنى كۆدەز ،
تىلىڭ تەگمە كۈندە باشىڭنى يانۇر .
[ 1382 - بېيت ] نەچە قاچسا ئاخىر ئۆلۈم تۇتغۇسى ،
نەچە قالسا ئاخىر ئۆلۈم يەتكۈسى .
[ 1384 - بېيت ] قانى كىم قۇتۇلدى ئۆلۈمدىن قاچىپ ،
قانى كىم ئاشۇندى ئۆدىندىن كەچىپ .
[ 1396 - بېيت ] بۇ تۇشتەگ تىرىگلىك كەچۈر بەلگەسۈز ،
كەرەك بەگ ، كەرەك قۇل بارۇر كەلگۈسۈز .
[ 1419 - بېيت ] ئەدىز ( ئېگىز ) ، كەڭ ، بەدىزلىگ سارايىڭ قالىپ ،
قاراڭقۇ يېر ئەۋدە ياتۇرسەن ئۇلىپ .
[ 1441 - بېيت ] ۋەفا قىلغۇ ئەرمەز بۇ دۇنيا بىلىن ،
كەچەر دۇنيادا ئۆز ئازۇقۇڭ ئالىن .
[ 1501 - بېيت ] ئايۇر ئى ئوغۇل كۆردۈڭ ئەمدى مەنى ،
نە ھالىن باررىر مەن ئۇنىتما مۇنى .
[ 1503 - بېيت ] كەرەكلىگ سوزۇگ مەن تۇتۇزدۇم ( تۇتقازدىم ) ساڭا ،
سۆزۈمنى ئۇنىتما دۇئا قىل ماڭا .
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ، << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتى ۋە تىلىنىڭ بىردىنبىر نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بارلىقىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز .
بۇ نۇقتىلار << قۇتادغۇ بىلىك >> فىلولوگىيە ( تىل – ئەدەبىيات ئىلمى ) دائىرىسىدە قولغا ئېلىنىپ ، ئۇنى مورفولوگىيە ( سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى ) ، سىمولوگىيە ( سۆز مەنىلەرنى تەتقىق قىلىش ئىلمى ) ، ئىتمولوگىيە ( سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تېپىش ئىلمى ) ، فونېتىكا ( ئاھاڭ ) ، فونېماتىكا ( سۆز مەنىسىنىڭ گرامماتىك شەكىللىرىنى بىلىش ئىلمى ) ۋە لېكسولوگىيە نۇقتىئىنەزىرىدىن تەتقىق ۋە تەھلىل قىلغاندا يەنىمۇ ئوچۇق ئىسپاتلىنىدۇ . ھازىر بىزدە << قۇتادغۇ بىلىك >>شۇناسلىق تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە جەمئىيىتى تەشكىل قىلىندى .
بىز ئىشىنىمىزكى ، << قۇتادغۇ بىلىك >> ئۈستىدە بۇ يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىلمىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ، مۈجمەل قاراشلار تۈزىتىلىدۇ . ئۆتمۈشتىكى پارلاق بولغان ئىلىم – مەرىپەتلىك ھاياتىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان يىمىرىلمەس ئىلمىي ئېھرام << قۇتادغۇ بىلىك >>نىڭ ئەھمىيەت دەرىجىسى يەنىمۇ يۈكسىلىدۇ .
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش : << تارىخىي مىراس _ < قۇتادغۇبىلىك > ھەققىدە بايان ) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى )
مەنبە:ئورخۇن
 |