ئەسكەرتىش: بۇ شىئېر تور ۋە جەمىئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان شىئېر -بولۇپ،ئوقۇرمەنلەر بۇ شىئېرنى بىر ئەسەر دەپ بىلىشى، خۇسۇسى نۇقتىدىن تەھلىل-
قىلماسلىغىنى ئۈمۈت قىلىمەن........
زەپ تويمۇدۇڭ جاھانغا خوتۇن،
ئەخلەتنىمۇ بىلىسەن ئالتۇن.
ئاچچىغىڭنى ئالىسەن مەندىن،
ئوچىغىڭدا كۈيمىسە ئوتۇن.
كۇنۇڭ ئوتمەس ماڭا دوق قىلماي،
ئىشلىرىمدىن بىر چاتاق تاپماي.
ئەيۋىمنى ئاچىسەن ياپماي،
ئەر بولغانغا تويغۇزدۇڭ خوتۇن.
گەر ماختىسا ئېرىنى بىرى،
شۇئان كىلىپ تالايسەن مىنى.
كىچىپكىتەي دىسەم بىر يولى،
باللىرىمغا قىيمايمەن خوتۇن.
دەر قايرىلسا ئەرنىڭ بىلىگى،
چىچەك ئاچماس ئەلنىڭ تىلىگى.
مەن ئىدىمغۇ ئوينىڭ تۇرىگى،
سۇنۇپ بەرسەم بولامدۇ خوتۇن.
 |