تىما : ئۇيغۇر مەشھۇر شەخىسلىرىنى تونۇۋېلىڭ
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 12:58

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخىسلىرىنى تونۇۋېلىڭ

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما admin تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-29)
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخىسلىرىنى تونۇۋېلىڭ


ئابباس بۇرھان: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، تەتقىقاتچى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن: سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، رەسسام
.
ئابدۇكېرىم راخمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى
.
ئابدۇكېرىم خوجا: ئاتاقلىق شاىر، ئەدەبىي تەرجىمان
.
.
ئابدۇللا تىمەن: زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر سىياسىونلىرىنىڭ بىرى(تەيۋەن
).
ئابدۇقادىر تاش: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ژۇرنالىست
.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم: بوكس تۈرى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان
.
ئابدۇراخمان قاھار: يازغۇچى، «ئىلى دولقۇنلىرى» قاتارلىق بىرقاتار رومان-پوۋېستلارنى يازغان
.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدى: ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى (قازاقىستاندىن، مۇراد ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى
)
ئابدۇرەھىپ پولات تەكلىماكانىي: ئەدەبىياتشۇناس، تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا
)
ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى
.
ئابدۇرېشىت توختى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مول ھوسۇللۇق كومپوزىتورى
.
ئابدۇرېشىت زۇنۇن: كىيىم لايىھىلەش بويىچە ئالىي ئىنژېنېر
.
ئابدۇروسۇل ئابدۇللا: مېتېورولوگىيە بويىچە ئالىي ئىنژېنېر
.
ئابدۇشۈكۈر كېرىم: شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسسامى
.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى
.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شاىرى
.
ئابلەق ئاۋامىسلىم: مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور
.
ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئوتلاقچىلىق مۇتەخەسسىسى (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى
)
ئابلىمىت ئابدۇقادىر: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن، بىئولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى
.
ئابلىز ھېزىموف: يازغۇچى (قازاقىستان)، قازاقىستاندا نۇرغۇن ئىاجدىيىتى بارلىقى مەلۇم، ۋەتەندە «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان
.
ئابلىز شاكىر: مۇقامشۇناس (شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن
)
ئادالەت ئەخمەتجان: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى
)
ئادىل ھوشۇر: داڭلىق دارۋاز (شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىدىن
)
ئادىلجان جۇڭگودىكى ۋاسكېتبول چولپىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ دۆلەتلىك ترېنېرى
.
ئالىجان ئىبراھىموف: قازاقىستاندىن، كاتتا كارخانىچى
.
ئامىنە غاپپار: تىلشۇناس
.
ئارسلان ئابدۇللا: تىلشۇناس، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن
.
ئايشەم ئەخمەت: يازغۇچى.«ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلارنى يازغان
.
ئايشەم ھوشۇر: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى
.
ئازاد سۇلتان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى،  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەىسى
.
بىلال ئىلياس: ماتېماتىك، ياپونىيىدە
.
بوغدا ئابدۇللا: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شاىر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن
)
چىمەن يۇنۇس: باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
.
دىلبەر يۇنۇس: دۇنياغا تونۇلغان دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى
.
دىلمۇراد كۇزىيېف: كاتتا كارخانىچى، قازاقىستاندا
.
دىلنار ئابدۇللا: ئۇسسۇل سەنئەتكارى
.
دىلناز ئەخمىدى: ناخشا چولپىنى (مۇراد ئەخمىدىنىڭ قىزى، قازاقىستاندا
)
دىلشات ئابلا: نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
..
دىلشات ھېۋىزۇللا: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئىنژېنېرى (ئەنگلىيىدە
)
دىلشات سۇلتان: ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر
.
دولقۇن رەھمىتۇللا: تېببىي مۇتەخەسسىس (ئامېرىكىدا
)
ئەكبەر غۇلام: ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى
.
ئەكرەم ئەلى: ئاگرونومىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
.
ئەل فارابى: 10-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن، پەيلاسوپ، تېببىي ئالىم، مۇزىكىشۇناس
.
ئەلى ئەسمىتۇللا: قاتناش-ترانسىپورت تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
.
ئەلىشىر ناۋاىي: 15-ئەسردە ياشاپ ئىجاد قىلغان، مۇتپەككۇر شاىر
.
ئەنۋەر ھەسەن: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
.
ئەنۋەر مۇھەممەت: شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق سېھىرگەر
.
ئەركىن سىدىق: ئوپتىكا پەنلىرى ئىنژېنېرى (ئامېرىكىدا
)
ئەسەت سۇلايمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن
.
ئەخەت تۇردى: يازغۇچى، ژۇرنالىست
.
ئەخمەت تۆمۈر؛ ئاسارئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى، «جۇڭگودىكى يىغىپ ساقلاش چولپىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن
.
ئەختەم ئۆمەر: يازغۇچى
.
ئەزىزوف قاسىم: گېنېرال
.
غازباي: مىلادىيىدىن ئىلگىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېببىي ئالىم، قەدىمىي ھىندىستان مەنبەلىرىدە نامى تىلغان ئېلىنغان
.
غازى ئەمەت:رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن
.
غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى
.
غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
.
غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شاىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن
.
غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن
.
ھاجئەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن
.
ھىسام قۇربان: زامانىمىزدىكىنەسىردىن ئەپەندى
”.
ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
.
ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى
.
ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى
.
ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
.
ئىبراھىم مۇھتى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى
.
ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى
.
ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى
.
ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شائىر، تىلشۇناس
.
ئىمىننىياز ئىسمائىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن
.
ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېولوگ، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى
.
ئىززەت ئىلياس: ناخشىچى، شىنجاڭ ئوپەرا ئۆمىكىدىن
.
جالالىدىن بەھرام: يازغۇچى، رەسسام. «لېيىغان بۇلاق»، كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى. مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدىكى مۇسا سايرامىنىڭ رەسىمىنى جالالىدىن ئەپەندى سىزغان
.
ئابدۇۋەلى جارۇللايېف: ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى
.
جيەن بوزەن: تارىخشۇناس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن
.
جيەن يىڭخەي: جۇڭگودىكى مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن
.
كۈرەش ئىبراھىم: فىزىكا ئالىمى، قېتىشىش ھالەت فىزىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىدىن
.
لىتىپ توختى: تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن
)
لۇتپۇللا مۇتەللىپ: ئىنقىلابىي شائىر
.
مۇھەممەت باغراش: يازغۇچى، ش ئۇ ئا ر  يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن
.
مۇھەممەتجان سادىق: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن
)
ماھىنۇر ھاجىياقۇپ: كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمانى
.
ماھىنۇر نىياز: دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا
.
مەھمۇد كاشغەرى: 11-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن تىلشۇناس.«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى
.
مەھمۇد خالىق: بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى
.
مۇھەممەت شاۋدۇن: ژۇرنالىست، شائىر
.
مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق): مائارىپچى، شائىر
.
مەمتىلى زۇنۇن: شاىر، دراماتۇرگ. «ھېيتگاھ تۇمانلىرى»، «مەسلىھەت چاي»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق دراما-ئوپېرالارنى ۋە نۇرغۇن نادىر ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان
.

مەمتىمىن بارات:گېن ۋە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئابدۇقادىر داموللا: 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئالىم

مەنبە: ئەلنۇر تورى
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇر مەشھۇر شەخىسلىرىنى تونۇۋېلىڭ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: