يۇرتداشلىق ئادىتى كىشىلىك مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىنىدىغان يۇرت مېھرى قارىشى بولۇپ ، ئۇنىڭغا بەلگىلىك ئۆملۈك ئېڭى سىڭگەن . ئۇيغۇرلاردىكى يۇرتداشلىق قارىشى ئاساسەن مۇنداق ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ :
1. يۇرتنىڭ نام - مەنپەئەتىنى قوغداش . مەلۇمكى يۇرت - مەھەللىلەر مەلۇم پاسىل ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ . شۇ يۇرت - مەھەللە ئادەملىرى شۇ دائىرىدىكى يەر - سۇ ، يايلاققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ ئادەتلەنگەن ، بۇ خىلدىكى "پاسىل" ئۇزۇن تارىخى جەرياندا تەبىئىي شەكىللەنگەن بولۇپ ، كېيىنكى دەۋرلەردە سۇنئىي - مەمۇرىي ئۇسۇل بويىچە ئايرىلىدىغان بولغان ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ناھىيە - شەھەر ، يېزا - قىشلاقلار ئەنە شۇنداق پاسىل بىلەن ئايرىلغان "يۇرت- مەھەللە" لەردىن ئىبارەت ، ئەنە شۇ دائىرىدە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۆزلىرىگە قوشنا "باشقا" يۇرت - مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆز دائىرىسىدىكى يەر -سۇ ، يايلاقتىن يۇشۇرۇن ياكى ئاشكارا پايدىلانغانلىق ئەھۋالى سادىر بولغاندا ، شۇ يۇرت - مەھەللىدىكىلەر ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇلارنى توسۇپ ۋە ئۇلار بىلەن دەۋالىشىپ كەلگەن ، ھەتتا كاتمەن ، ئارا - توقماق كۆتۈرۈشۈپ جىدەل - ماجرا تۇغدۇرۇپ كەلگەن . مۇنداق جېدەل - ماجرا جەريانىدا قانلىق ۋەقەلەرمۇ سادىر بولاتتى ، مۇنداق ئەھۋال ئازادلىقتىن بۇرۇن دائىن يۈز بېرىپ تۇراتتى . بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولىشىغا ئۆز يۇرت - مەھەللىسىگە بولغان مېھىر - مۇھەببەت ۋە يۇرت - مەھەللە نام - مەنپەئەتىنى قوغداش ئادىتى سەۋەب بولۇپ كەلگەن . مۇنداق ئادەت ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەچكە ئۇنىڭ تەسىرى بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە .
مەلۇمكى يۇرت - مەنپەئەتىنى قوغداش تار ۋە كەڭ ئىككى مەنىگە ئىگە . كەڭ مەنىدىكى يۇرت مەنپەئەتىنى قوغداش قارىشى ۋەتەن مەنپەئەتىنى ، دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ھەممە ئادەمنىڭ شەرەپلىك بۇرچى ، چىڭ تۇرۇپ جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەنئەنە . تار مەنىدىكىسى يېزا - قىشلاق پاسىلىنى قوغداشقا قارىتىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا يېزا - قىشلاق ئاھالىسىنىڭ ئۆملۈك قارىشى سىڭگەن ، مۇنداق ئۆملۈك قاراش ئىجابىي ۋە سەلبىي رولىغا ئىگە . ئىجابىي تەرىپى --- شۇ يۇرت - مەھەللىنىڭ جامائەت ئىشلىرىنىڭ ياخشى يولغا قويۇلىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . سەلبى رولى --- يۇرت - مەھەللىلەر ئارا ئىناقسىزلىق ، مەھكىمىۋازلىق ، يۇرتۋازلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا ئۇ قەدىمكى ئۇرۇق - قەبىلە دەۋرىدىكى قىساسكارلىق ئادىتىنىڭ قالدۇق تەسىرىنىڭ ئىپادىسى ، بۇ خىلدىكى ئۆملۈك قارىشىنى توغرا يېتەكلەپ سەلبى تەرىپىنى يېڭىپ ، ئىجابىي تەرىپىنى جارى قىلدۇرۇپ ، سوتسىيالىستىك ئومۇملۇق قارىشىنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىشىمىز لازىم .
2 . ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە : ئۇيغۇرلاردا يۇرتداشلىق ئادىتى بويىچە يۇرت - مەھەللە ئاساسىدا ئالاقە قىلىش بىر قەدەر ئومۇمىيلاشقان ئادەت ، بۇ خىل ئادەت ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئىچىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىپادىلىرى :
(1) يۇرت - مەھەللە سېلىشتۇرۇپ "بىر دەريا (ئېرىق) نىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان" ، "ئاتا كۆرۈپ چوڭ بولغان" دەپ يېقىندىن باردى - كەلدى قىلىپ ئۆتىدۇ .
(2) ھەرقانداق ئىشتا يېقىن ھەمكارلىشىپ ، بىر - بىرىنى يۆلەيدۇ .
(3) ئىلاجى قىلىپ پەرزەنتلىرىنى شۇ دائىرىدە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ .
(4) مۈمكىنقەدەر بىر مەھەلە بولۇپ توپ ئولتۇراقلىشىشقا تىرىشىدۇ . بەزى جايلاردىكى "قەشقەر مەھەللىسى" ، "ئاتۇش مەھەللىسى" ، "تۇرپان مەھەللىسى" دەپ ئاتالغان مەھەللىلەر جۈملىسىدىن ، "مەھمۇد قەشقەرى" ، "موللا مۇسا سايرامى" دېگەندەك يەر نامىدا تەخەللۇس قويۇش ئادىتىمۇ شۇ ئەقىدىدىن كەلگەن .
(5) جامائەر سورۇنلىرىنىمۇ شۇ يۇرت ، مەھەللە نامىدا ئاتاپ ئادەتلەنگەن . "خوتەن مەسچىتى" ، "تۇرپان مەسچىتى" ، "قەشقەر سارىيى" .... قاتارلىقلار . بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئادىتى قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ، بولۇپمۇ ، ئاتۇشلۇقلاردا كەڭ ئومۇملاشقان . شۇڭا ئاتۇشلۇقلار يۇرت سۈرۈشتۈرۈپ ئۆم ئۆتۈش ، ھەمدەملىك ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ داڭق چىقارغان .
مەلۇمكى يۇرتداشلىق مۇناسىۋەت قوغلىشىش ئادىتىنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك كىشىلەرنىڭ ئۆم ، ھەمدەم ئۆتۈشى بويىچە ئىجابىي تەرىپى بولغان بىلەن سەلبىي تەرىپىمۇ بار ، ئەلۋەتتە . ئۇنىڭ ئىپادىلىرى : باشقا يۇرتلۇقلارنى كۆزگە ئىلماي چەتكە قېقىش ؛
باشقىلارنى "تېرىندىلەر" دەپ قاراش ؛ مەھەللىلەر بويىچە گۇرۇھ بولىۋېلىپ "نوچىلىق تالىشىش" ، باشقىلارنى مەڭسىتمەسلىك قاتارلىق . بۇ يامان ئادەت تۈپەيلىدىن "يۇرتۋازلىق" ، "مەھەللىۋازلىق" ھەرىكەتلىرى پەيدا بولۇپ ، گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ جېدەل - ماجرا چىقىرىش بىلەن ئىىتىپاقلىققا ، جەمىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق سالىدىغان ۋەقەلەر دائىم سادىر بولۇپ كەلگەن . بۇنداق ئەھۋال ھېلىھەم مەۋجۇد بولۇپ كەلمەكتە . بۇ يۇرتداشلىق ئادىتىمىزدىكى بىر نۇقسان ھەم ناچار ئادەت .
مەنبە : << ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى >> ناملىق كىتاب .
 |