تىما : ئاجراشمىسام بولمىدى
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 104
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
جۇغلانما: 111
پۇلى: 104
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 01:33

ئاجراشمىسام بولمىدى

                                             ئاجراشمىسام بولمىدى     

كۈن ئۆتكۈزمەك تەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
خوتۇن بەكلا پەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
نىگارىدىن بىتەلەي كەلگەن ئەرلەر بىچارە،
ئىكەن ماڭا نەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
 
كۆيدۈم دېسە، كۆيدۈم دەپ، توي قىلغانتىم ئەسلىدە،
سۆيدۇم دېسە، سۆيدۈم دەپ، توي قىلغانتىم ئەسلىدە،
ئۇنىڭ ھەربىر سۆزلىرى يالغان ئىكەن، ۋاي ئىسىت...
بىلگەن چاغدا تەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
مال - دۇنيارىم كۆپ بولغاچ، كۆيگەنلىرى شۇ ئىكەن،
ھاتەم كەبى مەرد بولغاچ،  سۆيگەنلىرى شۇ ئىكەن،
توي بىلەنلا تۈگىدى تەئەللۇقات، مال - بىسات،
ئەمدى دىلغا غەش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى
.
خۇي - مىجەزى كۈنسېرى ياقماي قالدى دىلىمغا،
چوغنى ياقتىم مەن مۇشۇ سۆڭىكى يوق تىلىمغا،
مەقسىتىنى بىلگەندە پۇشايمانغا قالدىممەن،
ئاپەت دېگەن قۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
كۈندۈزلىرى بازارغا يورغىلايدۇ توختىماي،
كېچىلىرى ئۆتمەيدۇ رېستوراننى يوقلىماي،
مەن ساقلايمەن ئەنسىرەپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي،
نەچچە قېتىم مەست كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
قوزغاتماقتا زەردەمنى ئۇنىڭ قىلغان پەردىزى
قاراپ باقسا، تۇرقى بىر غەيرىي مەخلۇق ئەندىزى،
يامان كۆزدىن ئەيمىنىپ خىجىل بولار دېگەنتىم،
لېكىن كەيپى خوش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
كىيگەن كىيىم سۆڭگەچنى تۈزۈككىنە ياپالماس،
نەچچە دېدىم ئۇنىڭغا، ياخشى ئامال تاپالماس،
تاپا - تەنە كۆپ بولدى، ئوڭشالمىدى پەقەتلا،
چىڭ تاياقمۇ بوش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى
ئۆي ئىشىغا پۇت - قولى قولاشمايدۇ، ئوڭ كەلمەس،
ھەتتا بىر ۋاخ تاماقنى قاملاشتۇرۇپ ئېتەلمەس،
ھەممىسىنى ئاخىرى ئۆزۈم قىلدىم، ئۇخلايدۇ،
دائىم خورەك - پۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
بىكار بولسا، تۆت خوتۇن غەيۋەت قىلار كۈنبويى،
غاجىلاشتىن نېمىكىن ئۇنىڭ مەقسەت ھەم ئويى؟
شۇ سەۋەبلىك تۆت توخۇ، ئالتە توشقان ياداڭغۇ،
غەزەپ تۇشمۇتۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
ئۆزى شۇنداق بولغاچقا دوستلار ئارا گەپ بولدى،
خىجىل بولۇپ سۆزىدىن زەردەم تېشىپ «خەپ!...» بولدى،
سالسام ئاڭا بىر تەستەك، ياقام دەرھال يىرتىلىپ،
زاڭىقىمغا مۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
ئادەم سالدىم ئارىغا، ئاڭلىمىدى گېپىنى،
يامان قىلدى ھەتتاكى ئۇنىڭ ياخشى ئېتىنى،
نەدە يۈرەي دەرد تۆكۈپ، بېرەي دېدىم خېتىنى،
ئەجەپ يامان چۈش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
بىلىپ چوڭلار ھەممىنى، ئاڭا شۇنچە سۆزلىدى،
ئىلىك ئالماي گېپىنى، مال - دۇنيانى كۆزلىدى،
بىز بىر ئۆيگە پاتمىدۇق، ئاجرىشىپلا قۇتۇلاي،
قىستالجۇقتا «پوش!» كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى!
(ئاپتور: ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاجراشمىسام بولمىدى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 01:54

بەك ئىچىم ئاغىردى جڭما بۇ ئاداشقا ،ھى ھى ھى!!!!
ياخشى شېركەن ،ھارمىغايسىز .
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 38
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 110
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە110دانە
جۇغلانما: 27
پۇلى: 110
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-26
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 16:28

ۋاي بىچارە ئەر.
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 111
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 5
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-26
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-22 09:36

تذتذن يانئدئغان مذرئدئن، قئستايدئغان ظاياغدئن، ەازازذل ظايالدئن پاناە بئرئڭ خذدايئم....
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 41
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 134
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
جۇغلانما: 33
پۇلى: 134
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-31
4تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-22 22:30

بالەۇراق   ئاجىراشقان  ياخشى. چۈنكى  ھاياتلىق  گۈزەللىككە  ،مېھرى-مۇھاببەتكە  تولغان  خوشاللىققا  مۇكتاج.
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 20
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
جۇغلانما: 12
پۇلى: 25
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-13
ئاخىرقى: 2010-07-27
5تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-24 23:12

ۋ اي ئاللا نەدىمۇ  ئۇنداخ  بىچارە ئەرلەر بار  بۇنداى ،ئەرلەر ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئەرلەر تېخى