سالاام ئاق يول
سالام ساڭا ئەي ئاق يول ،
ئېچىلىپسەن ئاخىرى.
ئوزۇق ئالار سېنىڭدىن ،
دەۋرىمىزنىڭ ياشلىرى.
نەچچە ۋاقتىن ئاق يولنى ،
كۇتتۇق بولۇپ تەقەززا.
كىردۇق بۈگۈن ئاق يولغا،
قۇيۇۋالايلى بىر ئىمزا.
ئاق يول تورى ئېچىلىپ ،
ئۆچرەت بولدۇق تىزىلىپ.
ئاق يولدىكى تورداشلار،
كەتمەيلى ھەرگىز چېچىلىپ.
ئۇمۇت ئۈزمەڭ ئاق يولدىن ،
سەھىپىلەر قۇرۇق دەپ.
ئەتە ھەيران قالىسىز ،
مىۋىلىرى بۇلۇق دەپ.
بىر نىيەتتە تىرىشساق ،
دەۋىر بىلەن ئېلىشساق.
مول نەتىجە ياراتساق ،
بولار ماڭغان يوللار ئاق.
ماڭغان يوللار ئاق بولسۇن ،
ئەزىز تەنلەر ساق بولسۇن .
ئاق يولدىكى دوستلارغا ،
بۇ مىسرالار ياد بولسۇن .
2010-يىل6-ئاينىڭ 12-كۈنى
 |