تىما : ئىككى شېئىر- مۇھەممەتجان راشىدىن
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 90
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
جۇغلانما: 97
پۇلى: 90
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-27 10:59

ئىككى شېئىر- مۇھەممەتجان راشىدىن

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما admin تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-29)

ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك،
تالاي تەنقىد - تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يەپ ئۆگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى،
يېقىنلىرى «يېمە ! » دەپ يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك.
ئالىدىكەن يالغاندىن قوبۇل قىلىپ پىكىرنى،
ئالىدىكەن ئۆزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى،
ئۆگىنىپتۇ قوشۇپ يەپ قانائەتنى،«شۈكۈر ! »نى،
ھېسابىدا ئارتۇق، كەم كۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك.
شېرىنكانە بىرىدىن، تامغا ھەققى بىرىدىن،
جايلايدىكەن قورقماستىن ئېپى كەلگەن يېرىدىن،
ئۇنداقلارنىڭ خۇش ئىكەن خوتۇنلىرى ئېرىدىن،
خوتۇنلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يىلدا خوتۇن يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
بايلىق ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەدە تاۋكا؟! شۇ يەردە ئۈنگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەچچە ئۆلۈپ تاۋكادا، تىرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
نەچچە يەردە ئۆيى بار، نەچچە يەردە داچىسى،
بىر ئاشنىسى «سىڭلىسى»، بىرى يالغان ئاچىسى،
خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ يۈز كويلۇقتۇر پارچىسى،
تۇغقانلىرى تەشۋىشتە «بەس ! » دېسىمۇ يەپتۇدەك.
ۋىجدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەڭ تېگىنى،
يېگەنلەرنىڭ يالغاندۇر «خۇدا بەردى !» دېگىنى،
يەتمىگەندەك ۋاي تېخى، ياشلىقىدا يېگىنى،
بەزىلىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك.
بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر رەسۋا بولغاندەك،
كۈندە سۇنماي كوزىمۇ ئاخىر بىر كۈن سۇنغاندەك؛
گاھى چاغدا كۆڭلى غەش خۇددى پوق يەپ قويغاندەك،
تاغدەك تەشۋىش ئۆزىنى قىينىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئۆلەمدىكىن ئۇنداقلار زادى پارا يېمىسە،
قىلامدىكىن خىيانەت ئۇلار يولدىن تېنىسە؟
يا بەختلىك بولمامدۇ بىر ئۆزىنى دېمىسە؟
ئۇ ۋە لېكىن، باشقىلار يېمىسىمۇ يەپتۇدەك.
شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى بىزدە تۈزۈم، ئەخلاقنى؟
ئېچىپ بەردى شەيتانغا ئىشىك بىلەن قاپقاقنى،
باشلاپ بېرىپ ئاشۇلار باغدىن غورا قاقماقنى ...
ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئىچ ئاغرىتماڭ ئۇلارغا، قانۇن سوتقا تارتقانغا،
تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا،
ھەيران بولماڭ ھەر قېتىم بىر، ئىككىنى ئاتقانغا،
چۈنكى، چىتقا چاۋىسى يېيىلسىمۇ يەپتۇدەك.
    ئۆزۈڭنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالما
بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما،
ئىش - ئوقەتكە مەيلى يوق، ئوينايدىغان بوپقالما.
سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك،
گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما.
پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ،
دەرگاھىڭدىن ئامەتنى قوغلايدىغان بوپقالما.
ئەقىل دېگەن ئىنساننىڭ ئەزىز جېنى يەنە بىر،
يامانلارنى«ياخشى» دەپ قوغدايدىغان بوپقالما.
بولۇپ چىقتى نائەھلى ئۆگەنگەنلەر نان ئىلغاپ،
دېھقان تۇرۇپ سەنمۇ، نان ئىلغايدىغان بوپقالما.
قوغۇن تەرسەڭ باش - بۇرنى كۆپنىڭ بولسۇن ئەڭ ئاۋۋال،
قوغۇن تېرىپ بىر خەمەك تىلمايدىغان بوپقالما.
چاشقانلىرى نەپسىڭنىڭ پۇل كەينىدىن قۇترىشىپ،
خۇدا بەرگەن رىزقىڭغا تويمايدىغان بوپقالما.
دۇنيا يىغساڭ يىغ مەيلى، تەڭرى بەرسۇن ۋە لېكىن !
ئاتاڭغىمۇ بىر توخلا سويمايدىغان بوپقالما.
تارتىپ كۆرەر تۈنلەردە ئىشىكىڭنى ئېزىتقۇ،
ئىشىكىنى قەلبىڭنىڭ ئىلمايدىغان بوپقالما.
ئەمەل تۇتساڭ ئەل تۇرسۇن ئۆز ئاناڭدەك يادىڭدا،
دەردمەن كەلسە ھال ئېيتىپ، تىللايدىغان بوپقالما.
قېچىپ يۈرەر ياخشىلار ھەر دوقمۇشتا شەيتاندىن،
سەن شەيتاننى، ئەكسىچە چىللايدىغان بوپقالما.
ئۆز بېغىڭدا گۈل تۇرۇپ تۈمەن گۈلگە بەرگۈسىز،
ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىن خىللايدىغان بوپقالما.
ئادالەتنىڭ ناخشىسى ياقمايدىغان يۈرەك يوق،
ياقمايدىغان ناخشىنى تولايدىغان بوپقالما.
ئالقىنىڭنىڭ پاكلىقى دەرگاھىڭغا شەرەپشان،
يانچۇقىنى پۇقرانىڭ كولايدىغان بوپقالما.
يېڭى ئەسىر سېنىڭدىن يېڭى ياشلىق كۈتمەكتە،
ئىختىرا قىل، ئىجاد قىل، دورايدىغان بوپقالما.
ياشانغاندا ياخشى نام ئالالماستىن ئالەمدىن،
بارمىقىڭنى پۇشماندا شورايدىغان بوپقالما.

[ بۇ يازمىنىzibaدە2010-06-27 11:44قايتا تەھرىرلىدى ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئىككى شېئىر- مۇھەممەتجان راشىدىن,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 219
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە219دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 225
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-27 13:26

مۇھەممەتجان  راشىدىن ئەپەندىنىڭ شېرلىرىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، ئۇنىڭ شېرلىرىنىڭ تىلى ئۆتكۈر ،  راۋان، ئاممىباپ ، مەزمۇنى چوڭقۇر ، ساتىرىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 8
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
جۇغلانما: 80
پۇلى: 136
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-06-29
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-27 21:13

مەنمۇ ئەڭ ياقتۇرىمەن بۇ تاغىمىزنىڭ ئەسەرلىنى تېلى ئۆتكۈر ،چۈشۈنىشلىك ئوقىغان ھەرقانداق ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ،ساتىرىك خۇسىسىيەتلەرگە ئىگە..............ئاللاھ بۇ تاغىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن.........
kitap mihnatsiz ustaz
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 133
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 3
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-23
ئاخىرقى: 2010-07-26
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-25 20:39

ھەقىقەتەن خەلىق شائىرى،ئادالەتنىڭ جارچىسى كۈيۈمچان شائىرىمىزدە،ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆمرىنى ئۇزۇن تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىقلسۇن.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت  ھارمىغايسىز.