كاتتا خوش خەۋەر ::؛؛؛؛
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتى پوتبۇل كوماندىسى 6- ئاينىڭ 16- كۇنى ئۆتكۇزىلگەن 2009-2010- يىللىق لى نىڭ لوڭقىىسى جوڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پوتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مۇسابىقىسىدە تەييۈن تەبىئى پەنلەر كوماندىسىنى 2-1 دە بىر نەتىجە بىلەن يىڭىپ ، ئۇزغۇن بولدى . مەن ئاقيول تور بېكىتىدىكى بارلىق ئەزالار نامىدىن تەبرىكلەيمەن ، مۇبارەك بولسۇن ...............................
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتى 10 يىلدىن بىرى شىنجاڭغا ۋاكالەتەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى 6- بولغان، بۇ قىتىم شىنجاڭغا ۋاكالەتەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتى بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتى بارغان بولۇپ ، بۇلار لوڭقىنى ئېلىپ كەلدى.
6-ئاينىڭ 16 - كۇنى شېنياڭ سانائەت پەنلىرى ئونۋىرسىتى تەنتەربىيە مەيداندا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە
باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ بىر توپ كىرگۇزگەن.
42 مىنۇت بولغاندا 11- نۇمۇرلۇق ھۇجۇمچى سەپدىشى بەرگەن پاسنى ئېلىپ بىر تور ئۇرغان نەتىجە 1-1 بولغان.
ئالدىنقى يىرىم مەيدان ئاخىرلىشىش ئالدىدا 9 نۇمۇرلۇق يەھيا سەپدىشى بەرگەن پاسنى ئۇسۇپ كىرگۇزگەن. نەتىجە 2-1 بولغان.
ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقىدە مۇداپىيەنى كۇچەيتىپ غەلبىنى ساقلاپ قالغان.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە تۇگىگەندىن كىيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتى تۆت مۇكاپات تۇرىگە ئېرىشىتى. كوماندىنىڭ تېرنىرى دىلمىرات مۇنەۋەر تېرنىر. كوماندا باشلىقى پەرھات 24- نومۇر ئەڭ مۇنەۋەر پوتبۇلچى مۇكاپاتىغا. 10- نۇمۇرلۇق ئەسقەر ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا، 22- نۇمۇرلۇق نەسرۇللا ئەڭ مۇنەۋەر ۋاراتار بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
6-ئاينىڭ 18- كۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم دائىمي .ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىغا كېلىپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن كۆرۇشتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇندىن بىرىلگەن 100 مىڭ يۇەن پۇلنى تاپشۇردى.

 |