تىما : ئاقيول مۇنبىرىنىڭ جىددى ئۇختۇرۇشى
دەرىجىسى: مۇنبەر مەسئۇلى
UID نومۇرى: 1
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 2
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-22 18:13

ئاقيول مۇنبىرىنىڭ جىددى ئۇختۇرۇشى

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-22)
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۆھتىرەم ئاقيول مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ھەم زىيارەتچىلەر!

يىقىندىن بۇيان تور بېكەت ياساش خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن مۇنبىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلەلمىدۇق ، شۇ سەۋەپتىن تور بېكىتىمىز ھەم مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان بارلىق ئەزالار ھەم باشقۇرغۇچىلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز .
بۇندىن كىينكى تەرەقىياتىمىز ھەم ئۆزىمىزنىڭ بېخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇنبىرىمىز تۆۋەندىكى قائىدە - تۈزۈملەرنى يولغا قويماقچى بولۋاتىمىز...

1- تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ . بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئاقيول تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !
2- يوللانغان بارلىق يوللانمىلار يەنى تېما ، ئىنكاسلار بىردەك باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن باش بەتتە ياكى مۇنبەر باش بېتىدە كۆرىنىدۇ .
3- بارلىق ئەزالارنىڭ قالايمىقان ماقالە ، سىرىق مەزمۇندىكى ئىنكاس ، ۋە بىزنىڭ ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گەپ-سۆزلەرنى تېما ياكى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز . شۇنداق ئىنكاس ۋە تېمىلار بىردەك ئۆچۈرۈلدۇ .
4- بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە سەھىپىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار . شۇ سەۋەپلىق تەستىقلانمىغان تېمىلارنى بىردەك مۇنبەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلىشى ھەم شۇ يوللانما ئېگىسىگە سەۋەبىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويۇشى كېرەك ، ئەگەر سەۋەبسىز ياكى ئۆزىنىڭ شەخسى ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەزالارنىڭ تېمىسى ئۆچۈرۈلسە شۇ باشقۇرغۇچىنىڭ سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ .
5- ئەزالار ماقالە ياكى ئەسەر يوللىغاندا تېمىسىغا قالايمىقان ھەرىپلەرنى يازماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز . سەۋەبى باش بەتتە كۆرۈندىغان مۇنبەر تېمىلىرى بەت شەكلىنى قالايمىقان قىلۋىتىدۇ ، بارلىق باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق تېمىنى ئۇچراتقاندا تېمىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز . ئەگەر داۋاملىق تېما يوللىغۇچى مۇشۇنداق قىلىۋەرسە شۇ ئەزانىڭ تېمىلىرىنى تەستىقلىمىساڭلار بولىدۇ ...
6- بارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار تېما يوللىغاندا ئېملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلساڭلار ، ئەگەر تېمىدا ئېملا خاتالىقى بولسا باشقۇغۇچىلار ۋاقتىدا تەھرىرلەپ ئاندىن تەستىقلىسا بولىدۇ ، بىراق باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوق . ئەگەر شۇنداق ئەھۋال بايقالسا مەزكۇر باشقۇغۇچىنىڭ سالاھىتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ .
باشقۇرغۇچىلارغا قويۇلدىغان قاتتىق تەلەپ:

1-باشقۇرغۇچىلار تىما تەستىقلاش ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈش ئىشلىرىدا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى ھەم سەزگۈر بولىشى كېرەك.
2- قالايمىقان تىما ئىنكاسلارنى كۆرگەندە دەرھال ئۆچۈرۈش ۋە مۇنبەر باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكىلەرگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.
3- مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن دىنىي ھەم سىياسىيلىكى كۈچلۈك تىمىلارنى قەتئىي تەستىقلىماسلىق كېرەك.
4-تىما تەستىقلىغاندا چوقۇم ئوقۇپ بىرمۇ بىر چۈشىنىپ ئاندىن تەستىقلىشى ھەم مۇنبەر گۈزەللىكى ئۈچۈن تىمىلارنى ئانچە مۇنچە رەتلەپ باش بەتكە چىقىرىشى كېرەك.
5- ئەزالار خاتالىق سادىر قىلغاندا يۈز خاتىرە قىلىپ يۈرمەستىن ۋاقتىدا زەربە بېرىش ،مۇنبەردىن چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.
6- تونۇشلارنىڭ تىمىلىرىنى ئوقۇمايلا تەستىقلاشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
7-مۇنبەرگە كىرىش ئىسىم ۋە مەخپىي نۇمۇرنى قاتتىق ساقلىشى،قالايمىقان كىشىلەرگە بېرىپ تۇرماسلىقى كېرەك،ئەگەر شۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە شۇ باشقۇرغۇچى ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

ئەزالارغا قويۇلدىغان تەلەپ:

ئەزالار چوقۇم ئەزالىق سالاھىيتى بىلەن مۇنبەرگە كىرگەندىن كىيىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تىما ئىنكاس يوللىشى ،قالايمىقان تىما ئىنكاسلارنى كۆرگەندە مۇنبەر باشقۇرۇش ئىشخانىسى ياكى باشقۇرغۇچىلارغا سەمىمىي ئەسكەرتىپ قويۇشى،باشقىلارنىڭ نامىدا ئەسەر يوللىماسلىقى ،مۇنبىرىمىزدىن تىما ئىنكاسلارنى باشقا جايلارغا قالايمىقان كۆچۈرۈپ يوللىماسلىقىنى،ھەمدە باش سۈرەت ۋە ئىمزا قاتارلىق ئورۇنغا مۇنبىرىمىزگە ماس سۈرەت ۋە سۆزلەرنى ئىشلىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئاقيول مۇنبىرى دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز.


بارلىق مۇنبەر ئەھلىنىڭ بىزنى توغرا چۈشىنىپ بىزگە ماسلىشىپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز

ھۆرمەت بىلەن : ئاقيول تور بېكىتى مۇنبەر ئىشخانىسى
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاقيول مۇنبىرىنىڭ جىددى ئۇختۇرۇشى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-22 18:49

بۇ تۈزۈملەر تۈزۈلۈپ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،  مەن يەنە مۇنداق تەكلىپ بەرمەكچى :
تېما يوللىغۇچىلار ئۆ ز تېمىلىرىنى ماس كەلگەن سەھىپىگە يوللىغان بولسا ،ھازىر سەھىپىلەر بەك قالايماقان بولۇپ كەتتى . مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ھازىرقى سەھىپىلەرنى بىر قىتىم رەتلەپ چىقسا ، سەھىپىلەرگە ماس كەلمىگەن تېمىلارنى ماس سەھىپىلەرگە يۆتكەپ قويسا، بولمىسا ، كىيىن رەتلەشمۇ تەسكە توختايدۇ، بۇندىن كىيىن يوللانغان تېمىلار سەھىپىگە ماس كەلمىسە باشقۇرغۇچىلار شۇ تېمىنى تەستىقلىماي ، تېما ئىگىسىگە قىسقا ئۇچۇر قىلىپ قويسا  دىگەن تەكلىپنى بېرىمەن .
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 25
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 32
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
جۇغلانما: 25
پۇلى: 32
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-13
ئاخىرقى: 2010-07-24
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-22 19:35

بۇ تۈزۈملەر يولغا قويۇلسا ياخشى قوللايمىز !!!
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 8
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
جۇغلانما: 80
پۇلى: 136
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-06-29
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-23 01:22

مانا بۇ گەپ بەكلا جايىدا بوپتۇ..........مەنمۇ  بەك ئەنسىرگەن مۇنبەردىن ،چۈنكى تېمىلار تەستىقلانمايلا  مۇنبەر يۈزىدە پەيدا بولاتتى، ...........يەنە بىر گەپ ئىملا خاتالىقى ئادەمنىڭ بىشىنى ئاغىرتىدىغان مەسىلە ئىدى.............باشقۇرغۇچىلىرىمىز جاپا تارتىدىغان بولدى بۇ يەنىلا شۇ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇىش ئۈچۈندۇر..........بارلىق ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە سۈپەتلىك تېمىلارنى يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن...................ئۆزىمىزنىڭ كىيىنلىگى ئۈچۈن ئۆزىمىز ئۇل سالايلى................رەھمەت قېرىنداشلىرىم بۇ تېمىنى كۆرۈپ قوللاپ بەرگىنىڭلارگە............ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن.............بىلىم ئىشىقىدا كۆيسەڭ ،ئالتۇن شوتىدا ئۆرلەيسەن...................
kitap mihnatsiz ustaz
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 4
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
جۇغلانما: 0
پۇلى: 7
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-27
4تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-25 15:28

يذقارقئ  بەلگئلئمە  ەەقئقەتەن ياخشئ تإزإلإپتذ، شەخسەن مەن قوللايمەن. بارلئق باشقذرغذچلارنئڭ، ؤە ظەزالارنئنئڭ رئظايەقئلدئغانلئغئنئ ظئشئنئمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 41
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 134
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
جۇغلانما: 33
پۇلى: 134
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-31
5تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-28 17:13

بىخەتەرلىك  بىرىنجى  دەپتىكەن.  توغرا  قىپسىلەر. ھەممىمىز   قوشلىمىز.