رەسىم:
ئورنۇڭدىن دەس تۇر ،ئەي يىگىت!!!!!!!!!!!!!
ھايات مۇساپەڭنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىغا قەدەم بېسىپ،بىر-ئىككى قەدەم ئېلىپلا يېقىلدىڭ،بىر قېتىملىق سىنىقىڭ مەغلوپ بولدى.شۇ يېقىلغىنىڭچە ئورنۇڭدىن تۇرمىدىڭ،بىرى كىلىپ يۆلەپ تۇرغۇزۇپمۇ قويمىدى.....
ئورنىڭدىن دەس تۇر يىگىت!!!!!!!!!!يېتىۋەرسەڭمۇ بىرسى كىلىپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ.ۋاقتىڭ ئۆتىدۇ،ئۆمرۈڭ خورايدۇ.ئارقىدىكىلەر سىنى تاشلاپ مىڭىۋېرىدۇ.بىلگىنكى،تۈرلۈك-تۈمەن قىسمەتلەر بىشىڭغا كىلىدۇ،ئاچچىق قىسمەتتىن بەزىدە ئۆملەشكىمۇ ماجالىڭ قالمايدۇ.بىراق يەنىلا بەردەم ياشىمىساڭ بولمايدۇ.بۇ ھايات سەپىرىڭدە يىقىلىش،قوپوش دائىملا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان تەبئي ئۇيۇن،سەن ئاشۇ ئۇيۇندىكى ماھىر ئارتىس،بىر يېقىلغانچە يېتىۋالساڭ،ھايات ئويۇنلىرىنىڭ قىزىقى بولمايدۇ يېگىت!!!!!
ئورنۇڭدىن دەس تۇر يىگىت!بىر يېقىلغانچە يېتىۋېلىش ئۈمىدلىك،ئىرادىلىك،جاسارەتلىك ئۇيغۇر يېگىتلىرىنىڭ تەبئىيتى ئەمەس!بىر قېتىملىق سىنىقىڭ مەغلۇپ بولغانغىلا ئۆزۈڭنى مەغلۇبىيەتچى دەپ قارىما.ئازراقلا بەل قويىۋېتىدىكەنسەن،بارلىق ئارزۇ ئارمانلىرىڭنىڭ چىرىغى ئۆچىدۇ،كۆز ئالدىڭ خىرەلىشىدۇ،قەلبىڭنى تۇمان باسىدۇ!!!!!مەغلۇبىيەت ئاستىدا ئالتۇندەك غەلبىنىڭ ياتىدىغانلىقىغا ئىشەن!پەقەت ئۈمىد ۋە ئىشەنچلا سىنى پارلاق مەنزىلگە باشلايدۇ.بىلسەڭ ئەي يىگىت!!!!!بۇ ھايات ئۈمىدلىك،ئىرادىلىك،جاسارەتلىك ئوغلانلىرىمىزغىلا چەكسىز مىھرى بىلەن بۈيۈك قوياشتەك كۈلۈپ قارايدۇ!!!!!
ئورنۇڭدىن دەس تۇر ئەي يىگىت!!!زېھنىڭنى يېغىپ،ئەقىل گۈھۈرىڭنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىل،شۇنداق قىلالىغان كىشىلا ئۆلمەس مۆجىزىلەرنى يارىتىپ،ھاياتلىق سەپىرىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرالايدۇ،ئەۋلادلار قەلبىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇنار تېكلىيەلەيدۇ!!!!!!!!!!!!!!
ئورنۇڭدىن دەس تۇر يېگىت!!!!ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ،پۇرسەت كۈتۈپ تۇرمايدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئاتا-ئانا ،قېرىنداشلىرىڭ يولىڭغا تەلمۇرۋاتىدۇ.......سىنى كۈتىۋاتىدۇ.........ساڭا ئۇلۇغ ئاللاھ دىن مەدەت تېلەۋاتىدۇ......
 |