تىما : ئاتىلا بايرىمىغا مۇبارەك.......
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

UID نومۇرى: 13
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 68
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە68دانە
جۇغلانما: 101
پۇلى: 68
تۆھپىسى: 1
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 17(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-13
ئاخىرقى: 2010-07-30
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-20 15:48

ئاتىلا بايرىمىغا مۇبارەك.......

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-20)
 
ئاتا
(لىرىك داستان)
ئاپتۇرى: ساھىت سادىق

 

( دۇنيادىكى بارلىق ئاتىلارغا بېغىشلايمەن)

 
 
ياپراقلار سارغىيىپ تۆكۈلگەن كەچكۈز،
سېغىنىش پىراقى باغرىمدا غەليان.
قەبرىستان ئارىلاپ كېلىمەن يالغۇز،
ئاي ئاتا گېپىم كۆپ ساڭا دەيدىغان.
 
سەن ياتقان تۇپراقنى قىلاي مەن تاۋاپ،
ۋۇجۇدۇم شۇ تاپتا يالقۇنلۇق لاۋا.
قەسىدە ئوقۇيمەن روھىڭغا ئاتاپ،
چۈنكى سەن قەلبىمدە مەڭگۈ ئەۋلىيا.
 
قەبرەڭنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يىگانە،
مۇڭدىشاي سەن بىلەن بىردەم خىيالەن.
سىياقىڭ روھىمدا قىلار سەيلانە،
چىرماشسۇن مۇڭلىرىم مۇڭلىرىڭ بىلەن.
 
سېنىڭسىز تۆرەلمەس ئىدىم جاھانغا،
سەن مېنىڭ ھاياتىم ئۈچۈن ئوق يىلتىز.
يىلتىزسىز بوي سوزماس كۆچەت ئاسمانغا،
بېرەلمەس زىرائەت ھوسۇل ئەجىرسىز.

 
ئانامنىڭ قوينىنى دېسەم ئىللىق باغ،
رەڭ تۈزۈپ باھاردا گۈللەپ ئاينىغان.
ئەي ئاتا قەددىڭدۇر گويا ئېگىز تاغ،
باغرىدا پەرزەنىتلەر خۇشال يايرىغان.
 
مۈشكۈللەر ئىچىدە كېرىپ مەيدەڭنى،
دەرت-ئەلەم ئىچىدىن ياراتتىڭ كۈلكە،
بۇ ھەقتە مۇجەسسەم قىلسەم نەزمەمنى،
كۇرمىڭلاپ ئاتىلار ئۈچۈن سەن ئۈلگە.
 
چىلاندەك بىر نېمەت تاپساڭ يىراقتىن،
ئەپكەلدىڭ بىز ئۈچۈن ئۇنى تۈگۈنۈپ.
قەلبىڭدە يورىغان نۇرلۇق چىراقتىن،
ياشنىماس نە ئۈچۈن دىللار سۈيۈنۈپ.
 
بوپ قالسا ناۋادا بالىلىرىڭ بىتاپ،
ئازابى قەلبىڭنى قىلاتتى يارا.
قەرز ئالغان ئازغىنە پۇلنى سىقىمداپ،
ئىزدەيتتىڭ تېۋىپتىن شىپالىق دورا.
 
ئۆزۈڭ يەپ يىلبويى قاتتىق زاغرا نان،
ساقلايتتىڭ بىز ئۈچۈن بوغداي نېنىنى.
گۆش چىقسا قاچاڭغا ئەتكەندە يوبدان،
سالاتتىڭ قاچامغا ئىلغاپ ھەممىنى.

 
سەن يەتمىش قىش-يازنى ئۆتكەندە بېسىپ،
ئەر ئىدىم شۇ مەھەل قۇچقان قىرىق ياش.
قوياتتىڭ قوينۇمغا تېخى پۇل سېلىپ،
ئالاتتىڭ بازاردىن ماڭا ئۈستىباش.
 
ھەر قېتىم سەپەرگە چىقسام يىراققا،
ئۇزاتتىڭ سەن مېنى كۆزلىرىڭدە ياش.
يۈرىكىڭ كۆيەتتى شۇ چاغ پىراقتا،
ئۆتمەيتتى گېلىڭدىن ھەتتا غىزا-ئاش.
 
ياشنىماس گىياھلار كەلمەي نەۋ باھار،
قاناتسىز ئۇچالماس قۇشلار سامادا.
سەيلىتىپ يۈرەمتى بىغەم بالىلار،
بولمىسا ئاتىدەك يۆلەك ناۋادا.
 
جۇدالىق يىراقلاپ بولغاندا بىز جەم،
قىلغاندەك بولاتتىڭ مېنىڭ تويۇمنى.
ئاتىدىن بالىنى ياراتقان ئىگەم،
ساپتىكەن ئىچىڭگە پەرزەنت ئوتىنى.
 
باققىنىڭ ئاز كېلىپ قالغاندەك بىزنى،
قامىتىڭ مۈكچىيىپ چېكىپ جەبرىلەر.
ئۆمىلەپ چاپاتتىڭ ئات قىلىپ سېنى،
ئۈستۈڭگە مىنگەندە بەڭباش نەۋرىلەر.
 
1 ※ ※ ※ 1
ۋۇجۇدۇم تېنىڭنىڭ بىر تامچىسىدۇر،
سېنىڭكى خۇي-پەيلىڭ ماڭا مۇجەسسەم.
بالىلىرىم جىسمىمنىڭ بىر پارچىسىدۇر،
قۇچۇپتۇ مېنىمۇ بالام دېگەن غەم.
 
مۈكچىيىپ يا كەبى ئېگىلگەن قەددىم،
ئاقىدۇ مېھنەتلىك تەرلەر چېكەمدىن.
ئويلىسام ئىلكىمدە ئەمەستۇر ھەددىم،
تۇرمۇشنىڭ يۈكلىرى باسقان يەلكەمدىن.
 
قۇۋۋىتىم، ئىدرىكىم ئۇپرىدى خوراپ،
بالا دەپ تۈگىدى يىققان-تاپقىنىم.
ئوت كۆيەر بېشىمدا گويا ۋىلىلداپ،
ئۈلگۈرمەس خەجگە ئالغان ئايلىقىم.
 
ئاتىلىق مېھرىدىن بولماستىن جۇدا،
نە بىلسۇن بالىلار ئاتا قەدرىنى.
بىر ئۆيگە باش كېيىپ بولماستىن دادا،
بىلمەسكەن ھېچ كىشى بالا دەردىنى.
1 ※ ※ ※ 1
ئوبرازىڭ قەلبىمدە پارلىغان سىما،
چۈشۈمدە نامايەن چېھرىڭ ھەر كېچە.
بىز ئۈچۈن قۇت تىلەپ قىلىسەن دۇئا،
ئاتا دەپ توۋلايمەن ئويغىنىپ نەچچە.
 
قار كەبى ئاقارغان ساقال-بۇرۇتلار،
قىسمەتلەر شاھىدى بېشىڭدىن ئۆتكەن.
چېھرىڭدە چاقنىغان يول-يول قورۇقلار.
مىسالى بىر قامۇس تارىخ پۈتۈلگەن.
 
يەر تېرىپ دېھقانمۇ بوپسەن ئويلىسام،
قىر ئېتىپ، سۇ تۇتۇپ تۈنلەر ئۇخلىماي.
تەقلىسەڭ ئېتىزنى يەنە ئۇرۇق كام،
ئۆتكۈزدىڭ يىللارنى پەقەت ۋايسىماي.
 
ئەۋلادنىڭ ئەركىنى كۆزلەپ جان پىدا،
قىلغاندەك مىسالى جەڭگاھتىكى ئەر.
پەرزەنتلەر بەختىنى پۈكۈپ دىلىڭدا،
قىشۇ-ياز تىنىمسىز تۆكتىڭ ھالال تەر.
 
ئېسىمدە ھېلىمۇ شىۋىرغانلىق قىش،
كەتكىنىڭ چاپقىلى ھاشار پىيادە.
دېھقانغا پەقەتلا يوقمۇ دەم ئېلىش؟
قىينايتتى بىر سۇئال مېنى زىيادە.
 
قەرزىڭگە بويلىماس قىلساڭ ھېساۋات،
يىل بويى زېمىنغا تۆككەن ھالال تەر.
بولمىسا دېھقانغا باشقا تاپاۋەت،
يورۇتماق ئاسانمۇ بىر ئۆيگە پەنەر.
 
تۇرمۇشنىڭ يوللىرى سانسىز-ساناقسىز،
ھاياتلىق سەپىرى ئىزدەيتتىڭ ئامال.
دىلىڭ غەش ۋۇجۇدۇڭ بولسىمۇ ساقسىز،
پۇل تاپاي دەپ ئاخىر بولۇپسەن باققال.
 
بىر سېۋەت مېۋىنى سېتىپ بولغىچە،
ياساقچى بېگىمگە كېتەر يېرىمى.
كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بولغىچە،
قىسمەتلەر ئەرۋاھتەك ئېگەر بېلىڭنى.
 
بولسىمۇ مەيلى دەپ ئالغان پايدا ئاز،
مۈكچىيىپ دوقمۇشتا سېتىپسەن ئوتياش.
ھەيرانسەن مۇچ، پىياز ساتساڭ قىشى-ياز،
پايدىدىن خەۋەر يوق زىيان چىقتى شاش.
 
ئاقمىدى ئوقەتمۇ يۇق بولدى دېدى،
تۇرمۇشنىڭ غەملىرى باستى يەلكەڭنى.
يول تاپساڭ ماڭغىلى قويمايدۇ بىرى،
قىسمەتلەر جاراھەت قىلدى مەيدەڭنى.

 
ئويلىسام سەن پەقەت پۇلدا كەمبەغەل،
ۋۇجۇدۇڭ روھىڭ ساپ مېھنەتتىن پۈتكەن.
بۇ ھەقتە سەن كۆكتە پارلىغان زۇھەل،
ئەۋلادلار قەلبىگە نۇر-زىيا تۆككەن.

 
1 ※ ※ ※ 1
مەرتلىكتىن سۆز ئاچسام كۆزۈم ئالدىدا،
ئوبرازىڭ قەد كېرىپ بولىدۇ ئايان.
كۆڭلۈمدە بار گەپنى دېسەم مەن دادا،
مەرتلەرنىڭ ئەجرىدىن گۈزەلكەن جاھان.
 
ئەل بىلەن تەقدىرداش بولغاچقا مەرتلەر،
يېقىندۇر نامەردلىك ئاسىيلىققا ئەڭ.
ھاياتنىڭ مەناسى ھەقىقىي تەرلەر،
بۇ ھەقتە سەن ئاتا سانسىز ئەرگە تەڭ.
 
مەردانە خىسلىتىڭ بولغاچقا ئوزۇق،
شائىرلىق خىسلىتى قۇچۇپتۇ مېنى.
يازغىنىم بىر تالاي پۇشايمىنىم يوق،
مېھرىڭدۇر ياندۇرغان ئىلھام دىلىمنى.
 
بىر شېئىر قەلبىمدە تۇرار جاراڭلاپ،
ئاتىلىق مېھرى دەپ قوياي تېمىنى.
روھىمدا مۇھەببەت تىنمايدۇ قايناپ،
كۈيلەشكە ئۆمرۈم ئاز سېنىڭ مېھرىڭنى.

 
ھەر بىر سۆز جىسمىمدىن سىرغىپ چىققاندۇر،
بوغۇملار سەپ تۈزگەن ۋىجدانىم بىلەن.
پەش، چېكىت باغرىمدىن تامغان قېنىمدۇر،
مىسرالار ئىچىگە رىشتىم كۆمۈلگەن.
 
ھېس-تۇيغۇم يىلتىزى قەۋمىمگە تۇتاش،
رېتىملار يۈرەكتىن ئېتىلغان ۋولقان.
لىرىكام ئەل ئۈچۈن تۆكۈلگەن كۆز ياش،
كۇپلىتلار روھىمدىن ئۆرلىگەن چوقان.

 
1 ※ ※ ※ 1
سەن ئېيتقان قىسسەلەر ئالسام ئېسىمگە،
ياباقۇ 1 ئەۋلادى ئىكەنمىز ئەسلى.
يۈرۈكۈم دولقۇنلاپ پاتماس ئىچىمگە ،
بىز شۇنداق قەھرىمان قەۋمنىڭ نەسلى.
 
دىيارى پامىر ھەم تارىم بويلىرى،
ئات چېپىپ جەڭلەردە ئويناتقان قىلىچ.
ياڭرىغان بۇ يەردە زەپەر كۈيلىرى،
رەقىبنى نىشانلاپ تارتىلغان كىرىچ.
 
بوۋىلار قېنىدىن قىزارغان شەپەق،
بوۋىلار قولىدا كۆكەرگەن بۇ يۇرت.
ئۇلارنىڭ سىماسى كۆكتە مۇئەللەق،

ئۇلار بىر ھىلال ئاي دىلدا پىراق-ئوت.

 
بۇ يەرنىڭ ھالىنى دەپ بەرسەم بەلكىم،
قورۇنار بوۋىلار روھى ئازاپتا.
راستنى ۋاست دېمەي ھېچ يوقتۇر ئامالىم،
تەڭلىكتە مېنىڭمۇ قەلبىم شۇ تاپتا.
 
كېچىلەر ئۇخلىماي قاۋاقلار ئارا،
نى ئەرلەر مەي ئىچىپ يۈرەر مەست-ئەلەس.
بۇ قىسمەت يۈرەكنى قىلىدۇ يارا،
مەيخورلۇق باشلاركەن ھالاكەتكە بەس.
 
ئۆز يارى دىلبىرى كۈتەر تۆشەكتە،
ئۇلارنىڭ تائىبلەر بىلەن كۆڭلى خوش.
ئەمەسمۇ قانجۇقنىڭ قەستى سۆڭەكتە،
يار تۇتقان قاچانمۇ بۈركۈتنى ھۇقۇش.
 
ئىنسابنى سۆزلىگەن موللا مەسچىتتە،
داستىخان ئۈستىدە بولار ئەجدىھار.
ئەخلاقنى سۆزلىگەن كىشى بەس-بەستە،
خالىس بىر قەدەمنى باسمايدۇ زىنھار.
 
قىزلارنىڭ چاچلىرى قىرقىلغان تامام،
ئوغۇللار چېچىنى قويغان بەلگىچە.
غەيۋەتتە ئەرلەرنىڭ بىرى ئەمەس كەم،
ئاياللار بەزمە-چاي ئوينار ھەر كېچە.

 
پۇل ئۈچۈن جان تىكىپ قىلار ھەممە جەڭ،
ئىنسانىي مۇھەببەت سۈرۈلدى چەتكە.
پۇل دەيدۇ دىۋانە ئالماي نان بەرسەڭ،
ھېچنىمە دەپ بولماس ئۇشبۇ قىسمەتكە.
 
ھاياتىنىڭ نەرقىدۇر ۋىجدان بىلەن تەڭ،
ۋىجداندۇر قەيسەرلىك مەرتلىك بۇلىقى.
ۋىجدانسىز ئەل ئۈچۈن تۈرۈلمەيدۇ يەڭ،
ۋىجداندۇر بايقىساق روھنىڭ ئوزۇقى.
 
ۋىجداننى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس،
يوق تېخى ئۆلچەشكە بىرەر تارازا.
ۋىجدانسىز ئۈچۈن سوت ئاچقىلى بولماس،
ۋىجداننىڭ يوقلىقى ئۆزى بىر جازا.

 
1 ※ ※ ※ 1
ئەزىزان قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا،
يۈرىمەن بوۋىلار روھىنى ئىزدەپ.
غەلياندۇر ئارمىنىم تومۇرلىرىمدا،
باقساممەن رەستىلەر ئارا سىنچىلەپ.
 
نەزەرباغ، شامالباغ، ياۋاغ، دۆلەتباغ،
باغلارغا ئورالغان ئىكەن بۇ شەھەر،
بىر ئىستەك ئويغۇتار كۆڭۈلدە ھەر چاغ،
قۇببىلەر ئۈستىدە پارلىغان قەمەر.

 
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھىنى،
سەن مېنى يېتىلەپ قىلدۇرغان تاۋاب.
ئايلىنىپ مەھمۇدنىڭ 2 ياتقان جايىنى،
كۆزۈڭدىن ئاققانتى ياشلار تاراملاپ.
 
ناۋائى، نىزارى يازغان نەزمىلەر،
مارجاندەك تۆكۈلەر ئىدى تىلىڭدىن.
قاراخان ھەققىدە ئېيتقان قىسسىلەر،
مەڭگۈلۈك ئورنىنى تاپقان دىلىمدىن.
 
مەشرەپنىڭ كۈيلىرى تامان ئارىيە،
يادىلاپ يۈرىمەن تۈمەننى بويلاپ.
سەن نوزۇك 3 ھەققىدە ئېيتقان ھېكايە،
قەلبىمدە ئەبىدى تۇرار يالقۇنلاپ.
 
ئىپارخان ھەققىدە سۆزلەپ رىۋايەت،
شەربەت كۆل سۈيىنى ئىچكەن ئۇچۇملاپ.
ئول ئاپپاق خوجىغا بولسۇن مىڭ لەنەت،
دېگىنىڭ ئېسىمدە يېنىش-يېنىشلاپ.
 
بوۋىلار يېتىپتۇ كۆزلىرى ئپچۇق،
بۇ ئانا زېمىننى قۇچاقلاپ مەھكەم.
ئۇلارنىڭ روھىدا بەلكىم بىر تۇيۇق،
قەبرىلەر ئۈستىدە ئەگىپ يۈرەر غەم.

 
1 ※ ※ ※ 1
ئويلىسام ھاياتىڭ ئىكەن بىر ھېكمەت،
مۇزلىغان قەلىبنى ئىللىتقان تومۇز.
سەن بىزگە قالدۇرغان بايلىق-ۋەسىيەت،
سۆزلىرىڭ ئەسلەيمەن ئولتۇرۇپ يالغۇز.
 
«قار لەيلى تەشتەكتە ئەسلا ئېچىلماس،
لاچىننىڭ ئۇۋىسى ئەمەس پىشايۋان.
ھويلىدا باغلاققا كۆنمەيدۇ يولۋاس،
تەڭ ئەمەس بىر بۆرە بىلەن يۈز توشقان.
 
باھارنىڭ ئاپتىپى يازدىن خۇشخەۋەر،
ۋە لېكىن ئۇ يازنىڭ نەق ئۆزى ئەمەس.
بېلىڭدىن يېشىلسە بىر قېتىم كەمەر،
قىممىتىڭ مىڭ ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ پەس.
 
سالامىڭ بىراۋدىن بولسۇن مۇقەددەم،
قاتاردا يوق ئورنۇڭ بولسا تاماگەر.
رەقىبىڭ تۇيمىسۇن چەكسەڭمۇ ئەلەم،
سىردىشىڭ چىن بولسا ئەزىز جاننى بەر.
 
نەپسىگە بېرىلگەن چېغى قايسى ئەر،
ئاسىيلىق ئېتىغا مىنەر بىگۇمان.
ھاياتنى پۇل بىلەن ئۆلچەپ يۈرگەنلەر،
غاپىللار قاتارى قىلار تەسلىم جان».

 
ئۆتۈپتۇ بېشىمدىن يىللار، مۈچەللەر،
ھاياتتا خۇشلۇقتى تولا ئىكەن غەم.
يولۇمنى توسسىمۇ سانسىز مۈشكۈللەر،
سۆزۈڭگە مۇخالىپ باسمىدىم قەدەم.
 
روھىڭدۇر روھىمغا ھامان بەخشەندە،
سەن ماڭا قالدۇرغان مىراستۇر مەرتلىك.
بۇ ئۇدۇم ئۈچۈلمەي قالسۇن نەۋرەمدە،
پايخاندۇر مەرتلەرنىڭ ئاستىدا نەسلىك.
 
روھىڭدۇر ھاياتتا ماڭا يار-يۆلەك،
مەيلى مەن جەڭلەردە ئۇتسام، ئۇتۇلسام.
روھىڭدىن بەرگىنى ماڭا ئات يۈرەك،
چېلىشتا رەقىبنىڭ بېلىنى تۇتسام.

 
1 ※ ※ ※ 1
جاھاننى ئايلىنىپ ھاجى بولماقلىق،
ۋاجىپكەن ئاڭلىسام بىزنىڭ قەۋمگە.
كەلسىدى قايتىدىن ساڭا ھاياتلىق،
ھاپاش قىپ ئاپارسام دەيمەن مەككىگە.
 
زەمزەمنى ئىچكۈزسەم جىسمىڭ قانغۇچە،
شەيتاننى نىشانلاپ ئاتساق بىللە تاش.
ھەرەمنى زىيارەت ئەيلەپ ھارغۇچە،
بۇ قۇتلۇق دىيارغا قويساق بىللە باش.

 
ۋۇجۇدۇڭ ئېرىگەن سىماب شۇ مەھەل،
كەئىبىنى ئايلىنىپ قىلساڭ ئىبادەت.
كۆز يېشىڭ تۆكۈلەر ئىدى بولۇپ سەل،
بىز ئۈچۈن تەڭرىدىن تىلەپ سائادەت.

 
1 ※ ※ ※ 1
ئۆتۈپتۇ بۇ كېچە ئۆچۈپتۇ يۇلتۇز،
گەپلىرىم تۈگىمەي ساڭا دەيدىغان.
ياشلىرىم كۆزۈمدە تۇتقان بىلەن مۇز،
مېھرىڭدىن يانىدۇ قەلبىمدە گۇلخان.
 
بېشىمنى كۆتۈرۈپ باقسام ئۇشبۇ دەم،
مەشرىقتە شەپەق تون كىيىپتۇ ئاسمان.
شادلىقى قايغۇسى ئىرماش كەڭ ئالەم،
ئىكەنغۇ ئىنسانغا سۈرلۈك ئىمتىھان.
 
ھاياتلىق ھەققىدە يۈرگۈزسەك پىكىر،
ئىنسانغا ھەر بىر كۈن ئىكەن چوڭ سىناق.
ھەر قەدەم تۇپراققا يېزىلغان شېئىر،
ھەر ئادەم مىسالى قىيىن تېپىشماق.
 
ھاياتلىق ــــ داستىخان نېمەتلەرگە باي،
شاھ، گاداي، ئامۇخاس يىغىلغان سورۇن.
ھاياتلىق ــــ قۇرداشلار تۈزگەن قاتار چاي،
كۈلكە ھەم يىغىدىن پۈتكەن بىر ئويۇن.

 
ھاياتلىق ــــ تىك قىيا خەتەرلىك داۋان،
شېرىن ھېس تۇيغۇغا تويۇنغان خىيال.
ھاياتلىق ــــ جەلىپكار روپاشلىق جۇۋان،
ئەندىشە ئۈمىدلەر بالقىغان سۇئال.
 
مەن ۋارىس سېنىڭكى ئارمانلىرىڭغا،
كېلىمەن يولۇمنى يولۇڭغا ئۇلاپ.
ھاياتتا ئۇچرىغان ھەر بىر سۇئالغا،
ھالاللىق ئىچىدىن ئىزدەيمەن جاۋاب.
 
ئارام ئال جان ئاتا خوشلشاي ئەمدى،
ئۆتكۈزدى كېچىنى بالىلىرىم قانداق.
سورىساڭ مەندىمۇ بالىنىڭ دەردى،
ئۆتەركەن ئالەمدىن ئاتىلار شۇنداق.
 

 
تۈگىدى
 
(ئاپتۇر يوپۇغا ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتىن دەم ئېلىشقا چىققان خىزمەتچى)
 

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاتىلا بايرىمىغا مۇبارەك.......,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 47
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
جۇغلانما: 0
پۇلى: 4
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-06-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-20 20:57

ئاتا - ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.ئانىنى باغقا ئوخشاتساق ، ئاتىنى تاغقا ئوخشىتىمىز . ئاتا كۈلسە دۇنيا كۈلىدۇ ، ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە يانا بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ ،ئاتا -ئانا ، بىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇلۇغ ،ھەممىدىن مېھرىبان ،شۇڭا ، ئۇلارنى قەدىرلەيلى ، ھۆرمەتلەيلى ، ئۇلار مەڭگۈ ئامان بولسۇن ، شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى چىن دىلىمدىن يەبرىكلەيمەن ،بەخـت  - ئامەت سىزلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن ........... پەرزەنتلىرىڭلار داۋاملىق كۈلۈپ ياشىسۇن................
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 8
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
جۇغلانما: 80
پۇلى: 136
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-06-29
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-21 04:19

1(yillar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئاتا - ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.ئانىنى باغقا ئوخشاتساق ، ئاتىنى تاغقا ئوخشىتىمىز . ئاتا كۈلسە دۇنيا كۈلىدۇ ، ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە يانا بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ ،ئاتا -ئانا ، بىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇلۇغ ،ھەممىدىن مېھرىبان ،شۇڭا ، ئۇلارنى قەدىرلەيلى ، ھۆرمەتلەيلى ، ئۇلار مەڭگۈ ئامان بولسۇن ، شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى چىن دىلىمدىن يەبرىكلەيمەن ،بەخـت  - ئامەت سىزلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن ........... پەرزەنتلىرىڭلار داۋاملىق كۈلۈپ ياشىسۇن................ھەممىسى مەن دىمەكچى بولغان سۆزلەركەن..............ئاتا-ئانىلار ياشىسۇن..............
kitap mihnatsiz ustaz
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-21 09:47

جىمى ئاتا - ئانىلار بالام دەپلا ئۈتەركەن،
ھەر نامازدا ، دۇئادا ياخشى تىلەك تىلەركەن.
ئاتا - ئانام دىگەنلەر كۆپ ئەمەسكەن جاھاندا،
بالاملا دەپ ئاخىرى ئارمان بىلەن كىتەركەن .
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 41
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 134
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
جۇغلانما: 33
پۇلى: 134
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-31
4تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-21 22:58

atam  mining  kalb  bigimdiki mukadas  bir tag.anam mining kalb  bigimdiki  ajayip  taswurligusiz guzal  bag.

bakmu  isil bolgan bir xeirni yolapsiz  ,bak  japa  tatipsiz  ,kuplap  yoligaysiz  .