مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان رۇبائىيلار
ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى دوستۇم يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.
*****
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھاتتا ئاسمان سىغىدۇ.
ناۋادا غەش-ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.
*****
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا.
تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز ئاخىرى يەنە قەۋرە ئالدىدا.
-ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
 |