شارابنىڭ قىلمىشلىرى
دوستۇم بىر كۈن قالدىغۇ سوراپ:
<<بۇلار قانداق ئىچكەندە شاراب؟>>
مەي ئىچمىگەن بارىلىق دوستلارغا،
بەرگۈم كەلدى لىللا بىر جاۋاپ.
ئىچكىنىڭدە بىر نەچچە قەدەھ،
دەسلىپىدە تېتىيدۇ گۇلاپ.
تۇرار نازغىپ رەڭدار سۇيۇقلۇق،
شېشىلەردە سىرلىق جۇلالاپ.
پات-پات ئاڭا قاراپ قۇيىسەن،
ئىختىيارسىز لىۋىڭنى يالاپ.
ئۇنتۇلدۇرار<<ياق>>دىگەن سۆزنى،
يەڭگۈشلىنىپ تۇرغان گۆش-كاۋاپ.
ئىشتىيىڭنى ئاچىدۇ يەنە،
ناخشا-ئۇسۇل،دۇتتار ھەم راۋاپ.
بۇباسقۇچتا سەزمەيسەن ئۆزۈڭ،
ئىچكىنىڭنى ئۆزۈڭ ئارزۇلاپ.
ھايال ئۆتمەي ئىككىنجى باسقۇچ،
باشلىنىدۇ يىرتىلىپ نىقاپ.
<<كۆڭلۈم>>دەيدۇ تەڭلەپ قەدەھنى،
سىنى ئېغىز ئاچۇرماي زورلاپ.
ئۇنمايدۇ<<ئىچمەيمەن>>دېسەڭ،
ئىچىڭ مەيگە كەتسىمۇ تۇلۇپ.
ئىچىپ-ئىچىپ تىنىڭدە ئاخىر،
يۈز بىرىدۇ تەتۈر ئىنقىلاپ.
كىملەرنىدۇ ئۇرغۇڭ كىلىدۇ،
دوستلىرىڭنى تۇرىسەن تىللاپ.
دۈشمىنىڭدىن شاراپ سورايسەن،
سوقۇشتۇرۇپ ئىچىسەن،يىغلاپ.
<<ماقۇل>>دەيسەن نېمە دىسە ھەم،
ئرادەڭگە كەلسىمۇ خىلاپ.
ھىس قىلمايسەن ئەشۇ ۋاقىتتا،
بولغىنىڭنى بىر لاتاغىلاپ.
ئاخىرلاشسا ئۈچىنجى باسقۇچ،
كېتەر مەستلەر بىر-بىرىن تاشلاپ.
بەزىلىرى ياتار كۇچىدا ،
ئادەملىكنى -ئۆزىنى خارلاپ.
بۇ باسقۇچتا بىلمەيسەن پەقەت ،
كەتكىنىڭنى نەدىن يۇمىلاپ.
ئاچقىنىڭدا ئەتىسى كۆزنى،
باش يا قاپاق،قالار يوغناپ.
خام قاپاقتەك ئېسىلگەن بىشىڭ ،
ئاغرىپ تۇرار تىنماي زىڭلداپ.
ئىچ-ئىچىڭدىن ئۆرلەر قۇرۇق ھۆ،
ئالغان كەبى سارىسنى سولاپ........
**************************************************************
بايانلىرىم بىلسەڭ يىتەرلىك،
ئارتۇق يىزىش ماڭىمۇ ئازاپ.
قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل،دوستۇم،
بولمىغايسەن قىزىقىپ خاراپ!
----------------------------------------------------------------------------------
<جوڭگۇ مىللەتلىرى>ژورنىلىدىن.{تۇرسۇنبەگ ئىبىراھىم تايماس}ئەسىرى.
 |