تىما : ئابدۇللا ئابدىرىھىمنى چۇشنەمسىز؟
دەرىجىسى: مۇنبەر مەسئۇلى

UID نومۇرى: 2
جەۋھەر يازمىسى: 9
يوللىغان يازمىسى: 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
جۇغلانما: 105
پۇلى: 142
تۆھپىسى: 3
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-19 19:41

ئابدۇللا ئابدىرىھىمنى چۇشنەمسىز؟

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-19)
  
                                                                                                             
         

    ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر ،ھىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلى تاماشىنىللارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر . ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن . 1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئىتىبارەن ئۇ ھەقىقى سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يىتۈلدۈردى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارىلغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپىراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلىياسنىڭ رولىنى ئىلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ ئوپىرا قازاقىستان ، ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىللارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئەرتىسى بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر . ئۇ ئورۇنلىغان " سىرلىق تومان ، ئۇچىراشقاندا ، ۋاپادارىم ، مۇئەللىم ، كىچەلمەيمەن ، ئايرىلىش ، كۆزىڭنى ياشلىما ، تۇنجى سۆيگۈ ، سېغىنىش كۈيلىرى " قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئابدۇللانىڭ خەلىق ئىچىدىكى شۆھرىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردى . 1994 - يىلدىن ھازىرغىچە " سىرلىق تومان ، سۈكۈتتىكى سادا ، پەرۋانەڭ بۇلاي " قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ، " شىرىن چۈش ، تۇنجى سۆيگۈ " قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ ، ئىقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ " مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا ئىرىشتى . يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " يېڭى ئادەم ، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ ، ئاممىباب ئۇسلۇبدا ناخشا ئىيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بۇلۇپ باھالاندى . 1999 - يىلى بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن " بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي " ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكىدە " ياشلىق كۈيى " دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئىرىشتى . 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن " يىپەك يولى دىرامما بايرىمى " دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلىقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى . ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى .
بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ " شادىمان دوسلار ، بۇ كىشىنى تونامسىز " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ، " گۇناھسىز جىنايەتكار ، كىيىنكى ئاتا " قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئىلىپ ، ئۆزىنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە " ئۇچۇرىشىش ، شىكەر شەنبە ، پۇل ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ " قاتارلىق ئىپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتتى يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشتى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بۇلۇپ ، بىر قانچە يىلدىن بويان ناخشا ئىيتىش ، دىرامما - ئىپىزوتلاردا رول ئىىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ ، " قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش ، ئاي گۇۋاھ ، ئۇر توقماق ، كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى .

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى ، ئىغىر بېسىق مىجەز - خارەكتىرى ھەم مەمىميلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئىرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ھىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئىلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ھازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بۇلۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئابدۇللا ئابدىرىھىمنى چۇشنەمسىز؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 8
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
جۇغلانما: 80
پۇلى: 136
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-06-29
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-20 03:42

رەھمەت .......بىز ئابدۇللانى سىرىتتىن تۇنىغان بىلەن  ئارخىۋېنى بىلمەيدىكەنمىز....رەھمەت سىزگە ئاق يول......................جاپا چىكىپسىز ئۇكام،ئاللاھ قولىڭىزگە دەت بەرمىسۇن.......
kitap mihnatsiz ustaz
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-20 14:00

راس مەنمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئەل سۆيگەن ناخشا چولپىنى دەپلا بىلەتتىم ،مانا بۇ تېمىنى ئوقۇپ ، ئۇنى بىرقەدەر چۈشەنگەندەك بولدۇم .كۆپ رەھمەت ،بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز ، ھارمىغايسىز .
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 38
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 110
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە110دانە
جۇغلانما: 27
پۇلى: 110
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-26
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-21 16:08

ئابدۇللا مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئەل سۆيگەن ناخشىچى.
رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز!
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 41
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 134
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
جۇغلانما: 33
پۇلى: 134
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-31
4تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-22 23:48

ئابدۇللا  ئابدىرىيىمنىڭ ناخشىلىرى  ،بولۇپمۇ  مۇشۇ  ئانىلانى مەدىيىلەپ ئېيىتقان ناخشىلىرى  مۇشۇ يۈرەكلەرنى

ئويلىنىشقا  سالدۇ. ئاللا  ئىگەم مۇشۇ ناخشىچىنىڭ  تېنىنى  ساخ قىلسۇن .  مۇشۇ  تىما  ئارقىلىق  ئۇنى  تېخىمۇ تۇللۇق

چۈشەندىم.  ئاخ يول ئەپەندىم  سىزمۇ  ئامان بولۇڭ  .   ئامىن
hammimiz tirixip ahyolni  gullandurayli
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 62
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 29
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
جۇغلانما: 4
پۇلى: 29
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 16(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-19
ئاخىرقى: 2010-07-28
5تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-28 22:08

بۇ  تىمىنى  ئۇقۇپ ئابدۇللا  ئابدىرىيىمنى  تىخىمۇ   چۈشەنگەندەك  بولدۇم  رەخمەت
omur~manzili