دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-13 14:16

ئانا تىلىم

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-13)
ئانا تىلىم
 مەرھۇم ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ ھاجىمنىڭ
("ۋەتەن مىنىڭ قەلبىمدە" تېمىسىدىكى شېئىر دىكلاماتسىيە يىغىنىدا ياشلارغا ئاتاپ ئوقۇلغان نەزمە)

 
ئەي تىلىم-ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل، بارچە تىللار سەرخىلى.



سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھۇزۇرۇم، تاتلىقىم،
سەن يۇۋاش تىل ھەم ئاسان تىل سەندە نۇسرەت، شادلىقىم.

 

ئەۋۋىلى "ئىڭڭە"دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.



سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.

 

سەندە ھازىرلاندى، "مىللەت" شەرتنىڭ بىر ماددىسى،
سەن بىلەن بىخ سۈردى "مىللەت" شاخلىرىنىڭ قالدىسى.



مىللىيەت مەۋجۇت "ياران" مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
نەدە ئۇ مىللى شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ "توق" بولمىسا.

 

تىل دىگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار، رىشتە بىل،
رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئىسىل ئۇز (چىرايلىق)كەشتە
بىل.



ئانا تىل-مىللى تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.

ئانا تىل-تىل غەلىبىسىدە قىلىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
ئەرەبى، پارسى ھەم ئۆگەندىم، ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.



ئەي ياران! مەن "ھاجى" لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
ئانا تىل- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.

 

جان ياشاردى ئوز زۇۋانىم بىرلە بىر سوز ئاڭلىسام،
قالدى ھەيران ھەق شۇ تىلدا ئوز ئىلىمنى داڭلىسام.



چۈنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل-يۇرت تىلى،
ئۇشبۇ تىلدا پۇتتى داستان شائىرلىرىم-يۇرت بۇلبۇلى.

 

ئۇشبۇ تىلدا يازدى ئەللامە-ئەدىبلەر كۆپ زامان،
ئۇشبۇ تىلدا قالدى مەۋجۇت خاس يۈسۈپ، مەھمۇت ھامان.


ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرسەڭلەر قاتار،
بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى ئوزبەك ھەم قازاق، قىرغىز، تاتار.

 

تىلغا ئەل ھەغدا، ئۇنىڭ ۋايى قەلەمكەش تىلكىدىن،
ئۆچمىسۇن بۇ تىل ئىلى، تۇرپانۇ، قەشقەر، ئىلچىدىن.



دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى، تىل ساپلىقنى ساقلا دەپ،
تىل-يەزىق ئەركى سېنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچنى ئاقلا دەپ.

 

ئەي زامانىم ياشلىرى ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
شىر ناۋائىدەك چۈشۈپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.



كىم خۇشال بولمايدۇ، رۇھلار شاد بۈگۈن ھەم ئەتە شاد،
ئانا تىل-بايلىق! ئۇنى قوغدا، بۇ يولدا توھپە قات.

مەنبە : ئۇچقۇن مۇنازىرە مۇنبىرى

[ بۇ يازمىنىatax=makanدە2010-06-14 22:07قايتا تەھرى ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئانا تىلىم,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 8
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 136
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
جۇغلانما: 80
پۇلى: 136
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-06-29
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-13 14:57

ھەرقانداق تەپەككۈر دەل ئۆز -ئانا تېلىمىزدىن كىىلدۇ..........ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىگەنلىك -ئۆزىمىزنى قەدىرلىگەنلىك................كۆپ خىل تىل بىلىش-----شەرەپ.ئۆز تىلىنى ئۇنتۇش-------نۇمۇس---جىنايەت........رەھمەت يوللىغان ئىسىل تىمىلىرىڭىزگە.....
kitap mihnatsiz ustaz
دەرىجىسى: مۇنبەر مەسئۇلى

UID نومۇرى: 2
جەۋھەر يازمىسى: 9
يوللىغان يازمىسى: 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
جۇغلانما: 105
پۇلى: 142
تۆھپىسى: 3
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-13 15:36

ئانا تىلنى ئاسىرىغانلىق ئۆزىنى ئاسىرىغانلىق.
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 41
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 134
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
جۇغلانما: 33
پۇلى: 134
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-31
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-24 00:17

ئانا تىلىم جان تىلىم ماڭا  بىلىم كۈچ بەردىڭ.

سىزنىڭ  ھەممەدىن  مۇشۇ  شېىىر  بىزەكلىرىڭىزگە  قىزىقپ  قالدىم .بىراق  زادى  ئۇگۈنەمىدىم