ئىلى خەلىق ناخشىلىرى جۇشقۇنلىقى، ياڭراقلىقى،مۇڭلۇق-مەردانىلىقى ھەمدە ئەۋىج-ئەگىتمىلىرىنىڭ ئىنتايىن نەپىسلىكى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.ئۇلارنى يەككە ئىجرا قىلىشقىمۇ،مەزمۇن ۋە ئاھاڭ يېقىنلىقى بۇيىنچە يۈرۈشلۈك قىلىپ ئېيتىشقىمۇ بۇلىدۇ.
ئىلى خەلىق ناخشىلىرى كىلىپ چىقىش ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ:
1) تارىخىي ناخشىلار.بۇ خىلدىكى ناخشىلار18-ئەسىرنىڭ60 يىللىرىدىن19 ئەسىرنىڭ 80 يىلىلىرىغىچە بولغان بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىجات قىلىنغان ۋە ئېيتىلىش جەريانىدا مۇكەممەللەشكەن بولۇپ،ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭ سۇلالسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلمىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەش تارىخنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.<<ئۆستەڭ ناخشىسى>>،<<سېپىل ناخشىسى>>،<<ۋاڭخۇلۇ>>،<<سادىر>> قاتارلىق ناخشىلار ئەنە شۇ خىلدىكى ناخشىلاردۇر.
2)داستان تۈسىنى ئالغان ناخشىلار.بۇ ناخشىلار ئەينى يىللاردا،يەنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن رىئال ۋەقەلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.ئۇنىڭدا فىئودال ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن ئەمگەكچى خەلىقنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ئىپادە قىلىنىدۇ.بۇنىڭغا<<چىن مودەن>>،<<گۈلەمخان>>،<<نۇزۇگۇم>>،<<ئانارخان>> ناخشىلار مىسال بۇلالايدۇ.
3)ھەر خىل تېمىدىكى ناخشىلار. بۇ ناخشىلارنىمۇ تېماتىك مەزمۇنىغا ئاساسەن سىياسىي ناخشىلار،تۇرمۇش ناخشىلىرى،مۇھەببەت ناخشىلىرى، ئەمگەك ناخشىلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۈلۈش مۇمكىن.بۇ خىل ناخشىلار كىلىپ چىقىشى،مەزمۇنى جەھەتتىن مەلۇم بىر دەۋىر ياكى شەخىسكە مەنسۇپ ئەمەسلىكى بىلەن يۇقىرقى ئىككى ناخشىدىن پەرىقلىنىدۇ. بۇ خىل ناخشىلار مۇزىكا جەھەتتىن مۇقىملىققا ئىگە بولسىمۇ،تېكىسىت جەھەتتە مۇقۇملىققا ئىگە ئەمەس.شۇ سەۋەپتىن بۇ خىل ناخشىلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇزىكا ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن نەقراتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. مەسلەن<<خانلەيلۇن>>،<<يا سىنىڭ دەردىڭ>>،<< ئالتۇنجان>>،<< گۈلزارەي>>،<< نادان >>دىگەنلەرگە ئوخشاش.
 |