ئۆتكۈر چاقماق قارا بۇلۇتلار باغرىنى يېرىپ ئۈتۈپ،دەھشەتلىك گۈلدۈرماما ئاۋازى بىلەن تە ڭ جاھا ن تولغىقىدا دۇنياغا كۆز ئاچقان(ئاپرىدە بولغان) بۇۋىقىمنىڭ ئىڭەلىگەن ئاۋازىدىن ئېغىر تولغاق ئازابىنى ئۇنتۇپ،ئۆزۈمنىڭ بىر ئانا بولغانلىقىمدىن شادلاندىم.
ئادىمىلىك نوقتىسىدىن ئالغاندا مەن بىر ئانا، مەن بىر پەرۋىشكار، ئۇل سالغۇچى،ئاساسچى.شۇنۇڭ ئۈچۈنمۇ مەن ھاياجان ئىلكىدە ئۈزۈمدىن سۈيۈندۈم. چۈنكى ئانا بىر قۇلىدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.
شوق يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ جىمىرلاپ سۈتتەك ئايدىڭ كىچە،مانا مەن بۈشۈكنى تەۋرىتىۋاتىمەن.ئون بەش كۈنلۈك تۇلۇنئاي سېخىلىق بىلەن زىمىنغا ھەدىيە قىلغان ئاپئاق نۇر بالامنىڭ غۇبارسىز چىرايىنى يۇرۇتقىنىدا مەن ئۇنۇڭغا تويماي قاراۋاتىمەن،كۆزۈمگە قانداقمۇ ئۇيقۇ كەلسۇن؟چۈشەكەپ كۈلۈمسىرەشلىرىدىن ھاسىل بۇلىۋاتقان<<ئانا مىنى تۇققىنىڭغا تەشەككۈر>>دىگەندەك تۇيغۇلار ماڭا ئاللا قانداق مەمنۇنىيەتلەرنى ئاتا قىلدى. مانا شۇ مەمنۇنىيەتلەر قەلبىمگە يىڭى بىر كۈچ،يىڭى بىر ئىرادە، يىڭى بىر ئىستەكنى،بالامنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىزدىنىشلەرنى ئاتا قىلدى.
شۇنداق مەن بىر ئانا بولغانلىقىم ئۈچۈن دۇنيادىكى بارچە گۈزەللىك،بارچە پاكلىق،ئاقلىق ۋە ساپلىقنى مۇجەسسەم ئەتكەندەك شۇنچىلىك لاتاپەتلىك ۋە جەزبىدارمەن. چۈنكى ئۈزۈمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئالىيجاناپ خىسلەتلەرنى ئانىلىق قەلبىنى مىھىر-مىھابەتتىن ئىبارەت ئىنسان ھاياتىدىكى بۈيۈكلىكنى ھازىرلاپ ۋاپادارلىق كانى بولغانلىقىم ئۈچۈندۈر.
شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئانا ھىسابلىدىم.
تۇيۇقسىز ئۆز ئەكسىمنى كۆرگۈم كېلىپ ئەينەككە قارىدىم.ئانىلىق بۇرچۇم بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ قىممەتلىك سوۋغىللىرى يۈزلىرىمنى ۋاقىتسىز بېزەپتۇ.چىكە چاچلىرىمغا ئاق سانچىپتۇ.كۆز ئەتراپىمدا ئەتىگەنلىك شەپەقنىڭ شەبنەم ئۈستىدە جىلۋىلەنگەن نۇرلىرىدەك قورۇقلار......بۇلارمۇبالامغا بەرگنىمنىڭ يالدامىسى ئەمەسمۇ؟! يەنىلا چىھرىمدە مەمنۇنىيەت جىلۋىلىدى.چۈنكى بالام<<ئانا جەننەتنى نەدە دىسەم سىنىڭ ئايىغىڭدا>> دەيدۇ.<<سەن شۇنچىلىك خاسىيەتلىك ۋە خىسلەتلىكسەن. سەن شۇنچىلىك مىھرىبان ئالىجاناپسەن.سەن ئۈزۈڭدىن چەكسىز پەخىرلەن>> دەيدۇ.
دەر ھەقىقەت بالامغا شۇنداق تەلەپنى قويىمەن.بالام ئاق قارىنى پەرىقلەندۈرۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ<< بالام،سەن بىر ئوغۇل: ئوغۇل تۇغۇلسا پۈتۈن يەر جاھان خوشال بۇلۇپ كىتەرمىش، تاغۇ دەريا،دېڭىز ئوكيان خوشاللىقىدىن چايقىلارمىش،جاھان ئوغۇل بالىنىڭ ئەجرىدىن ياشىرىدۇ،كۆلەيدۇ.سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەركەكلىك بۇرچۇڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما>>دىگەنلىرىم ئىسىمدە. ئوغلۈمنىڭ كەلگۈسىدە مەن پەخىرلەنگۈدەك ئادەم بۇلىشىنى ئاالاھدىن تېلەيمەن.
ئېنىقكى ئوغلۇم ئككىمىز ئوتتۇرسىدا ساپ، سەمىمى ھەقىقى مۇھاببەت بار.بۇ مۇھاببەت مېنى تېخىمۇ ئۈمۈتلۈك ياشاشقا،ئوغلۇمنى مىنىڭ يۇلۇمدا يۈكسەك پەللىگە ئۆرلەشكە ئۈندەيدۇ.چۈنكى مۇھاببەت ھاياتنى ياشنىتىدۇ.مۇھابەتتىن مەھرۇملۇق ھاياتنى خورىتىدۇ. مەن پەرزەنت مۇھاببىتىدىن سۈيۈنگەن كۆزلىرىمدىن،بالامنىڭ ۋاپادارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان يۈرىكىنىڭ ئەكسىنى كۆرمەكتىمەن.
مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي جان ،چىن مەنا بەرگۈچى ئەڭ گۈزەل مىلودىيە،ئۇنى ياشناتقۇچى ئابىي ھاياتسەن.پەقەت سەن بولغاچقىلا ئادىمىزاتسىز چۆللەر،تاقىر تاغلار كىشى كۆڭلىگە ئارام بەخىش ئەتكۈچى ئارامگ اھلارغا ئايلانغان. سەن بولغاچقىلا ئانا-بالىلىق رىشتىسى شۇنچىلىك مۇستەھكەم باغلانغان.
مىنىڭ مۇھاببەتتىن سۆيۈنگەن ئانىلىق مىھرىگە تۇيۇنغان ھاياتلىق ئالىمىمدە قانداق ياشاشنى،ئىزلىرىمدىن،سۆزلىرىمدىن،كۆزلىرىمدىن،ۋۇجۇدۇمدىن ئۆگەنگەن ئوغلۇم ئۆز مۇھاببىتى ئارقىلىق ماڭا تېخىمۇ خوشاللىق ۋە بەخىت ئاتا قىلماقتا.
مەن بىر ئانا، پەرزەنىت خوشاللىقىدىن سۈيۈنۈپ ھاياتقا مۇھاببەت بىلەن بېقىۋاتقان.
مەن بىر ئانا، ئانىلىق پەزىلىتى بىلەن پەرزەنىت قەلبىگە ۋاپادارلىق،ئادىمىلىك ئۇرىقىنى چېچىۋاتقان.
مەن بىر ئانا،پەرزەنىت مۇھاببىتى ئاتەش كەبى يالقۇنجاۋاتقان..............
2010يىل 3-ئاي
مۇڭزار خاتىرلىرىدىن