تىما : ئاۋاتلىشىۋاتقان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى
UID نومۇرى: 39
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 225
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە225دانە
جۇغلانما: 181
پۇلى: 225
تۆھپىسى: 65
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-16 22:34

ئاۋاتلىشىۋاتقان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا

باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى: بۇ يازما ahyol تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-06-16)
 ئاۋاتلىشىۋاتقان  ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا

ئاپتۇر ؛ ئۆزھال

(كىتابخانا ۋە ئويۇنچۇقخانىنىڭ رۇشەن سېلىشتۇرمىسى)

مۇقەددىمە؛   كۆز يۇمغۇسىز رېئاللىق

ھەممەيلەنگە  مەلۇم،  ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ھازىر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ،شەھەر – ناھىيىلەردىن تارتىپ ،ئايىغى تەگمىگەن يېزا-بازار، مەھەللە قالمىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشلىرىمىزدە تورخانا-ئويۇنچۇقخانىلارغا ‹‹يۈرۈش قىلىش›› يېڭى  دولقۇنى قوزغالدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىم مەرىپەتنىڭ بۈشۈكى ھېسابلانغان كىتاپخانىلارغا  كىرىدىغان ئادەملەر بارغانسېرى ئازلاپ،چۆلدەرەشكە يۈزلەنسە، ئەكسىچە دوقمۇش- دوقمۇشلاردىكى ئېلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا-تورخانىلارغا ئادەم پاتمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

            1- سۈرەت ؛  ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا)

 قارىسىڭىز قاينام تاشقىنلىق مەنزىرە؛  ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى قۇرۇق ئويۇن ئويناش ،QQدا قۇرۇق گەپ سېتىش(ھازىرغۇ QQئوچۇق ئەمەس) ،1پۇڭلۇق قىممىتى يوق بىھۇدە بەس-مۇنازىرىلەر،ۋاھاكازالار.  قارىسىڭىز مىڭ بىر جاپادا تاپقان پۇللىرىنى  بىھۇدە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ،چىرايلىرىنى سارغايتىپ يۈرۈۋاتقان كىشلىرىمىزنى،جۈملىدىن ياشلار، ھەتتا ياشانغانلارنىمۇ كۆرىسىز. سىز يەنە سەل دىققەت قىلسىڭىز، ئويۇنچۇقخانا – تورخانىلارغا پۇل تاپالماي ئۇغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقانلارنى، ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرالماي باشقىلاردىن تاياق يەۋاتقانلارنى، ھەتتا نەسىھەت قىلسا ئاڭلىماي ،خوتۇن-بالا،ئاتا-ئانىلىرىنى تىللاپ ئۇرۇۋاتقان،قېيىداپ ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرىسىز

            2 -سۈرەت؛ جىمجىتلىققا چۆككەن كىتاپخانا

قارىسىڭىز كىشىنى ئېچىندۇرغۇدەك بىر ھالەت؛ كىتاپخانا ئىچىگە قارىسىڭىز، شۇنچە چوڭ، ئازادە كىتاپخانىدا كىتاپ ساتقۇچىنى قوشقاندا ئاران4-5 ئادەم، تولىمۇ جىمجىتچىلىق.قارىسىڭىز ئىلىم-مەرىپەتنىڭ بۈشۈكى ھېساپلانغان كىتاپخانىلار چۆلدەرەپ قالغان، يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز نى-نى ئېسىل، بىباھا كىتاپلارنى ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق توپا بېسىپ ، كىم ئۇقاركىن دەپ بوينىنى قىسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز

(بىزنىڭ خىلى كۆپ ئادەملىرىمىز مۇشۇ ھەپتىدە  قايسى VCD پىلاستىنكىسىنىڭ يېڭىدىن چىقىپ بازار تېپىۋاتقانلىقىنى،پالانى چولپاننىڭ يۇرتىنىڭ قەيەردىلىكىنى دەپ بېرەلەيدۇكى، ھەرگىزمۇ مۇشۇ ئايدا قايسى كىتاپنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپ،كىتاپخانىغا تىزىلغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ!)
 
ئەجداتلىرىمىز كىتاپخۇمار، ئېلىمخۇمار خەلق
 ھەممىمىزگە مەلۇم، خەلقىمىز ئىلىمخۇمار ، كىتاپخۇمار ،تىرىشچان خەلىق . جاھانغا مەشھۇر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان. تارىختا ئۆچمەس شان-شۆھرەتلەرنى قالدۇرغان ئىجتىھاتلىق ، پەم - پاراسەتلىك ،ئىشچان ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە ئەزەلدىن ئىلىم - مەرىپەت ، يېڭى بىلىملەرنى  ئۆگىنىشنى ،   ھورۇنلۇق ،قاششاقلىق ، ئىسراپخورلۇق،مەيخورلۇق ،بۇزۇقچىلىقتىن نېرى قېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .ئۇلار بىزگە نۇرغۇن ئېسېل ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرغان ؛ مەسلەن ،‹ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ›،‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ›، ‹جاھاندا بىلىمدىن قىممەتلىك بايلىق يوق ›،‹بىر كىتاپ ئوقۇساڭ بىر سەر ئەقلىڭ قوشۇلار›...دېگەندەك .
مەن ھازىر  خەلقىمىزنى كىتاپ ئوقۇمايدۇ دېمەكچى ئەمەس ، خەلقىمىز كىتاپ ئوقۇيدۇ ،  ئوقۇيدىغانلار بار.  بىراق،  ھازىر ھەقىقەتەن خىلى كۆپ قىسىم كىشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ،،قاۋاقخانىلاردا بىھۇدە ، مەس-ئەلەس ئۆتكۈزمەكتە ، مىڭبىر جاپالاردا قىينىلىپ تاپقان ، بىر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا كۆزى قىيمايدىغان پۇللىرىنى بىھۇدە بۇزۇپ چاچماقتا ...مۇشۇنداق كۆز يۇمغۇسىز بىر ھەقىقەت ئازراقلا ۋىجدانى بار ھەر بىر ئەقىل ئېگىسىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە؟!!!... ... ... ...
 
خاتىمە ئورنىدا؛  ئويلىنىش ئىچىدە يېزىلغان قۇرلار
ئويلاپ قالىمەن؛  ئاشۇلارنىڭ ئۆيىدە قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ؟ ياكى پۇلى شۇنچە ‹‹ئېشىپ-تېشىپ›› تۇرامدىغاندۇ؟مۇشۇلار بېھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتى، پۇللىرىدىن ئازراق سەرىپ قىلىپ ،كىتاپخانىلارغا كىرىىپ قويسا، بىرەر كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويسا ئوشۇق كېتەمدىغاندۇ دەيمەن؟! ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ ،پەرزەنىتلىرىنىمۇ بولسا ئويلاپ قويسىچۇ كاشكى؟!... ... ... ...
دوسىتلار ،ئۇنداق قىلمايلى، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەيلى، قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋە پۇل - بايلىقىمىزنى ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى .بىكار بولساق ،ئۆزىمىز ، مۇمكىن بۇلسا باللىرىمىزنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويايلى .ئېسىل ، تەۋەررۈك ، دۇردانە كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ قالمىسۇن . كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، قەلبى جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە قالمىسۇن !
2010 - يىل  مارت.
مەنبە    ؛   ئىجادىيەت 
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاۋاتلىشىۋاتقان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: مۇنبەر مەسئۇلى

UID نومۇرى: 2
جەۋھەر يازمىسى: 9
يوللىغان يازمىسى: 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
جۇغلانما: 105
پۇلى: 142
تۆھپىسى: 3
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-16 22:39

راست ياخشى يىزىلىپتۇ
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-17 02:00

بىز ئوقۇغۇچىلار تورخانىلارغا كىرۋالمىسۇن دەپ دائىم تورخانىلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىمىز،كۈزۈتۈپ باقسام ،كىرگەنلەرنىڭ 60-70% تى ئويۇن ئوينايدىكەن .20-30% تى چ چ دا پاراڭلىشىدىكەن ،10% ئەتراپىدىكىلەر مۇنبەرلەردە ماتىريال كۆرىدىكەن ياكى چايخانىلارغا كىرىدىكەن ،بۇ ھال ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 75
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
جۇغلانما: 0
پۇلى: 3
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2010-06-26
3تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-24 13:26

        دەل ئاشۇ كىتاپخانىلاردىن يىراقلىشىش بىزنىڭ ئىتىقاتىمىزنى  سۇسلاشتۇرىۋەتتى .