بىر نامرات ئەر-خۇتۇن بۇلۇپ، بۇلارنىڭ بالسىنىڭ يېشى چوڭىيىپ توي قىلدىغان ۋاقتى بۇلۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى كەچتە بۇ بالا كۆزىنى يۇمۇپ ياتسا بۇ ئەر-خۇتۇن بالسىنى ئۇخلاپ بولدى دەپ ئويلاپ، بالىمىز چوڭىيىپ قالدى ئۆيلەپ قويساق بۇلاتتى، ھازىر ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز تازا ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئېغىلدىكى ئېشەكنى سېتىپ پۇلىغا تۇيىنى قىلىپ بېرەيلىمىكىن دىيشىپتىكەن.
بۇ بالا خوشاللىقتا ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر خۇتۇن بالسىنى خىجىل بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ باشقا پاراڭلارنى قىلىپتىكەن. بۇ بالا «دادا-ئاپا باشقا گەپنى قۇيۇپ بايىقى ئىشەكنىڭ گىپىنى قىلساڭلارچۇ» دەپتۇ.