ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
دېڭىز سەپىرى خاتىرىسى
بىر گۈزەل ئايال يازغۇچى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ساياھتكە چىقىپتۇ ، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتى بار ئىكەن ، ئۇ مۇنداق دەپ يېزىپتۇ :
بىرىنچى كۈنى : مەن پاراخوت كاپىتانىنى ئۇچراتتىم
ئىككىنچى كۈنى : مەن بەك تەلەيلىككەنمەن ، كاپىتان مېنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى .
ئۈچىنچى كۈنى : كاپىتان مېنى پاراخوتنىڭ ھەممە يېرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇزدى ،
تۆجتىنچى كۈنى : كاپىتان ھۇجرىسىنى كۆرسەتتى ۋە ماڭا تەكلىپ قويدى ، بۇ ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە زادىلا توغرا كەلمەيدىغان ئىش
بەشىنچى كۈنى : ئۇ يەنە شۇ گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى ، يەنە تېخى ، ئەگەر مەن ماقۇل بولمىسام پاراخوتنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئالتىنچى كۈنى : مەن پۈتۈن پاراخوتتىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۋالدىم .
بەت سانى ئوخشىمايدۇ
بىرەيلەن ئەدەبى ئوبزورچىدىن سوراپتۇ :
- سىزنىڭچە كلاسسسىك رومان بىلەن ھازىرقى زامان رومانلىرىنىڭ پەرقى قانداق ؟
- كلاسسىك رومانلاردا ئەر كىشى ئايالىنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 - بەتتىن كېيىن سۆيىدۇ ، ھازىرقى زامان رومانلىرىدا بولسا 3 - بەتتىن ئاشماي تۇرۇپلا ناشايان ئىشلار يۈز بېرىدۇ
شۇم خەۋەر
ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىر چىرايلىق ئاغرىقنى تەكشۈرۈپ بولۇپ دەپتىغۇ :
- خانىم سىزگە بىر خۇشخگۋەر ئېيتىدىغان بولدۇم
- مەن خانىم ئەمەس ، خانقىز
- ھە؟! ئۇنداقتا مەن سىزگە بىر شۇمخەۋەر يەتكۈزىدىغان بولدۇم
ساقال ئېلىش
بىر ئەر ئەتىگەندە ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ ئايالىغا دەپتۇ :
- بىلەمسەن ، ھەر ئەتىگەنلىكى ساقال بۇرۇتۇمنى ئالغىنىمدا ئۆزۈمنى ياشىرىپ قالغاندەك ، ۋۇجۇدۇمغا كۈچ - قۇۋۋەت تولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن .
- ئۇنداق بولسا ساقال بۇرتىڭىزنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ ؟
چوڭ چىۋىن
بىر زىياپەتتە يېرىم يالىڭاچ كىيىنىۋالغان بىر ياش ئايالنىڭ ئەتراپىغا بىر مۇنچە ئەرلەر ئولىشىۋاپتۇ ، بىر خانىم نارازى بولۇپ ئېرىگە دەپتۇ :
-ئۇنىڭ نەرى چىرايلىق ، ئاۋۇ ئادەملەر نېمانچە ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالىدىغاندۇ ؟
- مەنمۇ بىلمىدىم ، ياخشىسى مەن بىر بېرىپ قاراپ باقاي ھە
ئالدىن بىلىپ تۇرۇش
بىر ئايال ئېرىنى قاتتىق باشقۇرىدىكەن .
بىركۈنى ئايال ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ . ئەر يالغۇز سىرتنى ئايلىنىپ كىرمەكچى بولۇپ، كۆزەينەك تاقاپ كاستۇم كىيىپ ، پۇلۇم بارمۇ يوقمۇ دەپ يانچۇقىغا قول سالسا بىر ئايالى يازغان بىر باغاقچە چىقىپتۇ :<< سەن بۇنچە رەتلىك كىيىنىپ نەگە بارماقچىدىڭ ؟>>
نېمىلا قىلسا كۆزگە سىغماسلىق
بىر ئايال ئېرىنى بەك كۈنلەيدىكەن ، بىر قېتىم ئۇلار ساياھەتكە چىقىپتۇ . ئۇلار دېڭىز ساھىلىدا ئارام ئېلىۋاتسا ئالدىدىن بىر چىرايلىق قىز ئۆتۈپتۇ .ئەر ئىختىيارسىز لاپپىدە قاراپ قويۇپتىكەن ئايالىدىن دەككە يەپتۇ ، بىكاردىن بىكار ئازار يېگەن ئەر يەنە بىرەرسىگە قاراپ سالماي دەپ كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالسا ئايالى يەنە ۋاتىلداپ كېتىپتۇ :
- ھە ، ئەمدى كۆزۈڭنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ بايىقى بۇزۇقنى ئويلاۋاتامسەن ؟!
ھېچبىر سەۋەنسىز
سام قايتا توي قىپتۇ . ئۇ ياش ھەم چىرايلىق ئايالىغا دەپتۇ :
- سۆيۈملۈكۈم ، مېنىڭ چوڭ بىر كەمچىلىكىم بار ، مەن ھەمىشە ھېچبىر سەۋەبسىزلا كۈنلەپ قالىمەن
- قەدىرلىكىم ، خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن ھەرگىز سىزنى سەۋەنسىز كۈنلەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويمايمەن .
پىركازچىك قوبۇل قىلىش شەرتى
بىر ماگىزىن توي قىلغان ئەرلەرنى پىركازچىكلىققا قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپتىكەن ، ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەر سوراپتۇ :
- بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
- چۈنكى توي قىلغان ئەرلەر باشقىلارنىڭ ۋارقىراپ جارقىراشلىرىغا كۆنۈپ قالغان بولىدۇ .
ئۇرۇش تەييارلىقى
چېركاۋدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى ، بىر بالا دادىسىدىن سورىدى :
- دادا ، مىنىشقا يىگىت بىلەن قىز بىر بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالىدۇ ؟
- ھە ، بۇ دېگەن بىر ئادەت ، بۇ خۇددى ئىككى بوكىسچىنىڭ مۇشتلىشىشتىن بۇرۇن قول ئېلىشقىنىغا ئوخشايدۇ .
تويلۇق رەسىم
پېتىر بىلەن مارى تويلۇق رەسىمگە چۈشمەكچى بوپتۇ . رەسىمچى دەپتۇ :
- يېقىنراق تۇرۇڭ ، قولىڭىزنى يىگىتىڭىزنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالسىڭىز تېخىمۇ تەبىئيرەك چىقىدۇ .
پېتىر ھەسرەتلىك ھالدا :
- تېخىمۇ تەبىئىيرەك چىقسۇن دېسىڭىز ئۇنىڭ قولىنى يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇڭ .
قاباھەتلىك چۈش
بىر ئەر ئايالىنىڭ خورلاشلىرىغا چىدىماي ئۆيدىن چىقىپ مېھمانسارايغا بېرىپتۇ .
كۈتكۈچى : ئەپەندىم : بۇ ياتاقتا تۇرسىڭىز خۇددى ئۆز ئۆيىڭىزدە تۇرغاندەك بولىسىز .
ئەر : ئۇنداق بولسا ماڭا دەرھال باشقا ياتاققا ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ !
پەرق ئېتەلمەسلىك
ئا : كالتە چاچ قويۇۋالغان نيۇزەيكۇ كىيىۋالغان ئاۋۇ بالا قىزمۇ ئوغۇلمۇ ؟
ب : ئۇ مېنىڭ قىزىم
ئا: ھە كەچۈرۈڭ ، مەن سىزنىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن .
ب : ياق ، مەن ئۇنىڭ دادىسى
مەقسەت باشقا
بىر رېژىسسور ئارتىس تاللاۋاتسا بىر ئايال ئىشىك چېكىپتۇ .
- ئەپەندىم ، كەچۈرۈڭ
- بولدى بولدى ، نېمە ئالاھىدىلىكىڭىز بار ؟ ھە ، ئالدى بىلەن ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي .
ئايال يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ .
- توختاڭ ! دەپ ۋارقىراپتۇ رېژىسسور ، - ئاۋازىڭىز شۇنچە سەت تۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىز نېمىسى ؟
- مەن بۇ ئۆينى تازىلىغىلى كەلگەن .
قورۇما ئىسستىش
يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ ئەر ئايال شېرىن ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرى ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ، ئايال سوراپتۇ :
- قايتىپ كەلگەندە نېمە يەيسىز ؟
- پەقەت سىزنىلا يەيمەن ، - دەپتۇ ئەر ئامراقلىق قىلىپ
ئەر ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلسە ئايالى ئىچ كىيىم بىلەن راسا يۈگۈرۈپ يۈرگىدەك ...
- نېمە قىلىۋاتىسىز ؟ - دەپتۇ ئەر ھەيران بولۇپ
- قورۇما ئىسستىۋاتىمەن
زىغىرلاش
تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى خانىمى بىلەن كېتىۋاتسا سېرىق چاچلىق بىر ساھىپجامال قىز ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپتۇ .
- ئاۋۇ بۇزۇق بىلەن نەدە تۇنۇشقانتىڭىز ؟ - دەپ سوراپتۇ ئايالى زەردە بىلەن
- ھە ، بىز پەقەت كەسپىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن تونۇشۇپ قالغان .
- شۇنداقمۇ ؟ سىزنىڭ كەسپىڭىزنىڭمۇ ياكى ئۇنىڭ كەسپىنىڭمۇ ؟
تۇنجى تۇغۇت
بىر مۆتىۋەر ئۆيلىنىپ يەتتە ئاي بولغاندا ئايالى يەڭگىپ قويۇپتۇ ، مۆتىۋەر دوختۇردىن سەۋەبىنى سوراپتۇ .
- ئەنسىرمەڭ ، - دەپتۇ دوختۇر ، - بۇنداق ئىش تۇنجى تۇغۇتتا يۈز بېرىپ قالىدۇ ، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىش قايتىلانمايدۇ .
ئاددىي تەبرىكلەش
بىر ئايال باركەندە كۈنبويى توختىماي ۋاتىدايدىكەن .
ئايال : توي خاتىرە كۈنىمىزنى قانداق تەبرىكلىسەك بولار ؟
ئەر : ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرساق قانداق ؟
ئەسقاتىدىغان ئاۋاز
ناخشىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر قىز تۇنجى سائەتلىك دەرسىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسىدىن سوراپتۇ :
-ئېيتىڭا مۇئەللىم ، مېنىڭ ئاۋازىم ئەسقاتىدىغاندەكمۇ يا ؟
- ئەسقاتىدۇ ، ئەسقاتىدۇ ، ئەگەر بىرەر يەرگە ئوت كېتىپ قالسا تازا ئەسقاتىدۇ .
ئىككى خىل روھىي ھالەت
ئايال ئا : مېنىڭ ئېرىم كەچتە ئىشتىن ھېرىپ ئېچىپ قايتىپ كېلىپ كەچتە تاماق يەپ ئۇخلاپ ئەتسى ئەتىگەندە روھلۇق ئىشقا ماڭىدۇ .
ئايال ب : مېنىڭ ئېرىم ئىشتىن روھلۇق قايتىپ كېلىپ ، ئەتىسى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ھالدا ئىشقا ماڭىدۇ .
دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بىر خوجايىنى سەتەڭ بىر خېنىمنى باشلاپ ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇپتۇ . خوجايىن بىر بۇقىنىڭ ھەدەپ بىر ئىنەككە ئارتىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە ھېلىقى ئايالنىڭ بېلىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ دەپتۇ :
- ئومىقىم ، مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ .
- ئەمىسە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ - دەپتۇ ئايال ، - ئىنەك ئۆزىڭىزنىڭغۇ ؟!
بىر بالا كونا ئالبۇمنى كۆرۈۋېتىپ پوپايكا توقۇۋاتقان ئاپىسىدىن سورىدى :
- ئاپا ، سەن بىلەن بىللە تۇرغان قارا چاچلىق قاۋۇل يىگىت كىم ؟
- ئەخمەق بالا ، ئۇ سېنىڭ داداڭ بولمامدۇ ؟
- دادام ؟! ئەمىسە ھازىر بىر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان تاقىرباش سېمىز ئادەم كىم ؟
باغچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئايال ئەتراپتا ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ پۇتىنى ئورۇندۇقنىڭ ئۈسىتىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ . بىردەمدىن كېيىن بىر دىۋانە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
- خانىم ، ئوبدان ئۇچرىشىپ قالدۇق ، بىللە سەيلە قىلساق قانداق ؟- دەپتۇ .
- ھەددىڭدىن ئاشما ! - دەپتۇ ئايال ئاچچىقلاپ ، مەن ھېلىقىدەك شاللاق ئاياللاردىن ئەمەس !
- ئۇنداق بولسا ، - دەپتۇ دىۋانە - سىز مېنىڭ بۇ كارىۋىتىمنىڭ ئۈستىدە نېمە ئىش قىلىسىز
ياشانغان پروفېسسور رېستۇرانغا كىرىپ كۈتكۈچىگە دەپتۇ :
- ماڭا ئىس ئۆتۈپ كەتكەن تۇخۇم قورۇمىسى ، بىر ئىستاكان بەتتەم قەھۋە بىلەن ئىككى پارچە قېتىپ كەتكەن بولكا كەلتۈرۈڭ ، ئاندىن كېيىن يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئاغزىڭىز بېسىقمىغان ھالدا مېنى يېرىم سائەت تىللاڭ .
- نېمىشقا ئەمدى ؟ ئەپەندىم ؟
- ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىمنى ئەسلەپ قوياي ، دېۋىدىم
بىر ھاراقكەش يېرىم كېچىدە تازا مەس ھالدا يولدا كېتىۋاتسا ساقچى توسۇپ سوراپتۇ :
- نەگە ماڭدىڭ ؟
- ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا لېكسىيە ئاڭلىغىلى ماڭدىم .
- بۇ يېرىم كېچىدە كىم ئۇ لېكسىيە سۆزلەيدىغان ؟
- خوتۇنۇم
كېلىنىنى خورلاش بىلەن داڭ چىقارغان بىر ئايال بار ئىكەن ، بىر كۈنى ئوغلى بىر ئۇقتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ .
- ئۇقتۇرۇشتا نېمە دەپتۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ ئانا .
- مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئىكەن ، مەھەللىمىزدە كېلىنىنى خورلايدىغان ئىككىيلەن بار ، كۆپچىلىك دىققەت قىلىپ قويۇڭلار ، دەپتۇ .
ئانا سەل ئويلىنىۋېلىپ سوراپتۇ :
- يەنە بىرى كىمكەن ؟
چىشى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بىر قىز چىش دوختۇرىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ :
- ئەپەندى ، دەپتۇ ئۇ دوختۇرغا ، - دېمەكچى بولغانلىرىم بەلكىم ئەمەلىي بولماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن مېنىڭچە بالىلىق بولۇش چىش ئاغرىقىنى تارتىشتىن ئاسانراق بولسا كېرەك .
- ئۇنداق بولسا سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن ، - دەپتۇ چىش دوختۇرى ، - شۇتاپتا سىزنىڭ چىش تارتقۇزغىڭىز بارمۇ ياكى بالىلىق بولغۇڭىز بارمۇ ؟
مەنبە:ئۇنىڭ بۇنىڭدىن رەتلەپ قويدۇم.