ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
بىر مودىل قىز ماشىنىلىق سەپەرگە چىقىپ خىلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن بىر ساراينىڭ ئالدىدا توختىدى . ـ سارايدا ياتاق قالمىدى ،ـ دېدى ساراي باشقۇرغۇچى ،ـ ئەگەر خالىسىڭىز ، بىر ياتاقتا ئۇزۇن ئورۇندۇقتىن بىرى بار ، شۇ يەردە ياتسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭغا ئۇ ياتاقتىكى ئەر قوشۇلامدۇ يوق بىلمەيمەن .مودېل قىز ئۇ ياتاقنىڭ ئېشكىنى ئېچىپ ،ئىچىدىكى ئەرگە مۇرارجەت قىلدى؛
- ماڭا قاراڭ ،سىز مېنى تونۇمايسىز ، مەنمۇ سىزنى تونۇمايمەن ؛ بىز ئۇلارنى تونۇمايمىز ، ئۇلارمۇ بىزنى تونۇمايدۇ . ياتقىڭىزدىكى ئورۇندۇقتا بىردەم ئۇخلىۋالسام بولامدۇ ؟
- بولىدۇ ، - ئەر شۇنداق دەپ ، ئۇخلاش ئۈچۈن كارۋاتقا چىقتى . بىر پەستىن كىيىن مودېل قىز ئەرنى يەنە ئويغاتتى ؛
ـ ماڭا قاراڭ ،سىز مىنى تونۇمايسىز ، مەنمۇ سىزنى تونۇمايمەن ؛ بىز ئۇلارنى تونۇمايمىز ، ئۇلارمۇ بىزنى تونۇمايدۇ ؛ كارۋىتىڭىزنىڭ قىرىدىن ماڭا ئازراق ئورۇن بىرەرسىزمۇ ؟
- بولىدۇ ! - ئەر يەنە ئۇيقىغا كەتتى .
بىر پەستىن كىيىن مودېل قىز ئەرنى يەنە ئويغاتتى ؛
- ماڭا قاراڭ ،سىز مىنى تونۇمايسىز ، مەنمۇ سىزنى تونۇمايمەن ؛ بىز ئۇلارنى تونۇمايمىز ، ئۇلارمۇ بىزنى تونۇمايدۇ؛ شۇڭا ئىككىمىز بىرلەشمە كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتى ئېلىپ بارساق قانداق ؟
- ئەر جاۋاب قايتۇردى ؛ ـ ماڭا قاراڭ ، مەن سىزنى تونۇمىسام ، سىزمۇ مېنى تونۇمىسڭىز ؛ بىز ئۇلارنى تونۇمىساق ، ئۇلارمۇ بىزنى تونۇمىسا ؛ بىرلەشمە كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتىگە زادى كىمنى تەكلىپ قىلىمىز ؟
مەنبە ؛ ‹‹ ئوشۇ ھېكايەتلىرى ››دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى .