ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
سىناپ باقاي
ئايالى تۇخۇم قورىۋاتقاندا ئېرى كىرگەن پېتى
- ۋاي تۈزۈك قىلمامسەن ؟ تۇز سال ، چاققان ئۆرى !!!! ۋاي بولمامسەن .............
ۋاي سىزگە نىمە بولدى ؟ مەن تۇخۇم قورىشنىمۇ بىلمەمدىم ئەمدى ؟ دەپتىكەن ئېرى تۇرۇپ كىتىپ ............
- مەن سىنى شۇ مىنىڭ ماشىنا ھەيداۋاتقاندىكى ھالىتىمنى ھېس قىلىپ باقسۇن دىدىم دەپتۇ .......
باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى بىلگەننىڭ پايدىسى
چاشقانلارنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئالىدىدا بىر مۈشۇك يېتىۋاپتۇ ، بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن چاشقانلار تالاغا چىقالماپتۇ .
بۇنى كۆرگەن چاشقانلار نىڭ دادىسى تۆشۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ :- ھاۋ - ھاۋ !!! دەپ ۋارقىراپتىكەن مۇشۇك بەدەر قېچىپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن دادىسى باللىرىغا مۇنداق دەپتۇ .
كۆردۈڭلارمۇ ،باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى بىلگەننىڭ پايدىسىنى ....................
مۇكاپات چىقتىمۇ ؟
بىر قىز - يىگىت قىزغىن مۇھەببەتلىشىپتۇ . قىز بىلەن يىگىت توي قىلمىز دەپ يۈرگەن كۈنلەردە يىگىتىنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا باشقا بىر قىزنى ئېلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ، يىگىت قۇشۇلماپتۇ ،بىراق دادىسى ئۇنى ئالمىساڭ سەندەك بالام يوق دەپ تۇرۋپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت ئامالسى دادىسى ئالىسەن دىگەن قىز بىلەن توي قىلىپتۇ .
توينىڭ ئەتىسى ھېلىقى يۈرگەن قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كىلىپ .......
ئابلەت بارمۇ ؟ دەپتۇ سوراپتۇ يىگىتنىڭ دادىسىدىن .
ئۇنى نىمە قىلىسز ؟ سىز كىم دەپتۇ ؟
قىز قىلچە ئىككىلەنمەيلا مەن سىزنىڭ كېلىنىڭىز دەپتۇ .
يىگىتنىڭ دادىسى ئوغىلىنى چاقىرىپ .
ھەي بۇ نىمە ئىش دەپتۇ ئاچچىقلاپ .
ئوغلى سەل تۇرۇپ كىتىپ دادا ماڭا مۇكاپات چقىتى دەپتۇ .
بېلىق ۋە تۇخۇ
بەش ياشلىق بالا دادىسىدىن سوراپتۇ :
- دادا ،جورجىنى دادىسى سۇ ئۈزۈشكە بەك ئۇستا ئىكەن ،سىز نىمىشقا ئۈزەلمەيسىز ؟
- شۇنىمۇ بىلمەمسەن ،ئۇنىڭ دادىسى كۈندە بېلىق يەيدىغان تۇرسا ،شۇنىڭ ئۈچۈن سۇ ئۈزۈشكە ئۇستا ،مەن بېلىق يىمىگەندىكىن سۇ ئۈزەلمەيمەن دە .-
--- ئەجابا سىز كۈندە توخۇ گۆشى يەيسىز ،بىراق مەن سىزنىڭ بىرەر تۇخۇم تۇغقىنىڭىزنى كۆرمىدىميا؟.........
مۇنبەردىكى دوستلار قىزىق تېما بولسا ئانچە - مۇنچە ئىنكاس يىزىپ قۇيۇڭلا !
مۇنبەردە يۇمۇرىستىك ئادەملەر يوقما ؟ مۇنبەردە دوستلار ئۆز - ئارا تۇنۇشۇپ قۇيايلى جۇمۇ !!!! مەن بەختىم سەن بولىمەن . ئنىكاس يىزىپ ئۆزۈڭلارنى تۇنۇشتۇرۇڭلار جۇمۇ !!!دوست بۇلۇپ قالايلى ! دوستلۇق ئۈچۈن ئالغا !
مەنبەسى : ئېقىن ژورنىلىدىن ئېلىندى