ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

كۇماراجىۋانىڭ قىزىل مىڭئۆينىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مىس ھەيكىلى
1994-يىلى 9-سېنتەبىر كۇماراجىۋا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1650 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇماراجىۋا ۋە جۇڭگونىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ـــ كۇماراجىۋا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1650 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۇماراجىۋا تۇغۇلغان جاي قەدىمىي كۈسەننىڭ ئاۋات يۇرتى بولغان باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆينىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايوندىن 140 قا يېقىن مۇتەخەسسىس، ئالىملار كۇماراجىۋانىڭ جاھان بۇددا تەلىماتىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. يىغىندىن كېيىن باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆينىڭ ئالدىغا غەربىي يۇرتتىكى داڭلىق تەرجىمە ئۇستازى كۇماراجىۋانىڭ ھەيكىلى تىكلەندى. كۇماراجىۋانىڭ ھەيكىلى مىستىن ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر، ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدۇ.
كۇماراجىۋا (مىلادىيە 344-413-يىللار) كۈسەندە تۇغۇلغان (بۈگۈنكى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئەتراپى) بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ھىندىستاندىن كەلگەن، ئىسمى كۇماراتان، ئاپىسى جىۋا بولۇپ كۈسەن پادىشاھىنىڭ سىڭلىسى ئىدى. كۇماراجىۋا سەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى ئوقۇمۇشلۇق زات ۋە راھىب، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ بۇددا دىنى تارىخىدىكى داڭلىق تەرجىمەشۇناس. ئۇ يەتتە ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، كۈسەندىكى خانلىق ئىبادەتخانىدا راھىب بولۇپ، مەشھۇر بۇددىست بوتۇشىما ئاقارىدىن تەلىم ئېلىپ، بۇددا ئىلمىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ مىليون خەتلىك مۇناخاننى سۇدەك يادلاپ باشقىلار تەرىپىدىن ‹‹كارامەت تالانت ئىگىسى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان. كۇماراجىۋا توققۇز ياشقا كىرگەندە ئانىسىغا ئەگىشىپ كەشمىرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. كەشمىر خانى كۇماراجىۋانىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قول ئاستىدىكى راھىبى بىلەن بۇددا ئىلمى ھەققىدە مۇنازىرىلەشتۈرگەندە كۇماراجىۋا ھېلىقى راھىبنى يېڭىۋېلىپ، ئوردا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان. كۇماراجىۋا كەشمىردە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى تەمىنات ۋە ئالىي ئىمتىيازلارنى رەت قىلىپ ئانا يۇرتى كۈسەنگە قايتىپ كېلىشكە ئاتلانغان. مىلادىيە 356-يىلى كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا بىلەن كەشمىردىن كۈسەنگە قايتىش سەپىرىدە قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، بۇددا دىنى، ھىندىستاننىڭ دىن، پەلسەپە، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىق، تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگەن. كۈسەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۈسەن خانى كۇماراجىۋا ئۈچۈن مەخسۇس ئالتۇن بۇتلۇق تەخت ياسىتىپ، ئۇنى كىمخاپلار بىلەن بېزەپ، ئۆزى ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ، كۇماراجىۋانى ئۆزىنىڭ دۈمبىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ تەختكە چىقىپ، بۇددا نوم سۇترىلىرىنى مۇتالىئە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. مىلادىيە 381-يىلى كۇماراجىۋا چاڭئەنگە بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، تەرجىمە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. قىسقىغىنا 12 يىل داۋامىدا ئۇ ‹‹ئامىتابا سۇترىسى›› قاتارلىق 74 قىسىم 384 جىلدتىن ئارتۇق بۇددا نوم-سۇترىلىرىنى تەرجىمە قىلغان ھەمدە چوڭقۇر مەلۇماتلىق بىر مۇنچە خەنزۇ راھىبلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. كۇماراجىۋا مىلادىيە 413-يىلى 20-ئاۋغۇست 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ جەسەت كۈلى ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چاڭئەندىكى ساۋياۋ باغچىسىغا قويۇلغان. پادىشاھ باشلىق ئوردا ئەمەلدارلىرى، چەت ئەل ئەلچىلىرى ۋە كۇماراجىۋانىڭ شاگىرتلىرى كاتتا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىپ قويغان. كۇماراجىۋانىڭ ئىبادەتخانىسى ھازىرمۇ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي شەھىرىدىكى شىمالىي چوڭ كوچىدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
كۇماراجىۋا ئېلىمىزنىڭ بۇددا دىنى ئىدىيەسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ياراتقان تۆھپىسى بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي نەتىجىلىرىنى بېيتتى. ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ بۇددا ئىلمىي تەلىماتى ۋە بۇددا دىنىي تەرجىمە ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.(تامام)