ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
كۇچا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قەدىمىي كان خارابىلىقلىرى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:958  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    قەدىمىي زاماندىكى كۇچا بوستانلىقى ۋە باي ئويمانلىقىنىڭ كان بايلىقلىرى ناھايىتى مول بولۇپ، غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ كېچىككەندىمۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە كۈسەن رايۇنىنىڭ قۇيمىچىلىق كەسپى غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكتە نام چىقارغان. ‹‹خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە: كۈسەنلىكلەر قۇيمىچىلىق قىلالايدۇ دەپ خاتىرىلەنگەن. ‹‹ۋېينامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە: كۈسەندىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن.......تۇز، سېرىق مەرگىمۇش چىقىدۇ، دەپ خاتىرلەنگەن. گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۈسەن چېگرىسى ئىچىدە مول ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، سىنىك، قوغۇشۇن، ناترىي بۇلات كىرىستالى، كۆمۈر ۋە نېفىت قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    كۈسەن رايونىنىڭ بىرونزا دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت خارابىلىقلىرى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بايقالغان بولۇپ، كۈسەن بەگلىكى دائىرىسىدىكى بۈگۈنكى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە جەمئىي 36 ئورۇندا كان خارابىسى بارلىقى، بۇنىڭدىن 13 ئورۇندا تۆمۈر قېزىش تاۋلاش خارابىسى، 21 ئورۇندا مىس تاۋلاش خارابىسى، بىر ئورۇندا مىس ۋە تۆمۈر ئېرىتىش خارابىسى، بىر ئورۇندا نېفىت كان خارابىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.

    مەن تۆۋەندە كۇچا ناھىيە دائىرىسىدىكى كان خارابىلىقلىرىنى تونۇشتۇرىمەن.

    1. كېۋىند كەنتى مىس خارابىسى

    بۇ خارابىلىق كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسى تەۋەسىدىكى كۇچا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان كېۋىند كەنتى ئاھالىلار رايونىدا بولۇپ، بۇ يەردىكى تۆت ئورۇندىكى خارابىلىق ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان. بۇ يەردە مىس داشقاللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەر ساپ مىس تاۋلاش خارابىسى ھېسابلىنىدۇ.

    2. بېدىلىك تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى

    بېدىلىك تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شىمالىدىن قىيپاش سەرقىگە 18.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كۇچا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ سەرقىي تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ خارابىلىق ساپ تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى بولۇپ، ئېھتىياجلىق رودىلار دەريانىڭ سەرقىي قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر كاندىن كەلتۈرۈلگەن، تۈز لىنىيە بويىچە بىر كىلومېتىر كېلىدۇ. داشقاللار ئانچە چوڭ ئەمەس، كۆپىنچىسى قارا ياكى قارامتۇل يېشىل رەڭلىك ئەينەك ھالىتىدە تۇرغان. 2009-يىلى ئىيۇلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كۇچا ئوقۇربۇلاق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئارخېئولوگىيەلەك قېزىش داۋامىدا، بېدىلىك كەنتىدىن بىر تۈركۈم تاش دۆۋىلەكلىك قەبرە ۋە خارابىلىقىنى بايقىغان. قېزىۋېلىنغان بۇيۇملارغا ئاساسەن، بۇ رايوننىڭ بىرونزا دەۋرىدە تاۋلاش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئىسپاتلاندى.

    3. قىزىليار مىس تاۋلاش خارابىسى

    قىزىليار مىس تاۋلاش خارابىسى كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ غەربىي قىسمىغا توغرا كىلىدۇ. خارابىلىقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، داشقاللارنىڭ ئەڭ قېلىنلىرى ئۈچ مېتىر كىلىدۇ. ئىزىلگەن مىس پارچىسى، رودا، ئېرىتكۈچى ماددا، ساپال پارچىلىرى، ئات تاقىسى شەكىللىك تۈگمەن تېشى قاتارلىق بۇيۇملار قېزىۋېلىنغان. قېزىۋېلىنغان بۇيۇملاردىن قىزىليار مىس تاۋلاش خارابىسى دەۋرى يۇقىرى چېكىنىڭ تەخمىنەن باي ناھىيە قىزىل سۇ ئامبىرىدىكى قەبرىلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000 يىلنىڭ ئالدى-كەينىگە، تۆۋەن چېكىنىڭ مىلادىيە 4-، 5-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىشى مۇمكىن، دەپ بېكىتكەن.

    4. ئاغى كەنت تۆمۈر ئېرىتىش خارابىسى

    ئاغى كەنت تۆمۈر ئېرىتىش خارابىسى كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى ئاغى كەنتىنىڭ شەرق ۋە غەرپ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، كەنتنىڭ سەرقىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتىن غەربكە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى نومۇرلۇق خارابىلىق دەپ بېكىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى نومۇرلۇق خارابىلىقنىڭ سەرقىي ئۇچى ئىككىنچى نومۇرلۇق خارابىلىقنىڭ غەربىي تەرىپىگە تەخمىنەن 400 مېتىر كېلىدۇ، بۇ تۆت ئورۇندىكى خارابىلىق ئىچىدە ئەڭ چوڭ خارابىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى داشقال دۆۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرغا يېقىن سۇزۇلغان، كەڭلىكى 50 مېتىردىن 200 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ قېلىن جايلىرى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ. تۆتىنچى نومۇرلۇق خارابىلىق ئاغى كەنتىنىڭ غەربىي ئۇچىغا، كۇچا دەرياسى بىلەن تاغ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئويمانلىققا، داشقال دۆۋىسىدىن تاش تۈگمەن تېشى، تاش بولقا ۋە كۈلرەڭ ساپال بۇيۇملىرىنىڭ پارچىلىرى بايقالغان. تاش بولقىنىڭ شەكلى نىلقا ناھىيەسىدىكى نۇرساي مىس كېنىدىن قېزىۋېلىنغان تاش بولقىغا ئوخشايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر تۆتىنچى نومۇرلۇق تۆمۈر ئېرىتىش خارابىسىنىڭ يىل دەۋرىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ بېكىتتى.

    5. ئاغى قەدىمىي شەھىرى تۆمۈر ئېرىتىش خارابىسى

    ئاغى قەدىمىي شەھىرى تۆمۈر ئېرىتىش خارابىسى كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، كۇچا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەمپەيگە جايلاشقان. قەدىمىي شەھەر تۆت چاسا شەكىللىك بولۇپ، سەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 124 مېتىر، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 114 مېتىر كېلىدۇ، شەھەرنىڭ سەرقى ۋە شىمالىي قىسمىدا تۆمۈر داشقىلىنىڭ دۆۋىسى بار. شەھەر ئىچى تېرىلغۇ ئېتىزغا ئايلانغان بولۇپ، داشقال ۋە ئاز مىقداردىكى ساپال پارچىلىرى ئۇچرايدۇ. خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى بۇ شەھەرنى تاڭ دەۋرىدە بىنا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ بېكىتكەن. شەھەر ئىچىنىڭ يەر ئاستىغا تەخمىنەن بىر مېتىر كېلىدىغان مەدەنىيەت قاتلىمىنى كاربون 14 تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۆلچەپ، يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيە 650-، 720-يىللار ئارلىقىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى يەر يۈزىدىن بىر دانە تاش پالتا تېپىلغان .

    6. كۆكساي تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى

    كۆكساي تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، سۇبويى كەنتىنىڭ غەربىي تەرىپىگە تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا، كۇچا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك پەلەمپەي يەرگە جايلاشقان. غەربىي شىمالىنىڭ ئاغى قەدىمىي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. خارابىلىقنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 65 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ داشقال دۆۋىسى بار. داشقال دۆۋىسىدىن ساپال پارچىلىرى، تاش تۈگمەن تېشىنىڭ پارچىلىرى تېپىلغان. جەنۇبىي تەرىپى 1958-يىلدىكى پولات تاۋلاش مەزگىلىدە قېپ قالغان داشقال، ئوچاق، ئۆڭكۈر ئۆي بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن.

    7. سۇبويى تاۋلاش خارابىسى

    سۇبويى تاۋلاش خارابىسى كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، سۇبويى كەنتىنىڭ شىمالىدىكى كۇچا دەرياسىنىڭ پەلەمپەيلىك يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، غەربىي تەرىپى كۆكساي تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى بىلەن قوشنا، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوخشاش بىر خارابىلىق ھېسابلىنىدۇ. خارابىلىقنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ كۇۋادراتمېتىر بولۇپ، داشقال دۆۋىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. داشقال دۆۋىسى كۆكساي خارابىسى بىلەن ئوخشاش، ئەمما بىر قىسىم داشقاللارنىڭ تەركىبىدە يېشىل رەڭلىك مىس دېتى بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇ خارابىلىقنىڭ تۆمۈر تاۋلاشتىن باشقا يەنە مىس تاۋلايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىن تېپىلغان ساپال بۇيۇمىنىڭ شەكلى كۆكساي خارابىسىدىكى ساپال بۇيۇمىنىڭ شەكلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

    8. تاڭ ۋاڭچېڭ شەھىرى پۇل قۇيۇش خارابىسى

    تاڭ ۋاڭچېڭ شەھىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدىغان ساۋخو رايونىغا، تارىم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەخمىنەن 15 كىلومېتىر سەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي دەريانىڭ بويىدا بىر چاسا شەھەر ۋە بىر يۇمىلاق شەھەر بار. چاسا شەھەر تىك تۆت تەرەپ شەكلىدە بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئوزۇنلۇقى تەخمىنەن 154 مېتىر، ئايلانما ئوزۇنلۇقى تەخمىنەن 808 مېتىر، تۆت بۇلۇڭىدا كۆزىتىش راۋىقى بار. توپا قۇرۇلمىلىق يۇمىلاق شەھەرنىڭ شەھەر سېپىلى شور تۇپراق بىلەن بىرلىشىپ كېتەي دەپ قالغان بولۇپ، پەقەت غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. 1957-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى›› قىلىپ بېكىتىلگەن.

    قەدىمىي شەھەرنىڭ سەرقىي شىمالىغا 100 نەچچە مېتىر كېلىدىغان جايدا جەنۇبتىن شىمالغا سۇزۇلغان چوڭ دۆڭلۈك بولۇپ، ئۈستىدە ئىمارەتنىڭ ئىزنالىرى بار. دۆڭدىن كۈسەن بەگلىكىنىڭ نۇرغۇن كىچىك مىس پۇل قېلىپلىرى تېپىلغان. ئەڭ شىمالىي ئۇچىدىكى دۆڭنىڭ سەرقىدە بىر خۇمدان خارابىسى بار بولۇپ گۈمۈرۈلۈپ كەتكەن، كۆيدۈرۈلگەن قىزىل توپا دۆۋىسى بولۇپ ئىچىدىن داشقال، ياغاچ كۆمۈر ۋە پۇل قېلىپلىرى چىققان. ھازىر بۇ خارابىلىق پۇل قۇيۇش خارابىلىقى دەپ قارالماقتا. بۇ قەدىمىي خۇمداننى ئارخېئولوگلار ساپال بۇيۇملار خارابىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھۆكۈم قىلغان. 2011-يىلى نويابىردا كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى كۇچا ناھىيەسىدىكى تاڭ ۋاڭچېڭ شەھىرىنى تەكشۈرگەندە، بىر قەدىمىي خۇمدان خارابىسىدىن كۈسەن بەگلىكىنىڭ بىر دانە مىس پۇلىنى بايقىغان. قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىچى-سىرتىدىن ساپال بۇيۇملار، تاش ئەسۋاب، مىس، ياغاچ بۇيۇملار، سىر، مىس پۇل، پۇل قۇيىدىغان قېلىپ قاتارلىق بۇيۇملار تېپىلغان، بولۇپمۇ خارابىدىن تېپىلغان قاپارتما نەقىشلىك تۈۋرۈك بېزىكى، تاڭ دەۋرىدىكى كەييۈەن توڭباۋ، چيەنيۈەن جۇڭباۋ، دالى يۈەنباۋ، كۈسەن بەگلىكىنىڭ مىس پۇل قېلىپى ۋە 60 دانە كۈسەن مىس پۇلى قاتارلىقلار بار.(تامام)

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_815.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号