ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
كۇچا سەنىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ بىرى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:796  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

   كۇچا قەدىمىي مەدەنىيەتلىك يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ زېمىنى 15 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان گۈزەل ماكان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 460 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن سەككىز بازار، ئالتە يېزا ، تۆت ئىش بېجىرىش ئورنى، بەش مەيداندىن تەركىب تاپقان. كۇچا قەدىمدىن تارتىپلا ئېلىمىزدىكى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. سەنئەت سۆيەر كۇچا خەلقى ئۇزۇن دەۋرلەردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت–سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كەلگەن، شۇنداقلا كۇچاغا خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ناخشا–ئۇسسۇل، مۇزىكىلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. كۇچا خەلقى ئەزەلدىنلا ناخشا–ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن خەلق بولۇپ، ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن مول مەدەنىيەت–سەنئەت مىراسلىرى ئەل ئىچىدە ساقلانماقتا. چىنە-تەخسە ئۇسسۇلى بولسا مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرىدۇر.

    يۇرتىمىز كۇچا قەدىمدە كۈسەن دەپ ئاتىلىپ، قەدىمىي غەربىي دىياردىكى 36 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ھېسابلىندۇ. مىلادىيە 4-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ ‹‹ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى›› دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن. قىزىل مىڭئۆينىڭ 38-غارىدىكى تاش تاملارغا سىزىلغان ‹‹ئەرش ئوردىسىدىكى سازەندىلەر›› ناملىق رەسىمدە گۈل تەخسىلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈرىتى دىققىتىمىزنى تارتماي قالمايدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە دەل ئاشۇ تام سۈرەتلىرىدىكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى كېيىنچە، بۈگۈنكى چىنە–تەخسە ئۇسسۇلىغا تەرەققىي قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن قارىغاندا چىنە–تەخسە ئۇسسۇلىنىڭ تارىخى 2000 يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۇ ئۇسسۇل تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇسسۇل جەھەتتىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان.

    چىنە-تەخسە ئۇسسۇلى ئەزەلدىن بەزمە-مەشرەپ سورۇنلىرىدا ئوينىلىپ كەلگەن بولۇپ، 20-ئەسىرگە كەلگەندە كونا شەھەر جىگدە كوچىسدا ئولتۇرۇشلۇق خەلچىخان ( چاققان ) چىنە-تەخسە ئۇسسۇلىنى ماھىرلىق ئويناپ ئەل ئىچىدە تونۇلۇپ ئۇسسۇل پېشىۋاسىغا ئايلانغان.

    1943-يىلى ئۇيغۇر ئۇسسۇل پېشىۋاسى قەمبەرخانىم كۇچاغا كەلگەندە بۇ ئۇسسۇلنى كۆرۈپ، خەلچىخاندىن مەخسۇس ئىككى نۆۋەت كېلىپ، بۇ ئۇسسۇلنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئەسلىدىكى شىرەگە چىقىپ ئوينايدىغان ئۇسسۇل شەكلىنى سەھنىگە ماسلاشتۇرۇپ شىرە ئۈستىگە چىقمايدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا نەپس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1951-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم سەھنىگە ئېلىپ چىققان، شۇنداقلا كەڭ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن قەمبەرخانىمدىن خەلچەم سىدىق، رەيھان ئابلىز، دىلنار ئابدۇللا قاتارلىقلار ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتنىشىپ ناھايىتى يۇقىرى شان– شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

    ھازىر كۇچادا نۇرخان، زورەم ھوشۇر، زىباگۈل مەخمۇت، مايمۇنەم جۈمە قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس چىرايلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى چىنە-تەخسە ئۇسسۇلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلماقتا.

    بۇ ئۇسسۇلدا ئۇسسۇلچىلار سول قولىغا بىر جۈپ تەخسە ئۇنىڭ ئۈستىدە يەتتە پىيالە دەستىلەنگەن ھالەتتە ئالقىنىغا ئېلىنغان شەكىلدە، يەنە بىر قولى بىلەن كۆڭلەكنىڭ ئېتىكىنى مۈرىدىن شۇنچىكى پەس ھالەتتە كۆتۈرىدۇ، شۇنداقلا خۇددى قانات قېقىپ ئۇچۇشقا تەمشىلىۋاتقان قۇشلاردەك سالماق قەدەم بىلەن سەھنىنىڭ بىر تەرىپىدىن چىقىپ سەھنىدىكى سازەندىلەرگە ۋە تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلەن تازىم بەجا كەلتۈرىدۇ ۋە تازىمدىن كېيىن ئالقان ئۈستىدىكى يەتتە تال پىيالىنى تاماشىبىنلارغا چايغا تەكلىپ قىلغان ھالەتتە بىر-بىرلەپ سۇنۇپ بېشىغا ئالىدۇ. بېشىغا پىيالىنى تىزىپ بولغاندىن كېيىن ئالقان ئۈستىدىكى ئىككى تەخسىنى ئىككى قولىغا ئېلىپ تۆمۈر ئويماق بىلەن تەخسىنى چېكىپ مۇزىكىغا جۆر بولىدۇ. ئاندىن ئالماش قول، يېرىم باراڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا كېلىپ يەنە چۆرگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قەدىمىنى يەنىمۇ چوڭ ۋە شوخ ئېلىپ ئىككى قولىدىكى تەخسىنى ئوينىتىپ سەھنىنى پۈتۈن چۆرگىلەپ چىقىدۇ. چۆرگىلەشتە ناھايىتى سىلىق–سىپايە، نەپىس ئويناپ چىنىدىكى سۇنىڭ تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكىگە ھۇشيارلىق ۋە ماھىرلىق بىلەن دىققەت قىلىدۇ. مۇزىكا ئۇدارىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ ئوڭ-سولغا جىلۋە قىلىپ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن تاماشىبىنلارغا ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلماقچى بولىدۇ. ئۇسسۇل ئاخىرلىشاي دېگەندە ئۇسسۇلچى بېشىدىكى پىيالىنى ئېلىپ بېغىچى بىلەن ئوينىتىپ قولىغا ئالىدۇ ۋە ئاخىرقى پىيالىنىڭ سۈيىنى چۆرگىلىتىپ ئالدىدىكى تۆت پىيالىگە قۇيۇپ ئۆزىنىڭ چىۋەر، چاققانلىقىنى نامايىس قىلىدۇ ھەم لېۋەن ئۇسسۇل ھەرىكىتى بىلەن تازىم بەجا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇلىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

    نۆۋەتتە بۇ ئۇسسۇلنى ئۈگەنگۈچىلەر بار بولسىمۇ، مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرگەنلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. ھازىر ناھىيەمىزدە چىنە -تەخسە ئۇسسۇلىنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش، كېڭەيتىش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا چىنە– تەخسە ئۇسسۇلىنى بىلىدىغان ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۆگەنگۈچىلەرگە يار يۆلەك بولۇش، مەدەت بېرىش خاراكتېرىدىكى چارە–تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ كۇچا سەنىمىدىن ئىبارەت سەنئەت بېغىدىكى بىباھا گۆھەرنى قوغداپ كەڭ ئاممىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىلى بولاتتى.

    كۇچا سەنىمى كۇچا ناھىيەسىنىڭ كۇچا بازىرى، ئوچا بازىرى، ئىشخىلا بازىرى، چىمەن بازىرى، دۆڭقوتان بازىرى، ئۇزۇن بازىرى قاتارلىق يېزا بازارلىرىغا كەڭ تارقالغان.

    يۇرتىمىز قەدىمدىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىيە 4-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا كۈسەن ناخشا-ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ تەپسىلاتلار خەننامە، تاڭنامە قاتارلىق خەنزۇ تارىخنامىلىرىدە ۋە ئىمىن ئابباسىنىڭ ‹‹ئالتۇن بۆشۈك ماكان ـــ كۇچا›› ناملىق كىتابىدا ئېنىق خاتىرىلەنگەن. كۇچا ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇللىرى ئىچىدە بىزگە يېتىپ كەلگەن ‹‹چىنە-تەخسە ئۇسسۇلى›› ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇسسۇلنىڭ شەكلى قىزىل مىڭئۆينىڭ 38–غارى ئالدىنقى ئۆيىنىڭئىككى تەرىپىدە‹‹ئەرش ئوردىسىدىكى سازەندىلەرنىڭ رەسىمى بار بولۇپ، بۇ رەسىمدە ئۇسسۇلچى قىز-ئاياللارنىڭ بەزىلىرى مارجان ۋە رەڭلىك لېنتىلارنى ئېسىۋېلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، بەزىلىرى گۈل تەخسىلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان ، يەنە بەزىلىرى رېتىمغا كەلتۈرۈپ چاۋاك چېلىشقان قىياپەتتە سىزىلغان بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ روھى ھالىتى ئەينەن ، تىرىك ھالەتتىكىدەك تەسۋىرلەنگەن. بىز بۇنىڭدىن چىنە–تەخسە ئۇسسۇلىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز. ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۇ ئۇسسۇل تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۆرپ–ئادەت، ئەدەپ–ئەخلاقلىرىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان.

    بۇ ئۇسسۇلدا ئۇيغۇر قىز–ئاياللىرى ئەمگەكچان خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى چاڭقاقلىقىنى قاندۇرۇش ئىستىكىنى ئۆزىنىڭ نەپىس، يېقىملىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق نامايەن قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇسسۇلدا ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ گۈزەل نازاكىتى، ئىللىق چىراي، چېچەن، مېھماندوست خاراكتېرى، سەنئەتسۆيەر روھى، ئەخلاق-پەزىلىتىنى نامايەن قىلغان.

    بۇ ئۇسسۇل سىلىق–سىپايە، لەرزان ئوينىلىپ، ئۇسسۇلچى سول قول ئالقىنىغا بىر جۈپ تەخسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەستىلەنگەن يەتتە دانە پىيالە ئېلىنغان ھالەتتە يەنە بىر قولى بىلەن كۆڭلكىنىڭ ئېتىكىنى مۈرىدىن شۇنچىكى پەس كۆتۈرۈپ ئېھىتىرام بىلەن سەھنىنىڭ بىر تەرىپىدىن چىقىپ سازەندىلەرگە ۋە تاماشىبىنلارغا تازىم بەجا كەلتۈرىدۇ ۋە ئالقىنى ئۈستىدىكى يەتتە تال پىيالىنى بىر-بىرلەپ تاماشىبىنلارغا چايغا تەكلىپ قىلغان ھالەتتە سۇنۇپ بېشىغا ئالىدۇ. بېشىغا پىيالىنى تىزىپ بولغاندىن كېيىن ئالقىنى ئۈستىدىكى ئىككى تەخسىنى ئىككى قولىغا ئېلىپ تۆمۈر ئويماق بىلەن تەخسىنى چېكىپ مۇزىكىغا جۆر بولىدۇ. ئاندىن ئالماش قول، يېرىم باراڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا كېلىپ قەدىمىنى يەنىمۇ چوڭ ۋە شوخ ئېلىپ ئىككى قولىدىكى تەخسىنى ئوينىتىپ سەھنىنى پۈتۈن چۆرگىلەپ چىقىدۇ. چۆرگىلەشتە ناھايىتى سىيلىق–سىپايە، نەپىس ئويناپ چىنىدىكى سۇنىڭ تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكىگە ھۇشيارلىق ۋە ماھىرلىق بىلەن دىققەت قىلىدۇ. مۇزىكا ئۇدارىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ ئوڭ-سولغا جىلۋە قىلىپ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن تاماشىبىلارغا ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇسسۇلچى بېشىدىكى پىيالىنى قۇلىدىكى تەخسە ئۈستىگە بىر–بىرلەپ ئېلىپ ئاخىرقى پىيالىنى ئوڭ قولى بېغىشىنى ئوينىتىپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، پىيالىنى چۆرگىلىتىپ سۈيىنى ئالدىدىكى ئالتە پىيالىگە قۇيۇپ ئۆزىنىڭ چىۋەر، چاققانلىقىنى نامايىس قىلىدۇ ھەم لېۋەن ئۇسسۇل ھەرىكتى بىلەن تازىم بەجا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇلىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

    قىزىل مىڭئۆينىڭ 38–غارىنىڭ ئالدىنقى ئۆيىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملارغا سىزىلغان ‹‹ئەرش ئوردىسىدىكى سازەندىلەر›› رەسىمىدىكى گۈل تەخسىلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان سۈرەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۈگۈنكى چىنە–تەخسە ئۇسسۇلى ئاشۇ ئۇسسۇللاردىن تەرەققىي قىلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا چىنە–تەخسە ئۇسسۇلىنىڭ تارىخى 2000 يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۇ ئۇسسۇل تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ئۇسسۇل جەھەتتىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان.

    چىنە-تەخسە ئۇسسۇلى ئەزەلدىن بەزمە-مەشرەپ سورۇنلىرىدا كۇچا خەلق ئاھاڭلىرىغا ئويلىنىپ كەلگەن بولۇپ، 20–ئەسىرگە كەلگەندە، كوناشەھەر جىگدە كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق خەلچىخان (چاققان) چىنە-تەخسە ئۇسسۇلىنى ماھىرلىق ئويناپ ئەل ئىچىدە تونۇلۇپ ئۇسسۇل پېشىۋاسىغا ئايلانغان.

    1943–يىلى ئۇسسۇل پىشىۋاسى قەمبەرخانىم كۇچاغا كەلگەندە بۇ ئۇسسۇلنى كۆرۈپ، خەلچىخاندىن بۇ ئۇسسۇلنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئەسلىدىكى جوزىغا چىقىپ ئوينايدىغان ئۇسسۇل شەكلىنى سەھنىگە ماسلاشتۇرۇپ جوزا ئۈستىگە چىقمايدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1951–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم سەھنىگە ئېلىپ چىققان، شۇنداقلا كەڭ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كىيىن قەمبەرخانىمدىن خەلچەم سىدىق، رەيھان ئابلىز، دىلنار ئابدۇللا قاتارلىقلار ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، ناھايىتى يۇقىرى شان–شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

    ھازىر كۇچادا نۇخان، زورەم ھوشۇر، مەيمۇنەم جۈمە، زىباگۈل مەخمۇت، زۆھرە مىجىت قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس چىرايلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلماقتا. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەت جەھەتتىكى سەلىبىي تەسىرلەر تۈپەيلىدىن چىنە–تەخسە ئۇسسۇلىغا ئوخشاش قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى بولغان ئۇسسۇللارغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار كېمىيىپ كەتتى.شۇڭا كۇچا سەنىمىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، تەتقىق قىلىش تولىمۇ زۆرۈر.(تامام)

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_814.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号