ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
توقسۇدىكى تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:232  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

   توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، دۆلەت يولى 314-لىنيەسىنى بويلاپ، غەربكە قاراپ 40 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن شىمالغا بۇرۇلۇپ ئازراق ماڭساق چۆلتاغ باغرىغا يېتىپ بارىمىز، چۆلتاغنىڭ باغرىدا تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بار. بۇ خارابىلىق تاڭ دەۋرىگە ئائىت خارابىلىق بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ تەكشىلىكتىكى يۈزى تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، جەنۇبىي بىلەن شىمالىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 45 مېتىر، سەرقىي بىلەن غەربىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 40 مېتىر، ئىگىلىگەن كۆلىمى 1800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ قالدۇقىنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانا ئىچىدە ئىككى ئورۇندا ساقلىنىپ قالغان ئۆي خارابىسى بولۇپ كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.2 مېتىر، كەڭلىكى 4.5 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېلىدۇ، يەنە بىر ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر، كەڭلىكى 4.6 مېتىر، قالدۇقىنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېلىدۇ، ئىشىكنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغ باغرىغا بىر قانچە مىڭئۆي قېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مىڭئۆيدە تام سىزمىلىرى ساقلىنىپ قالغان. بۇ مىڭئۆيلەردىكى تام سىزمىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، قەدىمىي ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى مىڭئۆيلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم.

    1927-يىلى تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن بايقىغان فىرانسىيەلىك ئارخېئولوگ پائۇل . پېللىيوت ياۋروپادىن يولغا چىقىپ يول بويى ‹‹بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى›› ناملىق كىتاۈنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەتكە سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنى تاپقان. 1928-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگى خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئوندىن ئارتۇق مىڭئۆينىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇ تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى قېزىپ، بۇتنىڭ ساپالدىن ياسالغان قولى، شەكلى خىشقا ئوخشايدىغان يەرگە ياتقۇزۇلغان نەرسىلەرنى قېزىۋالغان. بۇ خارابىلىقتىن يەنە ساپال قېلىپ، كۆيگەن خىشقا ئوخشايدىغان نەرسە، كۆك قارا قاداق، بېشى ئۇچلۇق ياغاشچىلىق سايمىنى، ئىدىش، تۆمۈر ئوقيا بېشى، تۆمۈر ئوق، تۆمۈر شارىق، ساپال پارچىلىرى تېپىلغان. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ پىڭ قاتارلىقلار تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل تۇرغانلىقىنى، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ-سول تەرەپتىكى يولى ۋە ئارقا ھۇجرىسىنى ئېنىق كۆرگەن. تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ غەرب تەرىپىگە 20 نەچچە مېتىر كېلىدىغان جايدا ئەتراپىغا سېپىل تام سوقۇلغان بىر قەدىمىي قۇدۇق بايقالغان بولۇپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا بىر قەدىمىي ياغاچ شوتا قويۇپ قويۇلغان، بۇ تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلار سۇ ئىچكەن قۇدۇق بولۇشى مۇمكىن. 1988-يىلى تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى تەكشۈرگەندە بۇددا مىڭئۆيلىرى ساقلىنىپ قالغان، تاغنىڭ ئالدىدىكى بۇ خارابىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇ يەردىن قىزىل رەڭلىك ساپال پارچىسى تېپىلغان، بۇتخانا خارابىسىنىڭ ئالدىدىكى توشقان بۇلاقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. تاڭ دەۋرىنىڭ شائىرى سېن سەن بۈگۈردىن ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىسىمىنىڭ تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىگە مېڭىش سەپىرىدە تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى ئۆتىڭىدە قونالغۇدا بولغان دېگەن رىۋايەت بار. تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ كەينىدىكى چۆلتاغدا بايقالغان سەككىز مىڭئۆينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ مىڭئۆيلەر تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان.

    2005-يىلى جاڭ پىڭ قاتارلىقلار تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ سەرقىدىكى يېرىم ئۆڭكۈر ئۆي شەكلىدىكى راھىبلار ھۇجرىسىنى تەكشۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان ساپال بۇيۇم قاتارلىقلارنى بايقىغان. جاڭ پىڭ: ‹‹تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ياسالغان ۋاقتى تەخمىنەن ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرى تازا گۈللەنگەن مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ››، دەپ بېكىتتى.(تامام)

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_813.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号