ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
كۇچا ناھىيە ئاغى مىڭئۆيى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:579  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

   كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاغى يېزىسى تەۋەلىكىدىكى قىزىليار جىلغىسىدا ئاغى مىڭئۆيى بار بولۇپ، بۇ مىڭئۆينى 1999-يىلى ئاپرېلدا كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسىدىكى ئابلەت مۇھەممەد ئىسىملىك بىر دېھقان بايقىغان. بۇ مىڭئۆي ئاغى يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئاغى مىڭئۆيى دەپ ئاتالغان.

    ئاغى مىڭئۆيىدە پەقەت بىرلا مىڭئۆي بايقالغان بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 30 نەچچە مېتىر كېلىدىغان قىيا ئۈستىگە جايلاشقان. مىڭئۆينىڭ ئىچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.6 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تۆت چاسا شەكىللىك بىر سۇپا بار، سۇپىنىڭ ئۈستىگە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان كەمتۈك بىر بۇدساتىۋا قۇيۇلغان. مىڭئۆينىڭ تاملىرىدا نۇرغۇن تام سىزمىلىرى بار بولۇپ، تام سىزمىسىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 10 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. 1999-يىل ئۆكتەبىردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق كۈسەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاغى مىڭئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسى، بەدىئىي ئۇسلۇبى، تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى، رەسساملىق تېخنىكىسى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى. ئۇلار ئاغى مىڭئۆنىڭ تېمىدا 26 ئورۇندا خەنزۇچە ۋە كۈسەن يېزىقىدىكى بېغىشلىمىلار بار بولۇپ، ئۇنىڭدا جاۋ، لى، لياڭ، كو قاتارلىق خەنزۇچە فامىلىلەر ۋە پېي (سۇلى)، بەي (كۈسەن) فامىلىلىرى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ فامىلىلىرى بارلىقىنى بايقىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كۈسەن رايونىنىڭ سىياسى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

    مىڭئۆينىڭ سول تېمىغا سىزىلغان تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئولتۇرغان بۇدساتىۋا، دورىگەر بۇدساتىۋا قاتارلىق ئالتە بۇدساتىۋاغا، ئوڭ تامغا سىزىلغان تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئولتۇرغان بۇدساتىۋا، ئاۋالۇكىتا ئىشۋارا بۇدساتىۋا قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئاغى مىڭئۆيىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە سەنئەت ئۇسلۇبىغا ئاساسەن، ئاغى مىڭئۆيى تاڭ سۇلالىسى شەنچېڭنىڭ 3-يىلى (مىلادىيە 658-يىل) ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى كۈسەنگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن تەخمىنەن مىلادىيە 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان تارىخي دەۋردە ياسالغان دەپ بېكىتتى. ئاغى مىڭئۆيىنىڭ تۆت ئەتراپىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆمۈر ئېرىتىش، مىس تاۋلاش خارابىلىقلىرى بار. شىنجاڭ كۈسەن مىڭئۆيى تەتقىقات ئاكادېمىيەسدىكى مۇتەخەسسىسلەر تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن كۈسەننىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ناھايىتى قويۇق ئىكەنلىكىنىڭ تارىخىي ئىسپاتى بولغان ئاغى مىڭئۆينىڭ ئىلمىي تەتقىقات قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى دەپ ھېسابلىدى.

    ئاغى مىڭئۆيى 2006-يىلى 25-ماي گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ ئېلان قىلىنغان.

(تامام)

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_812.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号