ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

كۇچا ناھىيەسىدىكى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى خامان تاغ چوققىسى شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىرلىق تاشلارنىڭ شەكلىنىڭ غەيرىلىكى بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
جىلغىنىڭ ئىچىدە بىر قەدىمكى يول بولۇپ، بۇرۇن بۇ يول ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن كۇچا ناھىيەسى ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، ھەتتا خوتەنگە بارىدىغان سودا كارۋانلىرىنىڭ يولى بولۇپ كەلگەن سودا كارىدورى. ئۇ ئەينى زاماندا كارۋانلار ئاتقا ياغ قاچىلانغان كۈپنى ئارتىپ بۇ يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يول ياغ توشۇيدىغان ئاتلىق كارۋانلار يولى، دەپ ئاتالغان. تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا شالدىراڭ ئېقىن قەدىمكى قەلئە قۇمتۇر مىڭئۆيى، قىزىل قاغا تۇرى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە سىم-سىم مىڭ ئۆيى قاتارلىق خارابىلىكلەر تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى بىلەن بىر يۈرۈش خارابىلىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىغا ئىچكىرىلەپ ئىككى كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئېگىز تاغنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا قەدىمكى بۇددا ھەيكەللىرى ساقلانغان ئۆڭكۈر كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ يەردىكى ئۆڭكۈر ئەينى ۋاقىتتا غەربلىكلەر قەدىمىي بۇددا ھەيكەللەرنى بۇ ئۆڭكۈرگە يۇشۇرۇپ قويغان.
شۇنىڭدىن بىرى بۇ ئۆڭكۈر كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقماي كەلگەن. بۇ يەردىكى تاغلار ئۇزۇن يىللىق بىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن تاشلار يىمىرىلىش جەريانىدا بۇ جىلغا ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى. مانا بۇ كۇچانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سودا ساياھەت جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.(تامام)