ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
راۋاق بۇددا ئىبادەتخانىسى ـــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمال رايونىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 2250 كىۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ . مۇنارلىق ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشنىڭ قالدۇقى تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئىبادەتخانا تېمى خام خىش بىلەن قوپۇرۇلغان. مۇنارنىڭ سىرتىدىكى چاسا شەكىللىك ئايلانما قورۇق تامنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 45.5 جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 49.4 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر، تامنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن بىر مېتىر. جەنۇبىي تامدا ئىشىك بار. قالدۇق ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر كېلىدۇ. تۆت پەلەمپەي بولۇپ ، تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشى چاسا شەكىلدە، ھەربىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇزنلۇقى 15 مېتىر، ئېگىزلىكى 5.3مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ گەۋدىسى سىلىندىر شەكىلدە بولۇپ، دىيامېتىرى 9.6 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى 3.6 مېتىر كېلىدۇ.
مۇنارنىڭ ئۈستى دۈم كۆمتۈرۈلگەن جام شەكىلدە بولۇپ، خېلى بۇرۇنلا كەمتۈكلەشكەن. ئاجايىپ نەپىس بۇت ۋە بۇتساتۋا ھەيكەللىرى ھەم كۆپ ساندىكى بەدەن شەكلى كىچىكرەك بولغان بۇت، ھەيكەللەر ۋە ئويما بېزەك بۇيۇملىرى، ھويلا تېمىدا يەنە ئاز بولمىغان تام رەسىملىرى بار. ئېلىمىزنىڭ ئالىملىرى راۋاق بۇددا ئىبادەتخانا خارابىسىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان ، قۇرۇلۇشنىڭ شەكلى ۋە تام رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبى قەندىھار مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان، دەپ قارايدۇ. بۇ يەردىن تېپىلغان يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولغان كۆپلىگەن تام رەسىملىرى ۋە بۇت، ھەيكەللەر بۇ يەرنىڭ تاڭ دەۋرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا خارابلاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھازىرقى قالدۇق قۇرۇلۇش كۆلىمى دەسلەپ قۇرۇلغان ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. راۋاق بۇددا ئىبادەتخانىسى 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سىتەيىن تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى-سىرتدىكى ئارخېئولوگلار ۋە تارىخچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان . ھازىرمۇ يەنە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەن بۇ جاينى بەشىنچى تۈركۈمدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلدى.
راۋاق بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرى: