ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
‹‹ ئاھاڭ ›› سۆزى ‹‹ كۈي ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ .قىسقارتىلىپ ‹‹ رىتىم ›› دەپمۇ ئېلىنىدۇ ، ‹‹ مۇزىكىلىق ئاۋازنىڭ يۇقىرى تاۋۇشلۇق ئۆلچىمى ، مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپى ۋە قانۇنىيىتى ›› نى كۆزدە تۇتىدۇ . نۆۋەتتە خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ، تەسىرى نىسبەتەن زور ئاھاڭ تۈرى ‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› ، ‹‹ ساپ ئىنتوناتسىيە ›› ۋە ‹‹ ئون ئىككىلىك ئوتتۇرىچە ئاھاڭ ›› دىن ئىبارەت ئۈچ يىلغا بۆلۈنىدۇ .
‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› بىر ئاھاڭدىن باشلىنىدۇ . ھەر بىر ساپ بەشتىن بىرلىك ئاھاڭدىن كېيىن يەنە بىر ئاھاڭ بارلىققا كېلىدۇ . ئۇلار داۋاملىق كۆپىيىپ ، ئايرىم ھالدا بىردىن ئاھاڭ بولىدۇ . ‹‹ ساپ ئىنتونايسىيە ›› ‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› دىن ساپ بەشتىن بىرلىك ئاھاڭنىڭ سىرتىدا بولىدۇ . ئۇنىڭغا ساپئىنتوناتسىيىدىكى چوڭ ئۈچ دىمېنسىئونال قوشۇلۇپ ، كۆپەيمە ئاھاڭنىڭ ئاساسى تىكلىنىدۇ ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئاھاڭ تىترەۋاتقان تارنىڭ باسقۇچىغا بۆلۈنۈپ تىترىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىرىكمە توندىكى ھەسسىلىك ئاھاڭغا ئۇيغۇنلىشىدۇ . ‹‹ ئون ئىككىلىك ئوتتۇرىچە ئاھاڭ › بىر گۇرۇپپا ( ئوكتاۋا ) نى ئون ئىككى ئاھاڭغا بۆلىدۇ . يەنى نىسىبىتى ئۆزئارا تەڭ باراۋەر بولغان ئون ئىككى يېرىم تونغا پارچىلايدۇ . يېرىم ئىككى تون بىرىكىپ پۈتۈن بىر تونغا ئايلىنىدۇ .
‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› بىلەن ‹‹ ساپ ئىنتوناتسىيە ›› تەبىئىي شەكىللەنگەن ‹‹ تەبىئىي ئاھاڭ ›› غا تەئەللۇق ، ‹‹ ئون ئىككى ئوتتۇرىچە ئاھاڭ ›› ئادەملەر ئۆزى تاپقان ‹‹ سۈنئىي ئاھاڭ ›› غا تەئەللۇقبولىدۇ .
ھەر خىل ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىكى مۇزىكا ئەمەلىيىتىدە ،يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئاھاڭدىن باشقا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ‹‹ تۆت ئۈلۈشلۈك تون ›› بىلەن ‹‹ نېيترال تون ›› نىڭ تەسىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .