<<جانلىق تون>>،<<تەۋرەنمە تون>>دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ھەر قايسى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مېلودىيىسىدە بىر ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىدە مۇقىم تۇرمايدىغان ، بىر ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىنى چۆرىدەپ يۇقىرى - تۆۋەن مىدىرلاپ تۇرىدىغان <<جانلىق توي;>كۆپ ئۇچرايدۇ . مۇنداق <<جانلىق توي>>نىڭ بارلىققا كېلىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەب بار .
1) ئۇلار <<تۆت ئۈلۈشلۈك تون>>;بىلەن <<نېيترال تون>>دا پەيدا بولىدۇ . <<نېيترال تون>>;<دولان مۇقامى>دا نىسپىي مۇقىم ھالەتتە تۇرغاندىن باشقا ، <<ئون ئىككى مۇقام >>;بىلەن <<تۇرپان مۇقامى>> دىكى <<تۆت ئۈلۈشلۈك تون>>بىلەن << نيترال >> تون 50 تون قىممىتى ئەتراپىدىكى دائىرىدە يۇقىرى - تۆۋەن تەۋرىنىپ تۇرىدۇ .
2)مېلودىيىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ . بۇ يەردىكى <<جانلىق تون>>كۆپىنچە ھالدا مېلودىيە تۆۋەنگە قاراپ ئىجراقىلىنىۋاتقان چاغدىكى باش ئاھاڭنىڭ <3>>،<<7>>،<<;>دەپ نام قويۇلغان تونلىرىدا بارلىققا كېلىدۇ .
<<جانلىق تون>>نىڭ پەيدا بولۇشى مېلودىيىگە ;<ئەگرى لىنىيەلىك گۈزەللىك>>بېرىدۇ ۋە مېلودىيىنى تېخىمۇ تەسىرلىك بەدىئىي جەزبىدارلىققا ئىگە قىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇر مۇقام ئەلنەغمىچىلىرى <<جانلىق تون>>غا تولىمۇ ئېتىبار بىلەن قارايدۇ . شۇنداقلا <;جانلىق تون>>;نى ئورۇنلاشنىڭ پىششىق بولغان - بولمىغانلىقىنى مۇزىكانتلارنىڭ ئورۇنلاش سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىمئۆلچەم قاتارىدا ھېسابلايدۇ . ئۇيغۇر مۇقام نەغمىچىلىرى يەللىك چالغۇلارنى ئىشلەتكەندە ، تۆشۈكنى يېرىم بېسىش ، بارمىقىنى تەگكۈزۈپ قويۇش ، يەلنى كونترول قىلىش ، پۈۋلەش ياپراقچىسىنىڭ ئېغىزدىكى قىسمىنى ئۇزارتىش ياكى قىسقارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن <<جانلىق تون>>نى نامايەن قىلىدۇ . مۇقىم پەدىسى بولمىغان تارلىق چالغۇلاردا بارماقنى سيرىلدۇرۇش ، بارماقنىمىدىرلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ . مۇقىم پەدىسى بولغان تارلىق چالغۇلاردا كامانچىنى تارتىش ياكى ئىتتىرىش ئارقىلىق <<جانلىق تون>>نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ . <<ئون ئىككىلىك ئوتتۇرىچە ئاھاڭ >>لىق مۇقىم پەدىلىك چىرىتمە تارلىق ۋە سوقما تارلىق چالغۇلاردىمۇ تاتلىغۇچىنى تارىنىڭ ئۈستىدىن سىيرىلدۇرۇش ياكى تارنى قول بىلەن بېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ;<جانلىق تون>>نى چىقارغىلى بولىدۇ . ھەتتا ئىنتېرۋالى كىچىك ئىككىدىن بىرلىك ئاھاڭ بولىدىغان ئىككى تارنى تەڭلا ۋاقىتتا سوقۇش ياكى ئىنتېرۋالى كىچىك ئىككىدىن بىرلىك ئاھاڭ بولىدىغان ئىككى تارنى تەڭلا ۋاقىتتا سوقۇش ياكى ئىنتېرۋالى كىچىك ئىككىدىن بىرلىك ئاھاڭ بولىدىغان ئىككى تارنى تەڭلا ۋاقىتتا مىدىرلىتىشقا تايىنىپ ، ئادەملەرنىڭ ئاڭلاشسېزىمىنى <<ئازدۇرۇش>>ئارقىلىق <<جانلىق تون>>نىڭ ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
|