ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
مۇقام قەسىرى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:360  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    قۇمۇل قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنى بولغاچقا، بۇ يەردە ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى بىر قەدەر كۆپ ساقلانغان. يەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك قۇمۇل مۇقاملىرى ۋە باشقا ئەل ئىچى ھۈنەر – سەنئەت مىراسلىرى ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن قەدىمكى مەدەنىيەت – سەنئەت ئۇدۇملىرىدىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەسىرلەردىن بۇيانداۋاملىشىپ كەلدى. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان قۇمۇلنىڭ ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەڭ كۆلەمدە توپلىنىپ، ھەر خىل شەكىلدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىندى. جۈملىدىن قۇمۇل مۇقاملىرى رەتلىنىپ نەشر قىلىنىپ، قېلىپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ جەرياندا يەرلىكتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئەنئەنىۋىمەدەنىيەتكە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان، مۇقام، چاشما قاتارلىق ئەنئەنىۋى سەنئەت، قول ھۈنەرلەرنى پائالئۆزلەشتۈرىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان بۇ جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى. ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىدىكىلەر، جۈملىدىن مەدەنىيەت، سەنئەت، تىل – يېزىق تارماقلىرىدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى، زور كۈچ بىلەنقوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە ‹‹قۇمۇل نەزمىلىرى››، ‹‹قۇمۇل – قۇمۇل مۇقاملىرى تەتقىقاتى››، ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى›› قاتارلىق كىتابلار، قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى، پىلاستىنكىلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى يەرلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ساياھەتچىلىك بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش ھەققىدە بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ ئالتۇن كەنتىدىكى قۇمۇل ۋاڭلىرى مەقبەرىسىنىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنغان ‹‹قۇمۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى›› بىلەن يېڭى سېلىنغان قۇمۇلمۇزېيى بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى.

    يېقىندا ‹‹قۇمۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىشمەركىزى››نى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن روھىي ھاسىلاتلارغا ئېرىشتىم. بۇ مەركەز بىناسىغا كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى رىۋايەتلەردىكى قەسىرگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. بىرىنچى قەۋەتنىڭ سەرقىي تەرىپىگە قارىسىڭىز، چىرايلىق بېزەلگەن رامكىلارغا ئېلىنغان ھەر خىل خاتىرە سۈرەتلەر،بەدىئىي سۈرەتلەر ۋە سۈرەت چۈشەندۈرۈشلىرى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. ئۇلار سىزنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى ۋە يەرلىك مۇقاملار ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ. بىرىنچى قەۋەتنىڭ غەربىيتەرىپىگە ئۆتسىڭىز، كىچىك بىر ئەينەك رامكىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان سەرخىل كىتابلارنى كۆرىسىز. بۇ كىتابلار قۇمۇلنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ھەققىدە يېزىلغان قىممەتلىك نەشر بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەينەك رامكىنىڭ كەينىدىكى دېرىزە تەكچىسىگە ۋە زالنىڭ يۇقىرىتېمىغا ھەر خىل چالغۇ ئەسۋابلار تىزىپ قويۇلغان. بىرىنچى قەۋەتتە يەنە 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ئاۋاز ئېلىش ئۆيى بار ئىكەن. مەن بۇلارنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىمدىن ھاياجانلاندىم. ئاندىن يەر ئاستى زالىغا چۈشتۈم. بۇ زالنىڭ شەرق تەرىپىگە ئىشخانىلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، غەرب تەرىپى 400 دەك ئادەم سىغىدىغان ئويۇن كۆرسىتىش زالى ئىكەن. زالغا ئېسىل ئورۇندۇقلار پەللەمپەي شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئىككىنچى، ئۈچىنچى قەۋەتلەرگە چىقىپ، بۇ قەۋەتلەردىكى چاشما بۇيۇملىرى، كۆرگەزمە زالى، مەدەنىيەت مىراسلىرىكۆرگەزمە زالى، 100 دەك ئادەم سىغىدىغان كىچىك ئويۇن قويۇش زالىنى، بولۇپمۇ بۇ زاللارنىڭ بېزىلىشى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. بىر – بىرىدىن نەپىس، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە چاشما بۇيۇملىرى مېنى رام قىلىۋالدى.

    مەن بۇ مەركەزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەمەت ئەسرا تۇرا ئەپەندى بىلەن پاراڭلىشىپ، تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارغا ئېرىشتىم: ‹‹قۇمۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى›› 2009 – يىلى 9 – ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپتۇ. بۇ بىنانىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 4875 كىۋادرات مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1600 كىۋادرات مېتىر ئىكەن. بۇ مەركەزنى قۇرۇشقا 13 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپتۇ، بۇ مەبلەغنى ئاپتونوم رايون، يەرلىك ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىرلىشىپ چىقىرىپتۇ. ‹‹قۇمۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى›› مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، مەيداننىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدەقاتتىقلاشتۇرۇلغان كۆلەم 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر، كۆكەرتىلگەن كۆلەم 5000 كىۋادرات مېتىر ئىكەن. مەيدان قۇرۇلۇشىغا گۇاڭدۇڭ خىزمەت ئەترىتى 4 مىليون يۈەن مەبلەغ ساپتۇ. بۇ مەركەزنىڭ كۆرگەزمە ئىشلىرىغىمۇ يېتەرلىك مەبلەغ سېلىنىپتۇ.

    بۇ مەركەزدىكىلەر قۇمۇل مۇقاملىرىنى ئۆگىتىش، ئۆگىنىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپتۇ. مەركەز قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى – كەينىدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپتۇ. ئەسەت مۇختار، ئەمەتئىسمائىللار دۆلەت دەرىجىلىك، روزى سوپى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، يەنە بىر قىسىم مۇقامچىلار ۋىلايەت، ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىك مۇقام ۋارىسلىرى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئۇلارغا بەلگىلىك مىقداردا تەمىنات بېرىلىدىغان بوپتۇ. بۇ مەركەزدىكىلەر يەنە قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئاغرىپ قالغان مۇقام ۋارىسلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ.

    بۇ مەركەز ھازىر قۇمۇلنىڭ يەرلىك مەدەنىيەتئەنئەنىلىرىنى نامايان قىلىدىغان ئەل ئىچى مىراسلىرى مۇزېيى بولۇپ قاپتۇ. بۇ يەردە مۇقام ھەۋەسكارلىرى مۇقام ئۆگىنىدىكەن، ئەل ئىچى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندايدىكەن. قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولىدىن چىققان سىپتا، ئەنئەنىۋى سەنئەت بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلىدىكەن.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_806.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号