ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
مۇزىكىلىق كۈيدە باشتىن-ئاياغ داۋاملىشىدىغان، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدىغان رىتىملىق بىرىكمەشەكلى رىتىم دېيىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن سوقما چالغۇلار ۋە چىرتمە چالغۇلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سوقما چالغۇلار رىتىمىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ياكى پەردازلانغاندىن كېيىنكى ‹‹ ئۆزگەرگەن ھالىتى››نى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. چىرىتمە چالغۇلار ئوخشاش ياكى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدىغان ھەمدە مۇزىكىلىق كۈيدە باشتىن – ئاياغ داۋاملىشىدىغان ‹‹رىتىم ھالىتى›› مۇزىكىلق كۈينىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. تېكىست ئىتائەت قىلىشقا تېگىشلىك يەڭگىل – ئېغىر رىتىم ئۆزگىرىشىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇسسۇلدىكى قەدەمنى تىزگىنلەيدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنىڭ تۈرىنى پەرىقلەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ. ئالايلۇق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رىتىم ھالىتى ‹‹سەنەم رىتىم ھالىتى›› دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر قايسى رايونلارغا تارقالغان. ‹‹سەنەم ئۇسسۇلى››غا ئىشلىتىلىدۇ. توي مۇراسىملىرىدىكى قىزغىن ۋە ھەيۋەتلىك كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ.