ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
مۇقام دىيارىدا چېچەك سەيلىسى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:899  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابدۇكېرىميەكەن مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، شۇنداقلا جاھان مۇزىكا خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ئىجاد قىلىنغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاق تارىختىن بۇيان، ئۆزگىچە ناخشا – مۇزىكا مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ناخشا ئۇسسۇل سەنئىتىنى جاھانغا تونۇتقان قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرت تارىختىن بۇيان ‹‹مۇقام يۇرتى››، ‹‹بادام ماكانى›› دېگەن چىرايلىق نامى بىلەن يىراق – يېقىنغا تونۇلغان. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، يەكەندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆز يۇرتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ چوڭ ناھىيە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، ئۆز يۇرتىنىڭ قالاق قىياپىتىنىئۆزگەرتىش، ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىش يولىدا توختاۋسىز ئىزدەندى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيەدىكىلەر ئۆز يۇرتىنىڭ ‹‹مۇقاميۇرتى›› دېگەن نامىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، يەرلىك مۇقام سەنئىتىنى قېزىش، راۋاجلاندۇرۇش، مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش، يېزا – بازارلار ئارا قەرەللىك ھالدا مۇقام، ناخشا – ئۇسسۇل پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مۇقام يۇرتىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالدى. ‹‹بادام ماكانى›› دېگەن نامىغا مۇناسىپھالدا بادامچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بادامنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە بالدۇرراق يېتىشىدىكى كوزىر مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، نەچچە يىل ئىچىدە باداملىق كۆلىمىنى 800 مىڭ موغا يەتكۈزدى. ھازىر، ناھىيەدىكى 29 يېزا – بازارنىڭ باغلىرى تۈگۈل ئېتىز قىرلىرىدىمۇ رەت – رەت بادام دەرەخلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان باداملىق باغلارنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى بۇ يۇرتنىڭ ھەقىقەتەن ‹‹بادام ماكانى›› ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. يەكەن ھەقىقەتەنمۇ ئۈمىدكە تولغان گۈزەل ماكان، ئۇنىڭ ئۈمىدكە تولۇشى بۇ يۇرتتىكى ئەمگەكچان خەلقنىڭ مۇقام ۋە بادامدىن ئىبارەت ئىككى ماركىنى ‹‹قانات›› قىلىپ، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات كۆكىدە جۇشقۇن پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىدا.

     بۇ يىل باھار يىللاردىكىدىن كېچىكىپ كەلدى. 4 – ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسىگە كەلگەندىلا ئاندىن ئېرىق – ئۆستەڭلەردەسۈپسۈزۈك سۇلار باھاردىن شەپە بېرىپ شىلدىرلاپ ئېقىپ، ئېتىزلار، ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرى ياپيېشىللىققا تولدى. قارلىغاچلار پېشايۋانلاردا ئۇۋا ياساشقا، ئاق قۇشقاچلار باغلاردا ۋىچىرلىشىپ سايراپ باھار پەيزىنى سۈرۈشكە باشلىدى، بادام، ئۆرۈك دەرەخلىرى نەچچە كۈن ئىچىدىلا بەس – بەستە ئېچىلىپ، باغلار ئاپئاق چېچەككە تولدى. ئەمگەكچان يەكەن دېھقانلىرى باھار بىلەن تەڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئاتلىنىپ، ئېتىز – باغلاردىن ئاسايىشلىق، بەخت – سائادەت، مەمۇرچىلىقنىڭ جاراڭلىق كۈيىنى ياڭرىتىۋاتقان قۇتلۇق پەيتلەردە، 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە 3 – نۆۋەتلىك ‹‹<جەلپكار يەكەن> بادام چېچىكى سەيلىسى مەدەنىيەت – سەنئەت بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلدى، تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتە ناھىيەنىڭ 9000 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن زېمىنى ئاپپاق بادام چېچىكى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى، ئۆزگىچە دولان مەشرىپى، بادام چېچىكى سەيلىسى، كاچۇڭسەنىمى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن ئۆزگىچە تەرەققىيات كارتىنىسى ھەممىمىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات 

چەۋەندازلار بەيگىدە

      بەشكەندە بەزمە 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8لەر بىلەن 50 نەچچە مۇخبىر، فوتوگراف ئىككى ئاپتوبۇس، ئۈچ پىكاپ بىلەن يولغا چىقىپ ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك يول يۈرۈپ بەشكەن بازىرىنىڭ 21 – كەنتىدىكى باداملىق باغقا كەلدۇق. بۇغدايلىق قىرلىرىدىكى قاتار كەتكەن بادام دەرەخلىرى ھۈپپىدە چېچەكلىگەن بولۇپ، ياپيېشىل بۇغداي مايسىلىرى بىلەن ئاپپاق چېچەكلەر بىرلىشىپ، كىشىگە كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنى ئەسلىتەتتى. تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل كارتىنىسى فوتوگرافلارنى جەلپ قىلدى. 40 نەچچە فوتوگراف ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا ئاپپاراتلىرىنى كۆتۈرگىنىچە باداملىققا كىرىپ كەتتى. مەن بىز كەلگەن يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئېتىزلىقتا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ، تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان 60 ياشلاردىكى بىر دېھقان بىلەن ئەھۋاللاشتىم:

   — ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتا! قانداق ئەھۋاللىرى؟

   — ئوبدان تۇرۇپتىمىز، بالام.

   — ئىسىملىرى؟

   — سېيىت سايىت.

   — ئېتىزلىرىغا نېمە تېرىۋاتىلا؟

   — پىگمېنتلىق مۇچ تېرىۋاتىمەن.

   — قانچە مو يەرگە تېرىدىلا؟

   — ئۈچ مو يەرگە تېرىدىم.

   — كېۋەزمۇ تېرىغانلا؟

   — 4.5 مو يەرگە تېرىماقچى.

   — ئېتىز قىرلىرىدا قانچە تۈپ باداملىرى بار؟

   — 30 تۈپ بادىمىم بار بالام.

   — بۇلتۇر پاختا، مۇچ، بادام سېتىپ قانچىلىك كىرىم قىلدىلا؟

   — 18 مىڭ كوي كىرىم قىلغان، بۇ يىل پاختىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدەك بولۇپ بەرسە 30 مىڭ كوي ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن.

   — ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىرىم قىلىشلىرىنى تىلەيمەن!

   — رەھمەت بالام، دېگىنىڭىز بولغاي!...

    ھايال ئۆتمەي، فوتوگرافلارمۇ باداملىقنى سۈرەتكە تارتىپ بولدى. بىز مەنزىلىمىزگە راۋان بولدۇق.

    ئالاھەزەل چارەك سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن ئالدىمىزداكىشىلەر توپى كۆرۈندى. بىز كېلىشىمىز بىلەن بۇ يەردىكى پائالىيەت باشلىنىپ كەتتى. ئالدى بىلەن ئازادباغ، باغئاۋات، بەشكەن، ئېگەرچى، قاراسۇ، ئاۋات، ئالمەت قاتارلىق يەتتە يېزا – بازاردىن تاللىنىپ كەلگەن چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىشىشنى باشلىۋەتتى. ھەر بىر يېزىدىن كەلگەن ماھىرلاردىن ئالتە ئاتلىق بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئىككى گۇرۇپپا ئۆزئارا ئوغلاق تارتىدىكەن، ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ئۇتۇپ چىققانلار يەنە مۇسابىقىلىشىپ، ئاخىرىدا چېمپىيون بولغانلار ئالاھىدە تارتۇقلىنىدىكەن. ئالاھەزەل چۈشكە يېقىن ئوغلاق تارتىشىش ئاخىرلىشىپ، خوراز سوقۇشتۇرۇش باشلاندى. يەتتە يېزا – بازاردىن كەلگەن ماھىرلار 70 جۈپ خورازنى مۇسابىقىلەشتۈردى. خوراز سوقۇشتۇرۇش بەك قىزىپ كەتتى. مەخسۇس ئۆگىتىلگەن جۇغىئوخشاشمىغان خورازلار بىر – بىرىگە قەھرى بىلەن تاشلىنىپ، بىر – بىرىنى پەشۋالاپ، چوقۇپ، ھەيۋىسىنى كۆرسىتەتتى. خوراز سوقۇشتۇرۇشمۇ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. مەن ئاخىرىدا، خورىزى مۇكاپاتلانغان تۇردىنىياز سادىق بىلەنپاراڭلاشتىم، تۇردىنىياز سادىقنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر 18 نوچى خورىزى، 12 مېكىيىنى بار ئىكەن. ئۇ قايسى يېزىدا بازار بولسا، شۇ يەرگە بېرىپ خوراز سوقۇشتۇرىدىكەن، ئۇنىڭ خورىزى زادى ياخشى بولۇپ باقماپتۇ. ئۇتقان خورازلىرىنى خوراز سوقۇشتۇرۇشقا قىزىقىدىغانلار 5000 مىڭ يۈەندىن تارتىپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەنگىچە سېتىۋالىدىكەن. ئۇ ئاشۇ ئالاھىدە باقمىچىلىققا تايىنىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىكەن.

    خوراز سوقۇشتۇرۇش ئاخىرلىشىپ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش باشلاندى. دۈمبىسىگە نومۇر سېلىنغان، بىر – بىرىدىن سېمىز، بىر – بىرىدىن قاۋۇل 50 نەچچە قوچقار قاتار باغلاپ قويۇلغانىدى. مۇسابىقىنى باشقۇرغۇچىنىڭ چاقىرىشى بىلەن، چاقىرىلغان قوچقارلارنى ئىگىلىرى باغلاپ قويۇلغان جايىدىنبوشىتىپ مەيدانغا ئەكىلىپ قويۇپ بەردى. قوچقارلار مەيدانغا كىرىپلا بىر – بىرىگە تاشلاندى. قوچقارلار چاقماق مۈڭگۈزىدىن ئوت چاچرىتىپ ‹‹جاڭ – جۇڭ، قاس – قۇس›› قىلىشىپ سوقۇشۇپ كەتتى، غالىبلار مەيداندا مەغرۇر تۇرسا، يېڭىلگەن قوچقارلار ئىگىسىنىڭ يېنىغا بېرىۋالاتتى. مەن يېنىمدا تۇرۇپ قوچقار سوقۇشتۇرۇشنى كۆرۈۋاتقان بەشكەن بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى رېھىم ئابلىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. رېھىم ئابلىز مۇنداق دېدى: بازىرىمىز نەسىللىك قوي، كالا باقمىچىلىقى بىر قەدەر ئومۇملاشقان يېزا – بازارلارنىڭ بىرى، بازىرىمىزدا نوپۇس كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولغانلىقتىن، خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدۇق. يېقىنقى يىللاردا يېزىمىزدىكى 82 مىڭ 810 تۇياق چارۋامالنىڭ 66 مىڭ 290 نىنىڭ نەسلىنى ياخشىلىدۇق.بۇنىڭ ئىچىدە نەسلى ياخشىلانغان قوچقار 4800 تۇياقتىن، ساغلىق 58 مىڭ تۇياقتىن، نەسىللىك كالا 3490 تۇياقتىن ئاشتى. بىز 10 تۇياقتىن 50 تۇياققىچە دولان قويى، 10 تۇياقتىن 20 تۇياققىچە نەسىللىك كالا باققان دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىك ئېغىل – قوتان سېلىشىغا يەر، مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلدۇق. ناھىيەمۇ دولان قويى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقانلارنىڭ ھەر بىر تۇياق قويى ئۈچۈن يىلدا 500 يۈەندىن يەم – خەشەك تولۇقلىما پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ دولان قويى بېقىشىغا مەدەت بەردى. ھازىر دولان قويى باقىدىغان دېھقانلارنىڭ ئەڭ ئازلىرىنىڭ بەش، ئەڭ كۆپلىرىنىڭ 86 دولان قويى بار. بازىرىمىزدىكى دېھقانلار بېقىۋاتقان دولان قوچقىرىنىڭ ئەڭ قىممىتىنى ئىگىلىرى 3 مىليون يۈەنگە ساتمىدى. قۇما كەنتىدىكى دولان قويى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانتۇرسۇن ئەھمەدنىڭ 86 تۇياق دولان قويى بولۇپ، قويلىرىنىڭ ئومۇمىي باھاسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. بىز ھەر يىلى پەسىلدە بىر كۇرس ئېچىپ، باقمىچى كەسىپكارلارنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدۇق. ھازىر بازىرىمىزدا باھاسى30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان نەسىللىك چارۋامال 3000 تۇياقتىن ئاشىدۇ. بۇلتۇر بازىرىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ خاس چارۋىچىلىقتىن قىلغان كىشى بېشى كىرىمى 750 يۈەندىن ئاشتى.

باغئاۋاتتا دولان مەشرىپى

     بىز بەشكەندىكى چېچەك سەيلىسى پائالىيىتىنىئاخىرلاشتۇرۇپ، باغئاۋاتقا قاراپ يول ئالدۇق، مەن ئەلگە تونۇلۇۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق، ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئاۋۇت بىلەن بىر پىكاپتا كېتىۋېتىپ، ئەركىن ئاۋۇتتىن: دولان مەشرىپى ئۆتكۈزۈشنى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە نېمە مەقسەتتە قوشتۇڭلار؟ دەپ سورىۋېدىم، ئەركىن ئاۋۇت چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: دولان مۇقامى، دولان مەشرىپى، دېسە، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا يەكەن، تىزناپ دەريالىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى ۋادىسىدىكى مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيەلىرى كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار دولان مۇقامى، دولان مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىغىلى نەچچە ئون يىل بولدى. شۇڭا بەزىلەردە دولان مەدەنىيىتى مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيەلىرىگىلا خاس مەدەنىيەتتۇر، دېگەن قاراش شەكىللىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ناھىيەدىكى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدىكى يەتتە يېزا – بازاردا ياشاۋاتقان 130 نەچچە مىڭ خەلق ئارىسىدىمۇ دولان مەدەنىيىتى ناھايىتى قويۇق، دولان مۇقامى نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئېيتىلىپ، ئومۇملاشقان. نەچچە ئەۋلاد دولان مۇقامچىلىرى، ئەلنەغمىچىلىرى يېتىشىپ چىقىپ، دولان مۇقامىنى بىزگىچە يەتكۈزگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەمىز دولان مۇقامىنى رەتلەش، قېزىش، مۇقامچىلارنى ئېنىقلاش، دولان مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەشكە يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ جەھەتتە زور نەتىجىگە ئېرىشىش ، بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۈگۈن يەتتە يېزا – بازاردىكى دولان مۇقامچىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، سىلەرگە دولان مۇقام مەشرىپى كۆرسىتىشتىن مەقسەت دولان مۇقامىنىڭ شۆھرىتىنى نامايان قىلىش، جۈملىدىن يەكەننىڭ ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› يۇرتى بولۇپلا قالماي، دولان مۇقام يۇرتى ئىكەنلىكىنىمۇ جاھان ئەھلىگە بىلدۈرۈش.

    بىز پاراڭلىشپ مېڭىپ، كۈن غەربكە قىيسايغاندا باغئاۋات يېزىسىنىڭ تىزناپ دەريا كۆۋرۈكى بويىدىكى توغراق، يۇلغۇنلۇققا راسلانغان مەشرەپ سورۇنىغا كەلدۇق. كەچ كىرىۋاتقان بولسىمۇ بۇ يەردە 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئەلنەغمىچىلەرنىڭ مۇقامىنى ئاڭلاپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ مەردانە، شوخ ساماسىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقان ئىكەن. بىز بىر مو دائىرىدەراسلانغان مەيداننى چۆرىدەپ سېلىنغان گىلەم، پالاسلار ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپىگە جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، مىرشاپ دولان مۇقام مەشرىپىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىۋېدى، مەيداننىڭ ئىككى يېرىگە توغراق، تېرەك ياغىچىدىن تەييارلانغان ئوتۇن دۆۋىسىگە ئوت يېقىلدى. ھەيۋەتلىك ئوت يالقۇنىدا، يەتتە يېزا – بازاردىن كەلگەن مۇقامچىلار نۆۋەت بىلەن مۇقام توۋلىدى، جۈپ – جۈپ قىز – يىگىتلەر، ئاپپاق ساقال بوۋايلار، پەرىشتە سۈپەت ئانىلار زېھنى بىلەن بېرىلىپ ساما سالدى. تېخى يوپۇرماق چىقارمىغان توغراقلار، يۇلغۇنلار گۈلخاننىڭ غايەت زور يورۇقىدا ئۇزاق تارىختىن بۇيان دولان مۇقامى، شۇنداقلا دولان مەدەنىيىتىنىڭ مۇشۇ تۇپراقتا ئاپىرىدە بولۇپ، تىزناپ دەرياسىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنى ئارقىلىق مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيەلىرىگە تاراپ، ئۈزلۈكسىز بېيىغانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتقاندەك دولان مۇقامىنى ئۈن – تىنسىز تىڭشىماقتا، شادلىق ئىلكىدە سىلكىنمەكتە ئىدى... مەن ئارىدا دەم ئالغان مۇقامچىلاردىن بەشكەن، ئاۋات، ئازادباغ، باغئاۋات، قاراسۇ قاتارلىق يېزا – بازاردىن كەلگەن تۇرسۇن سادىق (70 ياش)، ئاۋۇت داۋۇت (65 ياش)، ئاۋۇت ساۋۇت (71 ياش)، مامۇت تۇردى (77 ياش)، ئادىل توختى (67 ياش)، سىدىق ھەسەن ( 61 ياش)، تۇرسۇن قادىر (55 ياش) قاتارلىق مۇقامچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن داپ، راۋابنى كۆتۈرەلىگۈدەك، مۇزىكىنى ئاز – تولا چۈشەنگۈدەك بولغاندىن باشلاپ دادىلىرىدىن ياكى مەھەللىلەردە پات – پاتئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان مەشرەپلەردىن دولان مۇقامىنى ئېيتىشنى،دولان راۋابى، دۇتار، راۋاب، داپ چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدىم. مەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ 3 – ئەۋلاد، بەزىلىرىنىڭ 7 – ئەۋلاد دولان مۇقامچىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، دولان مۇقامى بىلەن دولان مەدەنىيىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىمۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات ئاساسى بارلىقىنى چوڭقۇر ھېسقىلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە پاراڭلاشتىم:

   — بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىمىز دەپ، قانچە كۈن تەييارلىق قىلدىڭلار!

   — نەدىكى تەييارلىق دەيسىز، يېزىدىن ئۈلۈشكۈن مۇشۇنداق ئىش بار، دەپ خەۋەر قىلغان. بۈگۈن ئەتىگەندە يېزىغا يىغىلىپ بۇ يەرگە ئۇدۇللا كەلدۇق.

   — ئاڭلىسام ناھىيەلىك ھۆكۈمەت سىلەردەك خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئېيىغا 400 يۈەندىن مائاش بېرىدىكەن، ئاراڭلاردا مائاش ئالىدىغانلار بارمۇ؟

   — بۇ گەپنى بىزمۇ ئاڭلىغان، يېزا باشلىقلىرىمۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇپ كەتكەن، لېكىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق، بىزگە مائاش بەرمىسىمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بەرگەن بولسا بەك خۇش بولاتتۇق...

   مەن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئاۋۇتتىن بۇ ئىشنى ئۇقۇشۇپ باقتىم. ئەركىن ئاۋۇت چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزدە 2008 – يىلىدىن باشلاپ، ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىتولۇق ياكى بىرقانچە مۇقامنى ئەڭ ياخشى ئېيتالايدىغانلار ئارىسىدا تەسىرى بار پېشقەدەم مۇقامچىلاردىن 14ىگە ئېيىغا 400 يۈەندىن مائاش بېرىپ، ئۇلارنى ناھىيەمىزنىڭ مۇقام ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە، مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردۇق. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى ناھىيە بويىچە ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ، يېزا – بازارلاردىكى مۇقامچى، ئەلنەغمىچىلەرنى باھالاپ كېلىۋاتىمىز. نەتىجىسى گەۋدىلىك، شۇ يېزا – بازارنىڭ مۇقام، ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان، ئەل ئىچىدە مەلۇم تەسىرى بار خەلق سەنئەتكارلىرىغا مائاش بېرىمىز. بۇ يىلمۇ نورۇز بايرىمى مەزگىلىدە يېزا – بازارلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە مۇكاپاتلانغان خەلق سەنئەتكارلىرى ئارىسىدىن دولان مۇقامىنى ئوبدان ئورۇنلىغان 30 كىشىنى، ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان 30 پېشقەدەمنى تىزىملاپ، ناھىيە رەھبەرلىرىگە يوللىغان. يېقىندا ئۇلاردىن ئونىغا ئېيىغا 400 يۈەندىن مائاش بېرىش، 20 سىگە يىلىغا 2000 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش تەستىقلاندى. پات يېقىندا ئۇلارنىڭ مائاشلىق بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ھەر يىلى نورۇز بايرىمى، بادام چېچىكى سەيلىسى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، پارتىيە قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق ئەھمىيەتلىك كۈنلەردە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ، مائاش بېرىش ئارقىلىق ناھىيەمىزنىڭ ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، دولان مۇقامى، كاچۇڭ سەنىمىدىن ئىبارەت سەنئەت بايلىقىنى قېزىش، رەتلەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ناھىيەمىزنىڭ ‹‹مۇقام يۇرتى›› دېگەن سەلتەنەتلىك نامىنىجاھانغا تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز، دېدى.

گۈلباغدا چېچەك بەزمىسى

     4– ئاينىڭ 8 – كۈنى، ناھىيە بازىرىغا قوشنا بولغان گۈلباغ يېزىسىنىڭ چىغۋان كەنتىدىكى 100 مولۇق باداملىق باغدا چېچەك بەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بەزمە سورۇنى قايناق بازار كۈنىدەك ئاۋاتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە يايما يايغانلار قول ھۈنەرۋەنلەر ياسىغان دۇتار، تەمبۇر، داپ، ساتار، راۋاب قاتارلىق چالغۇلارنى، ھەر خىل نۇسخىدىكى نەپىس سوقۇلغان قەلەمتىراشلارنى، قولىدا تىككەن دوپپا، قولدا ئىشلىگەن كەشتە بۇيۇملىرى، گىلەم، تاغار – خۇرجۇن، ياغاچ قوشۇق، كاساڭ، ئاياغلىرىنى، ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى قاتار تىزىۋەتكەنىدى. سىملارغا ئارتىۋېتىلگەن، يايمىلارغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان بۇ بۇيۇملار ئەمگەكچان، چېۋەر يەكەن خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قول – ھۈنەر سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    — مېھمانلار، ‹‹ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام›› دەپتىكەن، سۈرەت تارتىشقا ئالدىرىماي دېھقانلىرىمىز ئەتكەن تائاملارغا ئېغىز تېگىپ بېقىڭلار، دېدى ناھىيەنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئابدۇغېنى ئەكبەر ھۈپپىدە چېچەكلىگەن بادام دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان يول بويىغا ياسالغان ئوچاقلارغا ئېسىلغان قازانلاردىكى ھورى كۆتۈرۈلۈپ كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان تائاملارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ تائاملار ئاشپەز ئۇستاملار ئەمەس، بەلكى ئاق كۆڭۈل دېھقانلىرىمىز ئەتكەن ھەقىقىي دېھقان ئېشى.

    — قېنى، تېتىپ بېقىشقايلا!

    بىز قايسى قازاننىڭ قېشىغا كەلسەك، تاماق ئىگىسى چىرايلىق پەتنۇسقا قويۇلغان ئالتە پىيالە تاماقنى بىزگە ئىززەت – ئېكرام بىلەن سۇناتتى. بىر – بىرىدىن مەززىلىك پولۇ،نورۇز ئېشى، كۆك چۆچۈرىسى، قوناق چۆچۈرىسى، ئۈگرە، يوبدان، ئۇماچ، ماش چۆپ، ئۆپكە – ھېسىپ، بۇغداي ۋە قوناق ئۇنىدىن قىزارتىپ يېقىلغان نانلار، سۈت، قېتىق، قايماقلارنىڭ تەمى ھەممىمىزنىڭ تىلىدا قالدى، فوتوگراف ۋە ئوپېراتورلار ئېسىل تائاملارنى بەس – بەستە سۈرەتكە تارتاتتى.

    رىياسەتچى چېچەك سەيلىسى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا، نەچچە يىل ئىلگىرى زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان داڭلىق خەلق سەنئەتكارى روزى ئايۇپ، تۇرسۇننىياز ھوشۇر باشچىلىقىدىكى دېھقان ئەلنەغمىچىلەر دولان مۇقامى ۋە يەرلىك ئەلنەغمە نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، مەيداننى زىلزىلىگە كەلتۈردى،يارىشىملىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن دېھقانلار شوخ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، مەيداننى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. 1000 غا يېقىن چوڭ – كىچىك، قېرى – ياش سورۇن ئەھلى چېچەك پەسلىنى، گۈزەل ھاياتنى، بەختىيار تۇرمۇشنى، ئىناقلىقنى كۈيلەيدىغان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، سورۇندا قىيقاس – چۇقان چىقىرىۋەتتى.

فوتوگرافلار دېھقان ئەلنەغمىچىلەر ۋە مول مەزمۇنلۇقسەنئەت پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپپاق بادام چېچەكلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا، ناھىيەنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئابدۇغوپۇر ئەمەت ناھىيەنىڭ بادامچىلىق تەرەققىياتىتوغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى:

    ناھىيەمىز مەملىكىتىمىز بويىچە بىردىنبىر ‹‹بادام يۇرتى››، ناھىيەمىزنىڭ بادام ئۆستۈرۈش تارىخى 1300 يىلدىن ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ناھىيەمىز بادامنىڭ يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بادام كۆچىتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ‹‹تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ››كە ئايلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچىدى. بولۇپمۇ بىزبۇلتۇردىن باشلاپ، بادامچىلىقتا مىليون مولۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇمقىلىش دولقۇنىنى قوزغاپ، ‹‹دۇنيادا كەمدىن – كەم، جۇڭگودا بىردىنبىر›› بادامچىلىق بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ بادامچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بادامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەردۇق. تېخنىكىلىقتەلەپلەر جايىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكتىن، بۇلتۇر ناھىيەمىز بادامدىن 9140 توننا ھوسۇل ئېلىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى ياراتتى. ناھىيەمىزدىكى كادىرلار ۋە ئامما بۇ يىل ئەتىيازدىكى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىدىن 100 مىڭ مو يەرگە 3 مىليون 300 مىڭ تۈپ بادام كۆچىتى تىكىپ، باداملىق ئومۇمىي كۆلىمىنى 800 مىڭ موغا يەتكۈزدى. بىز بۇ يىل 200 مىڭ مو ھوسۇللۇق باداملىق باغ، 200 مىڭ مو سورتلۇق باداملىق باغ بىنا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ھازىر ناھىيەمىزدىكى باداملارنىڭ سورتى 43 خىلغا يەتتى. ‹‹12 – بەش يىل››دا ناھىيە بويىچە باداملىق كۆلىمىنى 1 مىليون موغا، بادام ھوسۇلىنى 25 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، مۇشۇ تۈردىنلا دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 1500 يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ناھىيەمىزنى ئىسمى جىسمىغا لايىق ‹‹بادام يۇرتى››غا، بادامچىلىقنى دېھقانلارنى بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.

    توققۇز سەنەم يۇرتىدا مەشرەپ

    بادام چېچەك بەزمىسى چۈشتە ئاخىرلاشتى. چۈشتىن كېيىن پائالىيەت مەنزىلى بولغان كاچۇڭ يېزىسىغا يول ئالدۇق. بىز سەپەردە تومئۆستەڭ، ئارسلانباغ، ئودانلىق يېزىلىرىنى كېسىپ ئۆتتۇق. يول بويى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كەڭ كەتكەن سالا ئېتىزلاردىكى ھۈپپىدە چېچەكلىگەن بادام دەرەخلىرى دىققىتىمىزنى تارتتى. قاياققا قارىماي، كۆز ئالدىمدا ئايان بولغىنى ئاپپاق چېچەككە پۈركەنگەن باداملىق باغ بولدى. مەن بۇنىڭدىن، يەكەننىڭ ھەممە يېرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا لايىق ‹‹بادام يۇرتى››غا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، بادامنىڭ يەكەن دېھقانلىرىنى بېيىتىدىغان ‹‹ئەڭگۈشتەر››گە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىز ئالاھازەل بىرەر سائەتتەك يۈرۈپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چەت تاغلىق يېزىلارنىڭ بىرى بولغان كاچۇڭ يېزىسىغا كەلدۇق. بىز يېزا مەركىزىدىن يەكەن دەرياسى تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىمىزدا، موتوسىكلىت، ماشىنا، تىراكتور، ئات – ئېشەك ھارۋىلىرى بىلەن توپ – توپ كېتىۋاتقانلار ئۇچرىدى. مەن يېنىمدا ئولتۇرغان دوستۇم، ئاممىباب ھېكايىلىرى، نادىر رومانلىرى بىلەن ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىۋاتقان يازغۇچى ياسىنجان سادىقتىن:

    — ئاداش، بۇلار نەگە ماڭغانلار، – دەپ سورىۋېدىم،ياسىنجان ماڭا:

    — ئۇلارمۇ بىز بارىدىغان مەشرەپ سورۇنىغا ماڭغانلار. كاچۇڭلۇقلار ناخشا – ئۇسسۇلغا ئاجايىپ ئامراق، كاچۇڭ خەلقى كاچۇڭ توققۇز سەنىمىنى ئىجاد قىلىپ، شۇ ئاساستا ئۆزىگە خاس مۇقام مەدەنىيىتىنى ياراتقان. كاچۇڭ توققۇز سەنىمى مۇقام بىلەن باشلىنىپ، جۇشقۇن ئېيتىلىدىغان بولغاچقا، ئېيتىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە ئۇيغۇر ‹‹ئون ئىككى مۇقام››ى، دولان مۇقاملىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. 2005 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر كاچۇڭ سەنىمىنى ئاڭلاش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى ھەم ئۇنىمەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈشكە يوللىدى، بۇلتۇر 10 – ئايدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى كاچۇڭ سەنىمىنى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ يۇرتتا مەشرەپ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلمىسىمۇ دېھقانلار بىر – بىرىدىن ئاڭلاپ، ھەر قانچە زۆرۈر ئىشى بولسىمۇ تاشلاپ، مەشرەپكە قاتنىشىپ پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ ئاندىن ئىشىغا ماڭىدۇ، – دېدى.

    بىز يەكەن دەرياسىنىڭ كاچۇڭ سۇ تەقسىملەش تۈگۈنى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ چارەك سائەت ماڭغاندىن كېيىن يىراقتىن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بىر تۆپىلىك كۆرۈندى. ماشىنا، تىراكتور، ئات – ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئاپتوبۇسىمىز يىراقتىلا توختاپ، پائالىيەت سورۇنىغا مېڭىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدۇق. مەشرەپ سورۇنى بۇ يېزىنىڭ كەنچىمدۇ كەنتىنىڭ دەريا بويىدىكى تۆپىلىككە راسلىنىپتۇ.سورۇننىڭ جەنۇب تەرىپى ئېگىز تاغلىق، شىمال تەرىپى دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى كۆز يەتكۈسىز ياڭاقلىق باغ، تۆپىلىكتىن 30 مېتىرچە پەستە غەربتىن شەرققە سوزۇلۇپ ئېقىۋاتقان يەكەن دەرياسى بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنگەن قۇياش سۈپسۈزۈك ئاسماندىن ئوتلۇق مېھرىنى زېمىنغا تۆكسە، دەريا كۈمۈشتەك تاۋلىنىپ، يىلاندەك تولغىنىپ ئاقاتتى، تاغلار بۇ يۇرت خەلقىنىڭ مەردانىلىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە ھەيۋەت قەد كۆتۈرسە، باغلار دېھقانلارنىڭ ئەجرىگەلايىق مېۋە بېرىش چۈشىنى چۈشەۋاتقان گىرەلەشمە ھالەتتىن ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. مەن مەشرەپ سورۇنىغا كىرىۋېتىپ، بۇ يەردىكى ئادەم 10 مىڭدىن كەم ئەمەس، دەپ پەرەز قىلدىم. مېنىڭ ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ھەيران قېلىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىئەركىن ئاۋۇت ماڭا: ئاداش كۆرۈپ تۇرۇپسەن، يەكەننىڭ مۇقام مەدەنىيىتىگە گەپ كەتمەيدۇ، كاچۇڭ خەلقىنىڭ مۇقامغا ئامراقلىقىغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلغانلارنى بىرلا يېزىنىڭ ئادەملىرىمىكىن دەپ قالما، بۇلار كاچۇڭ يېزىسىغا قوشنا بولغان ياقائېرىق، زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىسى، قوشراپ، دامسى يېزىلىرىدىن كەلگەن. بۇيېزىلار ئاساسەن چەت، تاغلىق يېزا بولغاچقا، بۇ يېزىدىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، مۇقام سەنئىتى جەھەتتە ئوخشاشلىق كۆپ، مەدەنىيەت، سەنئەتكە قىزىقىش جەھەتتىمۇ بىر – بىرىدىن قېلىشمايدۇ. يېزىدىن ئەلنەغمىچىلەرگىلا خەۋەر قىلىدۇ، باشقىلار ئۆزلۈكىدىن ئارىلىقنى يىراق دېمەي كېلىدۇ، دېدى.

    تۆپىلىكتىكى گىلەم، پالازلار سېلىنىپ ئالاھىدە راسلانغان سورۇندا مۇقام توۋلاۋاتقان بىرەر يۈز دېھقان ئەلنەغمىچىنىڭ مەردانە ئاۋازى دەريا ساھىلىنى لەرزىگە كەلتۈرمەكتە ئىدى،ئۇسسۇلغا چۈشكەن دېھقانلارنىڭ جۇشقۇن، رىتىملىق، چاققان ھەرىكەتلىرى تاغلىقلارنىڭ مەردانە، قەيسەر خاراكتېرىنى نامايان قىلاتتى...

    مەن كاچۇڭ يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرۇسۇل كېرەمدىن: بۇ يېزىدىكىلەر مۇقام، سەنئەتكە ئاجايىپ ھېرىسمەنكەن. ئۇنداقتا ئۇلار مەشرەپ ئويناپ يۈرۈپ، دېھقانچىلىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغاندۇ، دەپ سورىدىم چاقچاق قىلىپ. ئابدۇرۇسۇل كېرەم ماڭا: توغرا دەيسىز، يېزىمىز خەلقى مۇقامغا بەك ئامراق،شۇڭا يېزىدا ھەر شەنبە كۈنى مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز. ئۇ كۈنىمۇ مەشرەپ ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ. كاچۇڭ خەلقىنىڭ كۈنلىرى مەشرەپسىز ئۆتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكى نورۇز مەشرىپى بىلەن باشلىنىپ، يىل ئاخىرىدا مول ھوسۇل مەشرىپى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق ئۇلار ناھايىتى ئەمگەكچان، يېزىمىزدا 20 مىڭ 900 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، بۇنىڭ 20 مىڭ موسى ياڭاقلىق باغ. يېزىمىزنىڭ كىلىماتى ياڭاق ئۆستۈرۈشكە ماس كەلگەچكە، بىز ياڭاقچىلىقنى ئالاھىدە راۋاجلاندۇردۇق. بۇلتۇر دېھقانلىرىمىز ياڭاق سېتىپ 13 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ پۇل كىشى بېشىغا 760 يۈەندىن توغرا كەلدى، دېدى.

    مەشرەپ تازا قىزىۋاتاتتى. مەن مۇئاۋىن ھاكىم ئابدۇغوپۇر ئەمەت، مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئاۋۇت، ياسىنجان سادىق بىلەن كاچۇڭ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، مەرھۇم شائىر، يازغۇچى باتۇر روزى توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم. باتۇر روزى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن 21 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەردانە، ھېسسىياتقا تويۇنغان، پىكىرگە باي شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭتەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان شائىر ئىدى. 2007 – يىلى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە 41 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى كاچۇڭ يېزىسىنىڭ چىمدۇ كەنتىدە دەپنە قىلىنغان. باتۇر روزى ھايات ۋاقتىدا كاچۇڭ سەنىمىنى رەتلەش، نەشرگە تەييارلاشقا ئۇزاق يىل كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنىدى...

    قۇيان غەربكە قىيسىيىپ تەبىئەتكە گۇگۇم پەردىسى تارتىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، مۇقام ساداسى دەريا شاۋقۇنىغا قوشۇلۇپ يىراقلارغا تاراۋاتاتتى، ھەممە ئادەم مۇقامنىڭ شوخ،جۇشقۇن رىتىمىغا ئۇسسۇل ئويناپ، بەختىيار تۇرمۇشقا، ھۆر زامانغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى...

خاتىمە

مۇقام دىيارىدا بادام چېچەك تەنتەنىسى داۋام قىلماقتا.چۈنكى، ئاشۇ ھۈپپىدە ئېچىلغان چېچەكلەر كۈزدىكى مول ھوسۇلنىڭ بېشارىتى. ئاشۇ چېچەكلەر يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن غۇچچىدە مېۋىگە ئايلىنىپ، بادام شاخلىرىنى دېھقانغا سالام بەرگۈزىدۇ. شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان مېۋىلەر دېھقاننىڭ ئېتىزدا بىر يىل تارتقان جاپاسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، كۈزدە دېھقاننىڭ يانچۇقىنى پۇلغا تولدۇرىدۇ. شۇڭا يەكەندىكى دېھقانلار ھەر يىلى باھار كېلىپ بادام چېچەكلىگەندە مەشرەپ ئويناپ، ئىشىغا بەرىكەت تىلەيدۇ، مەشرەپ ئارقىلىق ئانا دىيارىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى، سەلتەنىتىنى، گۈزەل، سېھىرلىك قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شاد – خۇراملىق ئىلكىدە باشلانغان بۇ باش باھار گۈزەل مۇقام دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى مول ھوسۇللۇق پەسىلگە، بەختىيار تۇرمۇشقا باشلايدۇ. بادام يەكەن دېھقانلىرىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ توققۇزىنىڭ تەل بولۇشىدا سېھىرلىك خاسىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_800.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号