ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
ناخشا تېكىستلىرىنىڭ كارامىتى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:92  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى شېئىردىن باشلانغان. شېئىر مەيدانغا كېلىش بىلەنئۇنىڭغا مۇزىكا بېرىكىپ، شېئىر مۇزىكىنىڭ ئايرىلماس جۈپتى بولغان. شۇڭا، شېئىر بىلەن مۇزىكىنى قوشكېزەك دېيىشكە بولىدۇ. ناخشىنى ناخشا قىلىپ، ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان شېئىر بىلەن مۇزىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەركىب خۇددى گۆش بىلەن قانغا ئوخشايدۇ. فىرانسىيەلىك ئالىم ياك مالتان ‹‹شېئىر بارلىق سەنئەتنىڭ مەنىۋى ھاياتى. ئۇ پىلاتون ئېيتقان مۇزىكىنىڭ يەنە بىر نامى›› دېگەن. گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئۇلۇغپەيلاسوپى مارتېن ھېيدگېر ‹‹شېئىر ئەڭ ئالىي سەنئەت، سەنئەتنىڭ سەنئىتى، يەنى سەنئەتنىڭ ماھىيىتى›› دېگەن. مۇزىكىنى بولسا، ئىلىم ئەھلىلىرى بىردەك ‹‹مۇزىكا بىر خىلھاياتىي كۈچ›› دەپ ھېسابلايدۇ. ياك مالتان ‹‹مۇزىكا ئاۋاز ئەمەس، سەزگۈ›› دېگەن. مارتېن ھېيدگېر ‹‹ناخشا ئاۋازى ھاياتلىق›› دەپ تەرىپلىگەن.

    تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ناخشا بىزنىڭ ساددا چۈشەنچىمىزدىكىدەك ئانچە ئاددىي نەرسە ئەمەس. ئۇ شېئىر بىلەن مۇزىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئالىي سەنئەتنىڭ ئىككى خىل ھاياتىي كۈچىنىڭ بىرىكمىسىنىڭ مەھسۇلى. شېئىرمۇ، مۇزىكىمۇ يۈرەكنىڭ قات – قېتىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ناخشا ئىككى خىل ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ قوشۇلمىسىنىڭ جەۋھىرى. شۇنداقلا ئىككى خىل بەدىئىي ئىقتىدارنىڭ ئىجادىي بۈيۈكلۈكتە چاقنىشى. قايناق ھېسسىياتنىڭ جاراڭلىشى، ھېسسىيات پىلتىسىنىڭ ئوت ئېلىشىدىن تۆرەلگەن ناخشا يۈرەكلەرنى لەرزىگە سېلىپ، كۆڭۈلنى يايرىتىدىغان پەۋقۇلئاددە تەسىر كۈچىگە ئىگە سەنئەتتۇر. شۇڭا، ئۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەتىۋارلىنىپ، ئەل بىلەن ھەمنەپەس، سىرداش بولۇپ ياشاپ كەلدى. ئۇ كىشىگە سۆيگۈ – مۇھەببەت، مېھىر – ۋاپا، ئۈمىد، ئىشەنچ، غەيرەت – جاسارەت، ئىرادە بېغىشلايدۇ.

    ناخشىنىڭ شېئىر (تېكىست)ىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تولىمۇ يۇقىرى. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ياراتقان ئېسىل خەلق قوشاقلىرىنىڭ ھەممىسىلا ناخشا بولۇۋەرگەن ئەمەس. پەقەت ئۇنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان، خەلق ئەڭ ياقتۇرىدىغان، ئىنچىكە تاللانغان جەۋھەرلىرىلا ناخشا بولالايدۇ. بىز ناخشا قىلىپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئېسىل قوشاقلارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلساق، مۇنداق بىر نەچچە ئالاھىدىلىكنى بايقايمىز:

    1) قىسقا – ئەپچىل، سۆزلىرى تاۋلانغان، مېغىزلىق. 2) تىلى ئاددىي – ئاممىباب، دەبدەبىلىك سۆزلەردىن خالىي. 3) سۆزلەر يۈرەك قېتىدىن ئېتىلىپ چىققاندەك ھېسسىياتلىق. شۇڭا ناخشا قايناق ھېسسىياتلىق، تەسىرلىك بولۇپ، ئاڭلىغۇچىدا زوق – ھاياجان قوزغايدۇ. بۇ مۇھىم سەۋەب. تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، ئاممىۋىلىققا ئىگە، خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرد – ئەلەم، مۇڭ – زارى، قايغۇ – ھەسرىتى ۋە خۇشاللىقى، ئارزۇ – ئارمىنى ھەم ئۈمىد – ئىستەكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يىغىپ ئېيتقاندا، ناخشا تېكىستى بەدىئىي جەھەتتىن يۇقىرى ئۆلچەمگە يەتكەن، ئەلنىڭ نەزەرىدىن ئۆتەلەيدىغان، كۈتكەن يېرىدىن چىقالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق ياخشى شېئىرلار (تېكىست) ناخشا ئىجادىيەتچىلىرى (كومپوزىتورلار) ۋە ناخشا خۇمار خەلقنىڭ تاللىشى بولالايدۇ.

    گېرمانىيە شائىرى ھېنرىخ ھېينىينىڭ 5000 دىن ئارتۇق شېئىرى ئاھاڭغا سېلىنغان. ئۇنىڭ ‹‹سەن گۈلگە ئوخشايسەن›› دېگەن سەككىز مىسرالىق شېئىرىغا 250تىن ئارتۇق مۇزىكا ئىشلەنگەن. بۇ شېئىرىيەت ۋە مۇزىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال. ھېينىينىڭ شېئىرلىرىنىڭ كومپوزىتورلارغا شۇنچە ياراپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يۈرەكنى ھاياجانلاندۇرىدىغان قايناق ھېسسىيات، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن. شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى سىيلىق – سىپايە، ئىنچىكىلەپ سىزىلغان سۈرەتتەك جانلىق، تەسىرلىك تەسۋىرلەردىن ئىنتايىن گۈزەل، تاڭ قالارلىق مەنزىرە، كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان چۈشكە ئوخشاش خىيالىي دۇنيا كىشىنى ئەسىر قىلىدۇ. شائىرنىڭ گۈزەل ھەم ھەسرەتلىك ئەسلىمىلىرى بىزنى بىر ياقتىن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان بەخت ھەم خۇشاللىقتىن بەھرىمەن قىلسا، يەنە بىر ياقتىن دەرد – ئەلەم، پەرىشانلىق، قايغۇ – مۇڭ بىلەن ئورتاقلاشتۇرىدۇ. بۇ شېئىرلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، خەلق ناخشىلىرى ۋە ئاۋام خەلق تىلىدىن ئوزۇقلۇق ئالغان. شۇڭا تىلى ئاددىي – ساددا، چىن، يېقىملىق، مۇزىكىلىق، ئاھاڭدارلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك. تۆۋەندىكىمىسرالارغا قاراپ باقايلى:

    كارۋىتىم بېشىدا ئۆستى بىر دەرەخ،

    ئۈستىدە كۈيلەيدۇ بۇلبۇل چاڭىلداپ.

    كۈيلەيدۇ زوق بىلەن ساپ مۇھەببەتنى،

    چۈشۈمدە ھېلىھەم تۇرىمەن تىڭشاپ.

    بىز بۇنىڭدىن ھېينىينىڭ ئاجايىپ لىرىكىلىرىنىڭ لەززىتىنى تېتىپ كۆرگەندەك، ئۇنىڭ نازۇك، ساپ، ھېسسىياتقا باي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز.

    سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى ئىساكوۋىسكىينىڭ نۇرغۇن لىرىك شېئىرى ناخشا بولۇپ كەڭ تارقالغان. ئىساكوۋىسكىينىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يېزىلغان لىرىكىلىرى مەيلى تىنچلىق ياكى ئۇرۇش يىللىرىدا بولسۇن، كىشىلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ناخشىغا ئايلىنىپ، سوۋېت كىشىلىرىنى ئىلھاملاندۇرغان. شىددەتلىك جەڭ مەيدانلىرىدا، قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا، يېزا، قىشلاقلاردا كىشىلەر بۇ ناخشىلارنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىگەن. ‹‹كاتيۇشا›› دېگەن ناخشا ئۇرۇش يىللىرىدا ھەممە يەردە ياڭرىغان. كاتيۇشا دېگەن قىزنىڭ ئوبرازى ئۇرۇش يىللىرىدا سوۋېت خەلقىنىڭ ۋەتەنگە، مۇھەببەتكە سادىقلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان، شۇنداقلا فاشىستلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان كۈچلۈك قورال بولغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى پۈتۈنلەي رېئال تۇرمۇشتىن، شۇ زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ھېسسىياتىدىن كەلگەن. مۇزىكا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرگىنىدەك، ناخشا تېكىستلىرىمۇ بىر مىللەت ناخشا مەدەنىيىتىنىڭ ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىز يۇقىرىقىلاردىن ناخشا تېكىستلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيمىز.

    ناخشا مارش تىپىدىكى ناخشا، سىياسىي مەزمۇندىكى ناخشا، ئاممىباب ناخشا، دەپ بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنۈشى مۇمكىن. مارش تىپىدىكى ناخشىلار بىلەن سىياسىي مەزمۇندىكى ناخشىلارنىڭ سىياسىي مەزمۇنى كۈچلۈك، سالماق بولۇشى كېرەك. لېكىن، مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولغان ئاممىۋى ناخشىلارنىڭ تېكىستى ھېسسىياتقا باي، چوڭقۇر شېئىرىي مەنىگە ئىگە، ئوبرازلىق، خەلق قوشاقلىرىغا (ناخشىلىرىغا) يېقىن، ئېنىق بولغىنى ياخشى. بىزنىڭ ئاممىباب ناخشىلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك ئاجىزلىق شۇكى، قاتماللىق ئېغىر، تېكىستلىرى قېلىپلىشىپ قالغان، ئىجادىيلىق كەم، بەدىئىي قىممىتى تۆۋەن. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، يالىڭاچ، بەك ئاددىي، ھەتتا ئىنتايىن پۇچەك تېكىستلەرمۇ ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى ۋە ئېيتىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، تېكىست ئاپتۇرىنىڭمۇ، كومپوزىتورنىڭمۇ تېكىستكە بولغان تەلەپچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس. بەزىلەر ناخشاتېكىستىنى بەك ئاددىي چاغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ناخشا تېكىستى يېزىش شېئىر يېزىشتىنمۇقىيىن. نۇرغۇن شائىرنىڭ تازا تاۋلانغان، پىشقان، تاتلىق شېئىرلىرى ناخشا تېكىستى قىلىپ تاللىنىدۇ. تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ ‹‹يوللۇق ئالما››، ‹‹ئىشچان يىگىت››، ‹‹ئوما ناخشىسى››، ‹‹تۈگىمەس ناخشا››، ‹‹ئازاد زامان›› قاتارلىق شېئىرلىرى ئەنە شۇنداق جەۋھەرلىك شېئىرلار. بۇنىڭ ئەكسىچە بىرمۇنچە تېكىستلەر بىر – بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تومتاق، جانسىز، مەنىسىز قۇرۇق سۆزلەرنىڭ ئاددىي تىزمىسىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنداق كەيپىياتى تۆۋەن، سوزۇق تېكىستلەر مۇزىكىغا خۇددى ‹‹تاشنى تاياققا تاڭغاندەك›› تېڭىلسىمۇ يېپىشمايدۇ، مۇزىكا بىلەن قايناتسا قېنى قوشۇلمىغاندەك چېنىپ، ھېچكىمگە ياقمايدۇ. ناخشىنىڭ بەدىئىي قىممىتى چوڭقۇر مەنىنىڭ قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلىنىشىدە. ناخشىنىڭ مەزمۇنى، روھىي ھېسسىيات ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، سېھرىي كارامەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان كىشى تەبىئىي يوسۇندا زوقلىنىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ. ھېسسىيات بولمىغان تېكىستنىڭ مەزمۇنى ھەر قانچە يېڭى، چوڭقۇر بولسىمۇ تەسىر كۈچى بولمايدۇ. چوڭقۇر، قايناق ھېسسىياتقا ئىگە تېكىستلەر ئۆزگىچە شېئىرىي گۈزەللىككە، ھېس – تۇيغۇلارنى جانلاندۇرىدىغان تەسىر كۈچكە، يېڭى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولالايدۇ. بۇنداق تېكىستلەر بەدىئىي دىتى كۈچلۈك، تەلەپچان كومپوزىتورلارنىڭ مۇقەررەر تاللىشى بولۇپ، ناخشىنىڭ جېنىغا جان، قېنىغا قان بولۇپ، ئۆلمەس ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلالايدۇ. بەدىئىي ماھارەتنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىدىن تېكىستلەرنىڭ ساپا – سەۋىيە جەھەتتىن يۇقىرى – تۆۋەن، پەرقلىق بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال.

ئومۇمەن، كۈچلۈك ئىزدىنىش، ئىجادچانلىق روھ بولسىلا، مېڭىپ ئادەتلىنىپ قالغان تار كېچىكتىن چىقىپ، يېڭى يول تېپىپ قاتماللىقتىن قۇتۇلۇپ، تېكىست ئىجادىيىتىدە يېڭى سەۋىيە ياراتقىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، مول تېكىست يېزىش تەجرىبىسىگە ئىگە شائىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_799.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号