ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> يادىكارلىق >>
ئۈزۈلمەيدۇ خەلق ناخشىسى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:761  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

   ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى تىلغا ئېلىنسا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە يېزا – قىشلاق، ھويلا – ئارانلاردا، توي – تۆكۈن، مەشرەپ سورۇنلىرىدا زوق – شوخ بىلەن ئېيتىلىدىغان يېقىملىق، ئۆلمەس ناخشىلار قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلايدۇ، سەھرانىڭ ئېگىز – پەس توپىلىق يوللىرىدا ھارۋا ھەيدەپ كېتىۋاتقان بوۋايلار، ھارۋىسىغا ئوتۇن – قومۇش بېسىپ جاڭگالدىن يېنىۋاتقان يىگىتلەر، باغقا كىرىپ گۈللەرنى تاماشا قىلىۋاتقان قىزلار، نەۋرىسىنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرىتىپ ئولتۇرغان مومايلار ۋە قوي – كالىلىرىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقان پادىچى بالىلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ناخشىسىز بولمايدۇ، ئۇلار ناخشا ئارقىلىق ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ، تۇرمۇشىغا مەنە قوشىدۇ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ...

    بۇ ئاتاقلىق يازغۇچى ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىغا بەرگەن باھاسى. يېقىندا مانا مۇشۇ خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى، روھى، قەلبىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان، خەلقىمىزگە زور ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى رەتلىنىپ، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى تەرىپىدىن ئالتە توملۇق قامۇس قىلىپ نەشر قىلىندى. مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قامۇسنى ئىشلەشكە قاتناشقان ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، خادىملارنى زىيارەت قىلدىم.

    ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى شىنجاڭنىڭ، جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ. بۇنى تونۇتۇش نەشرىياتتىكىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى، دېدى شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئادىلجان ئابدۇسالام، – ئىلگىرىمۇ ناخشا كىتابلىرى چىققان، لېكىن ئۇيغۇر خەلقناخشىلىرى نامى بىلەن ئەمەس، ‹‹قەشقەر خەلق ناخشىلىرى››، ‹‹كۇچا خەلق ناخشىلىرى›› دېگەندەك جايلارنىڭ نامى بىلەن چىققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى بەش سىزىقلىق خەلقئارالىق نوتىغا ئېلىنمىغان، بىز بۇ قېتىم بارلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ رەتلەپ چىقىپ، جاھان ئەھلىگە تونۇتۇش مەقسىتىدە بۇ قامۇسنى نەشر قىلدۇق.

    ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىجاد قىلغان ۋە داۋاملىق بېيىتقان، ئۇ خەلقىمىزنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئىشتىياقىنى، ئارزۇسىنى، ھېس – تۇيغۇلىرىنى، قابىلىيەت ۋە ماھارەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتەك خاس ئالاھىدىلىكى، باي تارىخىي مەنبەدارلىقى، ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە سەنئەت قىممىتى بىلەن ھازىرقى زامان ناخشا سەنئىتىمىزنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇرۇماس بۇلاق بولۇپ كەلدى. 2000 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرى داۋامىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا خەلقىمىزنىڭ پاراسەت ۋە ماھارەتلىرىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق، جاسارەت، غەيرەت، چىن مۇھەببەت، ئۈمىدۋارلىقبىلەن تىنماي ئالغا ئىلگىرىلەشتەك مىللىي روھنىڭ غايەت زور سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلدى.

    ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شۇنچە يىللار داۋامىدا بۇ ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، بۇ ناخشىلارنىڭ ئاھاڭى، مۇزىكىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان يازما شەكىلدىكى ماتېرىيال كەمدىن – كەم ساقلاندى ياكى يوق دېيەرلىك بولۇپ، سەنئەت ساھەسىدىكى بىر بوشلۇق بولۇپ قالدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگەندە، سەنئەتخۇمار خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئىپتىخار بىلەن توپلىغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ‹‹ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى›› نامى بىلەن بەش كىتاب نەشر قىلىندى، بۇ ناخشا توپلاملىرىغا 500 دىن ئارتۇق ناخشا كىرگۈزۈلۈپ، زور ئالقىشقا ئېرىشتى ھەمدە باشلامچى رول ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن ئارقا – ئارقىدىن ناخشا كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ، VCDپىلاستىنكا قىلىپ ئىشلىنىپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى جانلاندۇردى. ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى خەلق ئارىسىدا تېخىمۇ ئومۇملاشتى، ھەتتا بەزى ناخشىلار خەنزۇچە تېكىست بىلەن ئېيتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىشكە باشلىدى.

    2009 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى قايتىدىن رەتلەپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، خەلقئارالىق نوتىغا ئېلىپ، قامۇس قىلىپ نەشر قىلىشنى پىلانلىدى ھەمدە بۇ پىلاننى ئالتە ئايدا ئورۇنداپ، بۇ سەنئەت ساھەسىدىكى كاتتا سوۋغىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سۇنماقچى بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق يىل سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلىگەن، قەشقەر، خوتەن، كۇچا، ئاتۇش، تۇرپان، قۇمۇل، ئېلى، چەرچەن قاتارلىق جايلارنىڭ ناخشىچىلىرىنى تەكلىپ قىلدى. لېكىن، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئاسانغا توختىمىدى، ئۇلار دەسلەپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ خەلقئارالىق نوتىسى ساقلانغان، دەپ قارىغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار قامۇسقا كىرگۈزمەكچى بولغان ناخشىنىڭ %20 %30 ىنىڭلا خەلقئارالىق نوتىسى بار بولۇپ، قالغان ناخشىلارنى بىرمۇ بىر خەلقئارالىق نوتىغا ئېلىشقا توغرا كەلدى.

    نوتىغا ئېلىش خىزمىتى ھەقىقەتەنمۇ ئاسانغا توختىمىدى، ناخشىچىلار چېلىشقا، ئېيتىشقا ماھىر بولغان بىلەن ئۇنى نەزەرىيە جەھەتتە ئىپادىلەشكە، يازما شەكىلدە خاتىرىلەشكە ئاجىزلىق قىلدى، خەلقئارالىق نوتىنى كومپيۇتېردا ئۇرالايدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاز ئىدى، بۇ خىزمەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى، فولكلورشۇناس مۇھەممەد زۇنۇن ئەپەندى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى كۈي سۆيەر ئوركېستىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك دىرىژور ئابدۇراخمان ئايۇپ باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا خېلى قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.

    ھەر بىر يۇرتنىڭ ئاھاڭلىرى بار، ئۆزگىچىلىكى بار، ھەر بىر ناخشىنىڭ ئىنچىكە پۇراقلىرىنى نوتىدا ئىپادىلەشكە بولىدۇ، دېدى ئابدۇراخمان ئايۇپ، نوتىغا ئېلىشتا ناخشىلارنىڭ پۇرىقىنى، ئەينەنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر بىر يۇرتتىن ناخشىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇردۇق، كۈي شەكلى ئېنىق بولۇش، نوتا بەلگىسى توغرا بولۇش، ئۇدار ئېنىق بولۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويدۇق، كۆپىنچە ناخشىلارنى 1 – قېتىم خەلقئارا نوتىغا ئېلىش بولغاچقا، ناھايىتى قىينالدۇق.

    گەرچە نوتىغا ئېلىش خىزمىتى جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەت بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل، قايتا – قايتا ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئىشلىدى. ئەمدىكى خىزمەت ناخشىلارنىڭ ئەينەنلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەنئاساستا تېكسىتىنى رەتلەش بولدى.

    ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، دېدى مۇھەممەد زۇنۇن ئەپەندى، – ئۇ خەلقنىڭ، ناخشىچىلارنىڭ ئېيتىشى، مۇزىكانتلارنىڭ تەڭكەش قىلىشى، ئاممىنىڭ ھۇزۇرلىنىشى نەتىجىسىدە كىلاسسىك سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن، شۇڭلاشقا ناخشىلارنىڭ ئەينەنلىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەردۇق، تېكىست بىلەن ئاھاڭنىڭ بىردەك بولۇشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلدۇق.

    تېكىست رەتلەشتە تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىنىپ، ئەسلىي تېكىستلەر ساقلاپ قېلىندى. قىسمەن تەكرار تېكىستلەرنىڭ ئورنىغا مەزمۇنى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ۋەزىن، قاپىيەلەر تەسىرلىك، ئاھاڭ بىلەن ماسلاشقان تېكسىتلەر سەپلەندى. ئوخشاش بىر تېكىست ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭلارغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان بولسا ئاھاڭى ئايرىم نوتىغا ئېلىنىپ، تېكىستى تەكرار بېرىلدى. ناخشا تېكىستلىرىنىڭ تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە ئېلىنىپ ئومۇملاشقان بولغاچقا، شۇ بويىچە نوتىغا ئېلىندى ۋە ئىزاھات بېرىلدى.

    ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى كەڭ ئاممىۋىلىققا ۋە ئۈزلۈكسىز تارقىلىشچانلىققا ئىگە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ھادىسىسى بولغانلىقتىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ناخشىلارنىڭ پەيدا بولغان ئورنى ۋە تارقالغان جايلىرىنى بېكىتىش، بەزى ئاتالغۇ، يەرلىك شېۋىلەرنى ئايرىشتا يەنە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، يەرلىك شېۋىدە ئۇلار ئاڭلاپ باقىمىغان نەرسىلەر خېلى ئۇچرىدى، يەرلىك شېۋىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن يەرلىك شېۋىلەرنى دەلىللەشكە توغرا كەلدى. بىر ئاتالغۇنى دەلىللەش ئۈچۈن بىرەر ئاي ۋاقىت كەتكەن چاغلارمۇ بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا بۇنى ئايرىشتا نەشر قىلىنغان كىتابلار ئاساس قىلىنىپ، يەرلىك مائارىپچىلار، مۇزىكا مائارىپچىلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ قىيىنچىلىقمۇ ھەل بولدى. ناخشىلارنىڭ بوغۇملىرىغا، ئاھاڭلىرىغا دەز كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەزى ئىملا قائىدىلىرىگە سەل قاراشقا توغرا كەلدى. ناخشىلارنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە يېقىنقى زاماندىكى ئومۇملىشىش ئەھۋالى، قايسى يۇرتنىڭ سەنئەتكارلىرى كۆپرەك ئېيتقان ئەھۋالغا قاراپ، شۇ يۇرتقا تەۋە دەپ قارالدى.

    شۇنداق قىلىپ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى›› ناملىق بۇ قامۇسقا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېيتىلىپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ كەلگەن 1000 دىن ئارتۇقناخشا كىرگۈزۈلدى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ياردىمىدە گۈزەل كۈي مېلودىيەلەرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئورۇنلىنىپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ بىر يۈرۈش كىتابنىڭ ھەر بىر تومىدا مەلۇم چالغۇ ئەسۋابلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلدى. بۇ قامۇس سەنئەت قامۇسى بولغاچقا، ئىچ – تېشىنى لايىھەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، مۇقاۋىغا، ئىچ بەتنىڭ لايىھەسىگە 20 نەچچە خىل لايىھە ئىچىدىن مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتلىشىپ، ئەڭ نەپىس لايىھەنى تاللاپ چىقتى. باسما جەھەتتە ئەڭ ياخشى قەغەز ئىشلىتىلىپ، باسما سۈپىتىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، مەدەنىيەت خەزىنىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ پائالىيەتچان، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مەپتۇنلۇق سەنئەت تۈرى بولغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى ماتېرىيالى بار بولدى. بۇ قامۇس 2011 – يىل دۆلەت بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ نەشر قىلىنىپ، كىتابخانىلارغا كىرگۈزۈلۈپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

    پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىندا زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور دەرىجىدە گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا قارار ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، مەملىكىتىمىزنى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپقۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قاراردا مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى، ئۇنىڭ خەلقنى يېتەكلەش رولى بار دېيىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا جاڭ چۈنشيەن شۇجى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭچە يېڭى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەدەنىيەت مىللەتنىڭ قان تومۇرى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاۋازى، قەلبى، روھى. ئۇنىڭ خەلقنى ئۈمىدۋار، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدۇ، بۇ قامۇسنى ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر دېيىشكە بولىدۇ، دېدى مۇھەممەد زۇنۇن ئەپەندى زىيارەت ئاخىرىدا.

    بۇ قامۇس ئوقۇرمەنلەرنى، سەنئەت خادىملىرىنى، سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىنى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەنئەنىگە ئىجادىي، زامانىۋى مەزمۇن بېرىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىناق جەمئىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتتە جانلىق تارىخىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ، خەلقنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، روھىنى پاكلايدۇ، ئۇلارنىڭ باياشات، زامانىۋى شىنجاڭنى بەرپا قىلىشىغا مەنىۋى جەھەتتىن يار – يۆلەك بولالايدۇ، دېدى ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى بۇ قامۇسقا باھا بېرىپ.

    بۇ قامۇس نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان 3 – چوڭ قامۇس، دېدى ئادىلجان ئابدۇسالام، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ قامۇسنى بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يەرمەنكىلەرگە كۆتۈرۈپ بارالايمىز، بۇ قامۇسنىڭ يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىممىتى، جەمئىيەتتە پايدىلىنىش قىممىتى، ساقلاش قىممىتى يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ قامۇس ناخشىچىلارغا، بولۇپمۇ يېڭىدىن پىلاستىنكىلارنى چىقىرىۋاتقان ياش ناخشىچىلار ئۈچۈن ھەقسىز خەزىنە، ساياھەتچىلەر ئۈچۈنمۇ تۆھپە، ھەۋەسكارلار ئۈچۈن خالىس ئوقۇشلۇق، خەلقنىڭ ساقلىشىغىمۇ ئەرزىيدۇ.

    مۇزىكا مائارىپىدا بولۇپمۇ ناخشا ئوقۇتۇشىدا مۇشۇنداق ئوقۇشلۇق ئىنتايىن كەمچىل ئىدى، بۇ قامۇس ئەمدى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىغا كىرىپ، مۇزىكا ئوقۇتۇشىدىكى گۆھەر بولۇپ قالىدۇ، خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دېدى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى تۇرسۇنجان لېتىپ يەركەندى.

    ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، خەلق ناخشىلىرىمىز يۇقىرى ئېستېتىك قىممىتى بىلەن ناخشىچىغىمۇ، ئاڭلىغۇچىغىمۇ ناھايىتى ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، مەنىۋى كۈچ – قۇۋۋەت، ئۆزگىچە ھېس – تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان بۇ قامۇس، سەنئەت ساھەسىدىكى بۇ گۆھەر دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا كەڭ ئالماشتۇرۇلۇش، ئۆز ئارا ئوزۇق ئېلىش جەريانىدا تېخىمۇ گۈللەپ ياشناپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقىغا ئايلانغۇسى.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/yadikar_798.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号