ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> شىئىر >>
ئېشەك بىلەن قوي (ئەخمەت ۋاھىدى)
 يوللىغۇچى:佚名  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:32  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

                        (  مەسەل )

بىر ئېغىلدا ياشايدىكەن ئېشەك بىلەن قوي،

قۇترىسىمۇ كاللىسىدا ھەر خىل يامان ئوي.

ياۋاش قوينىڭ ئېشەكۋايغا ئىخلاسى چىڭكەن،

لېكىن ئېشەك ياتسا-قوپسا قۇلىقى دىڭكەن.

ئېشەكۋاينىڭ ئېغىز-پۇتى تۇرمايدىكەن بوش،

شۇم نىيەتتە كۆڭلى ئەسلا بولمايدىكەن خۇش.

تېپەر ئىكەن توخۇ، توشقان، غازنى كۆرگەندە،

چىشلەيدىكەن خۇشامىتى ئازنى كۆرگەندە.

كۈندىن-كۈنگە يامان بوپتۇ ئېشەكنىڭ ھالى،

چاغلايدىكەن ئۆزىنى ئۇ يولۋاستىن ئالىي.

چۈش كۆرەركەن ئېشەك ئالتۇن ئېگەر-توقۇمنى،

ھاڭرايدىكەن شۇڭا ھەر كۈن بىر خىل مۇقامنى:

" ئەي، خۇدايا، مۈڭگۈز بەرسەڭ ئۈسسىسەم قوينى،

جۈپۈم بىلەن ئويناپ-كۈلۈپ ئۆتكۈزسەم توينى.

خۇشامەتنى بىلمەيدىكەن قوي دېگەن ساراڭ،

بېشىنى تىقىپ ئوتلا يەيدۇ، سالمايدۇ پاراڭ .

كېلىشمىدى قوي بىلەن ھېچ مىجەز-خۇلقۇم،

ئوخشاشمىدى رەڭگى-رۇخسار، شەكىل-تۇرقۇم.

توخۇ-توشقان، ئۆردەك-غازنى يەكلىمەيدىكەن،

ھويلىرامغا كىرسە-چىقسا چەكلىمەيدىكەن.

قويغا قىلغان ئەقىدەممۇ كەتتى بىكارغا،

ئەسقاتمىدى بىر قېتىممۇ چىقسام شىكارغا.

ئەي، خۇدايا، قانات بەرسەڭ ئۇچسام ھاۋاغا،

قوي ئۈستىدە ھۇزۇرىڭغا چىقسام دەۋاغا.

شۇ خىيالدا ئىشان بولدۇم بېشىمدا سەللە،

مەدەت بەرگىن چىقالمىدىم ئېگىزكەن پەللە.

ھەمراھ قىلغىن ماڭا ئوخشاش ئېشەكتىن بىرنى،

گاھى يىغلاپ، گاھى كۈلۈپ، ساقلىدىم سىرنى."

 

ئېشەكۋاينىڭ پەريادىنى ئاڭلاپتۇ ئاللا،

كۆك قەرىدىن مۇنداق سادا كەپتۇ شۇئانلا:

" ئېشەك دېگەن نامىڭ بىلەن مەشھۇر سەن ئەلگە،

مۈڭگۈز بەرسەم ھاياتلىقتىن قالمايىتتى بەلگە.

ئۆتسۇن كۈنۈڭ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭنى بىلمەي،

جىمى مەخلۇق ئۇرۇپ-تىللاپ كۆزىگە ئىلماي.

بىر قوزۇققا باغلىنىپ سەن قۇللۇقتا ئۆتكىن،

ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنسىز تۇللۇقتا ئۆتكىن!"

شول ۋەجىدىن ئېشەكۋاينىڭ مۈڭگۈزى يوقمىش،

مۈڭگۈزى يوق ئېشەكۋايدىن قوي كۆڭلى توقمىش.

ئېشەكۋايمۇ ئۈمۈد باغلاپ ئەشۇ دەۋاغا،

ھاڭرارئىمىش دائىم قاراپ كۆككە-ھاۋاغا.

 

                                                   1973-يىل   مارت، ئۈرۈمچى

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/xier_85.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号