ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شاۋقۇنلارنىڭ تىلسىمىدا ئۆزۈمنى تىڭشىدىم،
ئاۋازىمنى كەستى ئاپىلېسىن رەڭگى.
ئۇنتۇلماقتىمەن ئاۋات كوچا چىرىغىدەك،
كىرىۋالىمەن كەچكۈزنىڭ تىترەك قوينىغا.
ھاۋا سوغۇق، ئاۋازغا ئايلانغان كۈنۈم،
توڭلاپ كەتتىم سايىلەرنىڭ يامراشلىرىدىن.
كالا گۆشى سۇيۇقئېشى تۇرار ھورلىنىپ
قۇچاقلىدى بىر قۇيۇن ئەخلەت دۆۋىسىنى.
شاكىلات ھەم شىرشىم كەمپۈت قەغەزلىرى
نۇر بەھرىدە ئۈزەر ئىدى بېلىجانلاردەك.
مېڭىپ يۈردۈم مىغ - مىغ ئادەم ئارىسىدا،
ئەركىنلىكىم، سۆيگىنىم پەلەك سىىرتىدا
قەلبىمدىكى كۈي قۇشلىرى
تاشتىن يىراق، ئورماندىكى سۆگەت شېخىدا
قەسەملەرگە ئوخشىغان ۋارقىراشلىرىم
پىتنىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى ۋاقىتقا.
كىم ئۇ بۇلبۇللارنى مېتالدىن ياساپ
ئېسىپ قويغان بوتكىلارنىڭ ئەينەكلىرىگە؟
كىم ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى
ئۇزۇن بامبۇك تايىقىدا كۆرسىتىپ تۇرۇپ
بىر توپ ئالساڭ ئالتە كوي دېگەن؟
يەر ئاستى ئۆتۈشمىنىڭ پەشتىقىدا
كىم ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە
ئالدىراش ئادەملەرگە غىجەك چالغان
ئاقارماقتا پۇل بىلەن ۋەھشىي داغلار
كىتابىنى دۇربۇن قىلىپ بىر سەنئەتكار
ساناپ باقتى بانكىنىڭ پەلەمپىيىنى
ئاياللار كۆنمەيدۇ گۈزەللىكىنى
شائىرلارنىڭ پۈكۈلۈپ كۆيلەشلىرىگە
ئۇلار ئۇسسۇل ئوينار ھۆپىگەرلەرنىڭ
پۇلنى كاناي قىلىپ پۈۋلەشلىرىگە
ئەمما، شائىرلار بەك سۆيگۈگە مۇھتاج
سۆيۈۋەرسە بولماس شېئىرنىلا
شېئىر ئەمەس ئۇ تەكرارلانغىنى
قەدىرلەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى ئەمەس
باشقىلارنى بېكەتتە كۈتۈشلىرىنى
پۇلدارلار سورۇنغا بولىدۇ زىننەت
سەنئەت ئۇ دەردلەردىن تۇغۇلغان ھىممەت
ئەمما، دەردمەنلەرنىڭ تويى بىناۋا
بولغاچقا ناخشىچى، سازەندە قىممەت
ئەزەلدىن سەنئەتكارنىڭ سۈپسۈزۈك يېشى
بولۇپ كەلدى زەردارنىڭ ئەيشىگە رىغبەت.
قىزىم
مەن تېخى يازالمىغان يۇمران بىر مىسرا
بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنى يازدى توساتتىن
مىنىبۇس ئىككىمىزنى تاشلىۋەتتى
مۇزلىغان ئاغزىغا قېرى كېچىنىڭ
ئاستا چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى
ياپقانىدى يۈزىنى خىرە كوچىنىڭ
چىراغنىڭ ئاستىغا كەلگەندە، قىزىم
ـ دادا، قار بەك چىرايلىق، - دېدى.
ـ ھە، قار بەك چىرايلىق.
ـ ئۇنى دەسسىمىسەك بوپتىكەن، داد؟
ــ دەسسىمىسەك قانداق ماڭىمىز؟
گەپ قىلالماي قالدىم بىر ھازا
زەي بىر كېچىنى
ئۆتكۈزدۈم مەن تاماكا شوراپ
ئوقۇيمەن شېئىر
ئۇخلاپ ياتقان قىزىمغا قاراپ
ئۇنىڭ قولىدىكى لاي قونچىقى
تىكىلەر گويا بىر نەرسە سوراپ.
دېرىزەم ئالدىغا كەلگەندە كۈن
ئېرىنىپ تۇرىمەن ئاستا ئورنۇمدىن
ئىتتىكلا تارتىمەن تېنىمگە نىقاب
بۇ بىر شەھەر
خەرىتىدىن تەمرەتكىدەك كۆرۈنەر ماڭا
دەرەخلەرنى قۇمۇرۇپ تاشلاپ
سېمونت بىلەن ياسايمىز بۇ ھەيكەلنى
نېمە ئۇ
چۈشەنمەيمىز قۇشلار تىلىنى
دوختۇرخانا ياتاقلاردا
ئىڭرىغان ئاۋازلار سارغىيىپ كەتكەن
«+» بەلگىسىنىڭ كۆلەڭگىسىدە
چىقىم بولۇپ تۇرماقتا پانىي ھاياتتىن
تېلېۋىزوردا قىلىشتى داۋراڭ
گىرىم دۇكىنىنىڭ خوجايىنىنى
ھېلىمۇ مەزمۇت غەربىي چوڭكۆۋرۈك
سۇلار ئاقماس ئاستىدا ئەمدى
ئۈستىدىن ئۆتەر
تاش بىلەن گىرىم پۇراپ تۇرغانلار
ئاستىدىن تاۋۇتلار ئۆتىدۇ پات - پات
قۇتۇلۇشقا دو تىكىلگەن ھايات.
چۆچۈپ تۇرساممۇ
ھەشەمەتلىك ماشىنىلاردىن
ئاسان ئەمەس ھەممىدىن كەچمەك
ئىللىق بىر تەسەللىي تاپالمىساممۇ
يۈرىمەن ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە سۆ〗لەپ
مانا بۇ
گۈللەر ئۆرتەنگەن ئاخشام
كىشىلەر ۋىتامىنغا بولدى ئىنتىزار
كۈندۈزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىرى
مەيخانىغا كىرىپمۇ ئالالمىدى تىن
قېلىنلاپ بارماقتا دىلدىكى غۇبار
رەنجىمە شېئىر
قىلىۋەتمە شائىرىڭنى ئۇنچىلىك نازۇك
كىشىلەرگە نان كېرەكتۇر ھازىر
كۈندۈزدە جان كۆرۈنسە گۈزەل
ئاخشىمى ھەسرىتىنى پىچىرلار ئۈنسىز
زامان كۈن ھەققىدە ئوقۇيدۇ داستان
ئاخىر تەمتىرەپ قالغاندا نۇرسىز.