ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئەجەپ ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى،
باشقا چىقتى بۇ كۆڭۈلنىڭ تارلىقى.
ئىشەنمەيسەن سۆزلىرىمگە ھەمىشە،
كەپتۇ بىزگە ئايرىلىشنىڭ يارلىقى.
ئەجەپ يىراق ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى،
چۈشەنگىنە بۇ كۆڭلۈمنىڭ بارلىقى.
يۈرۈپسەنكەن ئەسلى مىنى ئەخمەق قىپ،
بۇمۇ سىنىڭ ئۆز كۆڭلۈڭنىڭ قارلىقى.
ئەجەپ يىراق ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى،
بىلمىدىڭ سەن،ساڭاشۇنچە قىلغاننى.
خەيىر بوپتۇ بۇ ئىشلارمۇ ئۇنتۇلدى،
بىلگىن بۇ بىر ‹‹اللە›› ھەممىنىڭ سىنىقى.
شىئىرنى يازغۇچى : گۈلشەن ئەبەيدۇللا